شەرقىي تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 3

ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىمنىڭ شەرقى تۈركىستان پانىي دۇيادىكى دوزاخ ناملىق رومانىنىڭ داۋامى

 «شەرقى تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ » ناملىق بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ داۋامى

 
ھەبىبۇللا ئىزچى  
      
2- بۆلۈم: ئاپتوبۇستىكى چۈمبەللىك ئايال

بۈگۈرگە يېقىنلاشقانچە ئۇپۇقتىن بالقىپ چىققان قۇياش كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. خۇددى  شائىر شېئىرىدا يازغاندەك، قىپ -قىزىل قىزارغان يۇلغۇن چېچەكلىرى كەڭ تارىم چۆللۈكىگە يېيىلغان قىزىل گىلەمدەك تۈس بېرەتتى. ئۇزاقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئالتۇندەك سېرىق توغراق ياپراقلىرى بىپايان قۇملۇقنى ئالتۇن رەڭلىك كىمخاب بىلەن پۈركىگەن، توغراقلىققىچە كۆرۈنۈپ تۇرغان يول بويىدىكى قىپقىزىل يۇلغۇنلار بۇ بىپايان كىمخاپنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلغان زەردەك جۇلالىناتتى. قۇملۇقنى يېرىپ بالقىپ چىققان قۇياش تارىمغا  باشقىچە گۈزەللىك بېغىشلىغان ئىدى.

تاڭ سەھەرنىڭ بۇ گۈزەللىكىگە قىيالمىغاندەك ئاپتوبۇسمۇ ئۈستىدىكى يۈكلەرنى بۆشۈكتەك تەۋرىتىپ، ئىرغاڭشىپ يۇلغۇن ۋە توغراقلار بېزەپ تۇرغان چۇمپاق يولىدا بۈگۈرگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئاپتوبۇستىكى ھەممەيلەن سەھەرنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىغا چۆمگەن بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى بىر ئورۇندا بىر خىتاي يولۇچىنىڭ يېنىدا بېغىررەڭ تور رومال بىلەن يۈزىنى ئورىغان، ئۇزۇن چىت كۆينەك، پۇتىغا مەسە كالاچ كىيىۋالغان، جۇغى ۋىجىككىنە كەلگەن موماي تور رومال ئىچىدىن ئۇزاقلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. 

كېچىدە توقسۇ بېكىتىدىن مەڭنىساخاننىڭ يەر تېپىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشى بىلەن ئاپتوبۇسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا دېرىزە تۈۋىدە بىر يەردە بېغىررەڭ تور رومالغا چۈمكىنىپ، بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرغان بۇ «موماي» بىزنىڭ بۇ ھېكايىمىزدىكى قەھرىمانىمىز ئالىم ئىدى. تۈگىمەس خىيال ۋە دەككە- دۈككە ئىچىدە ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ئۇزاقلارغا قاراپ ئولتۇرغان ئالىم ئۈستىدىكى كىيىملەردىن تېزرەك قۇتۇلۇشنىڭ دەردىدىلا قالغان ئىدى. « يا بىرلىرى گەپ سورىسا، يا بىر كېلىشمەسلىك بولسا، ئاللاھ -ئاللاھ بۇ نېمە رەزالەت…» دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە.

ئايىغى چىقماس ئەبجەش خىياللار، جىددىيلىشىش، ھەممە ئادەم خۇددى ئۇنىڭغىلا قاراۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە كېچىدىكى قىيا -چىيالار، ۋارقىراشلار، مەلىكەم چوڭ ئاپىسىنىڭ ماجېڭۋېينى قارغاشلىرى، قوناقلىقتىكى پاتقاق ئىچىدە قېچىشلار ئۇنى ھالسىراتقان بولۇپ، خىيالدىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى. قۇلاق تۈۋىدە يېرىم كېچىدە تام تۆپىسىدىكى ساقچىلارنىڭ ئېگىز-پەس ۋارقىراشلىرى، سىياسىي كومىسسار ماجىڭۋېي دېگەن تۇڭگاننىڭ:« ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا يىغىڭلار! بالىلارمۇ قالمىسۇن!» دەپ ۋارقىراشلىرى جاراڭلايتتى.  دادىسىنىڭ تۈرۈلگەن  قاپاقلىرىنى، ئاپىسىنىڭ، چوڭ ئاپىسىنىڭ ، بالىلارنىڭ يىغىسىنى خىيالىدىن چىقىرالمايۋاتاتتى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توپلانغان دادىسى، ئاكىلىرى، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قورقۇشۇپ ئاران قالغان كۈزلۈك يىغىمغا كەلگەن ئىشلەمچىلەر، ئۆگزە، تام ئۈستىدىكى  ساقچىلار، ئىت يېتىلەپ ئۆي -ئۆگزە، ئېغىل، سامانلىقنى ئاختۇرۇۋاتقان  ساقچىلار كۆز ئالدىغا كېلەتتى.

دادىسىنىڭ ئاغىنىسى، ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ھوشۇر ۋاھاپنىڭ ئوغلى ئالىم ھوشۇر مۇ يەنە بىر قىسىم ساقچىلارنى ئارقىسىغا سېلىپ ئۆي، ئېغىل، سامانلىق ھەر يەرنى ئاختۇرۇۋاتاتتى. بۇ كەلگەنلەر ئىچىدە بۇ ئۆيدىن ئاش -تۇز يېگەن، بىر داستىخاندا بەرائەت ئوينايدىغان ئىنسانلار ۋە ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ بولۇشى، ئۇلارنىڭ فورما ئىچىدىكى ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈپ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن دادىسى ماجىڭۋېي دېگەننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا توپلىنىپ تۇرغان ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئاياللارغا بۇ تونۇش ئىنسانلارنىڭ ناتونۇش يۈزى قورقۇنچ سالغان ئىدى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشخانىسى باشلىقى كېۋىر رازى تۈلكىلىك بىلەن ئاياللاردىن بىر- بىرلەپ گەپ سوراۋاتاتتى.

 -راستىنى دەڭلار نەگە كەتتى؟! نەگە يوشۇردۇڭلار؟ ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ دېمىسەڭلار ھەممىڭلار تۈرمىگە كىرىسىلەر! بالىلىرىڭلارنى ئويلاڭلار! -دەپ قورقۇتۇپ سوراق قىلىۋاتاتتى.
 
ماجىڭۋېي بولسا دادىسىغا تەھدىت سېلىۋاتاتتى. ئۇ : « سەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قارامايدىن قوغلانغان ئۇنسۇر! ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەپ، بالاڭمۇ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر بولۇپتۇ! ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ سەن ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرمىساڭ ئوخشاشلا سەنمۇ جازالىنىسەن، كونا -يېڭى ھېسابنى بىراقلا قىلىمىز!» دەپ ۋارقىرايتتى. ئۇنىڭ چىرايى كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن ئەپيۇنكەشلەرگە ئوخشايتتى. چېچەك داغلىرى باسقان قاپقارا يۈزى، تاماكىدىن سارغىيىپ كەتكەن توڭكاي چىشلىرى، ئېگىز، ئورۇق بەستىگە ياراشمىغان سېرىق ساقچى فورمىسى، قولىنى شىلتىپ ۋارقىراشلىرى ئۇنى تولىمۇ ھەجۋى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. بۇ تۇڭگاننىڭ ئوبرازى  چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە » ئەسكىلىكى چىرايىغا چىققان» دېگەن سۆزنىڭ تىپىك  مىسالى ئىدى.

كېچىدىكى بۇ ئەنسىزلىكتە  يىغا -زارە ۋە قارغاشلاردىن يالغۇز بىرلا كىشى دۇنيادىن بىخەۋەر ئىدى، ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك ئېگىز-پەس سۆزلەپ ئولتۇراتتى. كەلگەنلەرنى ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى مۇرتازا، ياكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا پىپەن قىلىپ كۆكچى مەھەللىسىدە ئېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىسھاقخان خوجام، ۋە پىپەن، كۈرەشلەرگە چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغىلى كەتكەن خېنىم پاشانىڭ  ئەۋەتكەن ئادەملىرىكەن دەپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرەتتى. يۈز ئۈچ ياشقا كىرىپ قالغان، پۈتۈن چىشلىرى قايتىدىن چىققان، بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىۋالغان مەلىكەم ئانا ئىككى يىل بۇرۇن ئەقلىنى يوقاتقان بولۇپ، ئولتۇرسا -قوپسا ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى غوجاملار، خېنىملار، ۋە پەيغەمبەرلەر دۇنياسىدا ياشايتتى. ئۆيدىكى پۇل، ئالتۇن، نان قاتارلىق ئەقلىگە نېمە كەلسە شۇنى يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىۋېتەتتى. ئۇن، گۈرۈچ، ياغلارنى ئىشىك ئالدىدىكى قۇرۇپ بېلەكتەك قالغان كۇچار دەرياسىدىن بېھىشباغقا ئاقىدىغان سۇغا تۆكىۋېتەتتى. بىر كىيىمنى چۈشكىچە كىيەتتى. كىرلىرىنى تۇنساخاندىن باشقىسىغا يۇيغۇزمايتتى. ھەر قاچان تويغا بارىدىغاندەك ياسىنىپ پاكىزە يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۇ ھالىنى كۆرگەن ھېچكىم ئالىجوقا سۆزلىمىسىلا ئەقلىنى يوقاتقىنىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇ بۇ دۇنيادىن خەۋەرسىز ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا ياشايتتى.  ئۇنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىسا ئۇ غوجاملار، خېنىملار دۇنياسىغا، ئۆتمۈشكە كەتكەن ئىدى.

 ئەخمەت مەمەت ئىسىملىك بىر ساقچى «ئىتنى قويۇپ بەرگەن سەنمۇ؟!» دەپ ئۆينىڭ چوڭ ئوغلىنى  توك كالتەك بىلەن قىيناپ يەردە ئېغىنىتىۋاتاتتى،ۋە «ئالىم  نەدە؟!» دەپ ۋارقىراۋاتتى.
 
-ئالىم  نەدە؟!نەگە كەتتى؟! قاچۇرساڭلار ھەممىڭلار تۈرمىگە كىرىسىلەر؟!- دەپ تەھدىت قىلىۋاتاتتى.

قىيا -چىيا ئىچىدە  بىر ساقچى سامانلىقتىن تاغارغا پىششىق يۆگەلگەن شافگىراپ ماشىنىسى بىلەن بىر نەچچە تۇتۇم ماي قەغىزىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ «تاڭ نۇرى گېزىتى» نى باسقان شافگىراپ ماشىنىسى ئىدى. ئالىم ئاخشام تەييار بولغان تۆتىنچى سان «تاڭ نۇرى گېزىتى» نىڭ تەھرىرلەنگەن، تېخى ماي قەغەزگە يېزىلىپ بولالمىغان  ماقالە ۋە شېئىرلىرىنى شافگىراپ ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ سامانلىققا يوشۇرۇپ قويغان ئىدى.

ساقچىلار ئۆي، سامانلىق، ئېغىل، يۇڭ، تېرە -تىۋىت باسقان ئامبار دېگەندەك يەرلەرنى ئاختۇرۇپ مالىماتاڭ قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئالىمنى ھېچيەردىن تاپالمىغان ئىدى.

كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا بىر ھەيرانلىقتا قالغاندەك، بىر بۇنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىكى ئىشلاردەك ئويلاپ ئۆز-ئۆزىگە غوتۇلداپ، ئوتتۇرىغا توپلانغان ئەۋلادلىرىغا قاراپ تېخىچە نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى بىلمەي تۇرغان مەلىكەم چوڭ ئاپىسى يەردە توك كالتەكنىڭ ئازابىدا چىرقىراپ ئېغىناۋاتقان نەۋرىسى ۋە قولى ئارقىغا قايرىلىپ كويزا سېلىنغان ئوغلىغا قاراپ، تۇيۇقسىز بىر ۋەھىمە ھېس قىلدى بولغاي  ئېگىز -پەس سۆزلەشكە، ساقچىلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشكە،تىللاشقا باشلىدى.

-مەن ھەممىڭلارنى مۇرتازا خوجامغا دەيمەن! لەشكەرلىرى بىلەن ئىسھاقخان  خوجام كېلىۋاتىدۇ! ۋاي كاپىر! سەن نېمىشقا بالامنى ئۇرىسەن؟…- دەپ تىللاپ  ساقچىلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشكە، قولىغا چىققان نەرسىلەرنى  ئېتىشقا باشلىدى. ئۇ كونتروللۇقىنى يوقىتىشقا باشلىغان ئىدى.

– نىم بولدى ھە نىم بولدى ؟! خىتاي قاچ- قاچ بولدىمۇ؟!شە بۇزۇلدىمۇ؟……… – دەپ ۋارقىرايتتى.

مەلىكەم ئانىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ماجىڭۋېي ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
– ئاچا ئالىم نەگە كەتتى؟
– مۇرتازا خوجام ئاچىقىپ كەتتى.
– نەگە ؟
– ئۆگزىگە.

دەسلەپتە ما فامىلىلىك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان ئىدى، ئۇ ئادەملىرىگە ئۆگزىلەرنى قايتا ئاختۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.

 ساقچىلار سائەتلەرچە ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ  ئالىم تۈگۈل قارىسىنىمۇ تاپالمىغاندىن كېيىن، ما فامىلىلىك  مەلىكەم ئانىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ: «ئالىم نەگە كەتتى؟!»  دەپ سىلكىشكە باشلىدى.
بىلىكىنىڭ ئاغرىقىدىن، يەردە ياتقان نەۋرىسىدىن، قوللىرى ئارقىغا قايرىلىپ كويزا سېلىنغان ئوغلىدىن، ھويلىدىكى توپلانغان ئاياللارنىڭ قىيا -چىياسىدىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان موماينىڭ تۇيۇقسىزلا ئاچچىقى كەلدى- دە، ۋارقىراشقا باشلىدى:

– ئاناڭنىڭ يېنىغا كەتتى ! تۇفى!  ۋۇي تۇڭگانى! قاتىل !

يۈزىدىكى تۈكۈرۈكنى قولى بىلەن سۈرتىۋاتقان  ماجىڭۋېي: « ماۋۇ ساراڭ خوتۇننى باغلاپ قويۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى ئەتراپىدىكىلەرگە، ۋە قورقتىمۇ ئەيتاۋۇر مەلىكەم ئانىدىن ئۇزاقلاشتى.
 
ما فامىلىلىكنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر نەچچىسى كېلىپ موماينىڭ قولىنى ئارقىغا قايرىپ كويزا سېلىشقا تەمشەلدى، بايامدىن جىمجىت ئاۋازى چىقماي ئۆي ئاختۇرۇش ۋە باشقا ئىشلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان ئالىم ھوشۇر ئاستا كېلىپ ساقچىنىڭ قولىدىكى كويزىنى ئالدى. 

ئۇ: – مېلىكاچا قوللىرىنى سىلكىمىسىلە ھە، بولمىسا ئاغرىپ كېتىدۇ – دەپ ئاياپ تۇرۇپ موماينىڭ قولىنى ئالدىغا قىلىپ كويزا سېلىپ قويدى. بۇ كىچىكىدە بۇ ئانىنىڭ قولىدىن تاماق يېگەن، چاي ئىچكەن، بۇ ئۆيدىكى  ھەممەيلەننى تونۇيدىغان،  مۇشۇ ئانىنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئالىم ھوشۇرنىڭ بۇ ئائىلىگە  ئەمىر ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە قىلالىغان ئادەمگەرچىلىكى ئىدى. بەلكىم شۇ تاپتا ئۇنىڭمۇ ۋىجدانى ئازابلانغاندۇ، ئازابلىق ئىزتىراپ، ۋە تاللاش ئىچىدە  قالغاندۇ…

ھەر كۈزدە ئۈچ چاقلىق ساقچى  موتسىكلىتنى ھەيدەپ كېلىپ بۇ ئۆيدىن قىشىچە يەيدىغان سەي -كۆكتاتلىرىنى، قۇيرۇقلىرى يوغىنىغان قازاق قويلىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك ئېلىپ كېتىدىغان ئابلەت زارى بولسا خۇددى ناتونۇش بىر ئادەمدەك، سۈرلۈك بىر ئەلپازدا ئوتتۇرىدا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قاپقارا يۈزلىرى تېخىمۇ قارىداپ كەتكەن ئىدى. يان تەرەپتىكى كومۇنادىن قالغان كونا ماخونىڭ ئۆگزىسىدە دۆۋىلەپ قويۇلغان بېدە ئىچىدە  ھەممىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرغان ئالىم ئامالسىزلىق ئىچىدە چىرپىناتتى. ماخو ئۆگزىسىدىن ئۇنىڭ ھويلىسىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى، ماخو بىلەن ئۇنىڭ ھويلىسى ئارىلىقىدا بىر مېتىردەك بوشلۇق بار بولۇپ، ئارىلىقنى ماخودا توخۇ باقىدىغان قوشنىسى تىكەن بىلەن توسىۋەتكەن ئىدى.  ھەمدە ئاختۇرۇشقا كەلگەنلەر ئىچىدە قوشنىسىنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى، ناھىيەلىك جامائەت  خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى ئىمىن نىياز مۇ بار بولۇپ، ئۇمۇ ئۆگزىدە ئىدى. ۋە بويۇنداپ سىم تور بىلەن قاپلانغان  ماخودىكى توخۇ كاتەكلىرىگە قارايتتى. ئالىمنىڭ بۇ بېدە ئىچىگە مۆكۈشىمۇ ئانىسىنىڭ ئەقلى بولۇپ ئېغىلدىن ئارقىدىكى ئۆرۈككە يامىشىپ چىقىپ ئۆرۈكتىن ئارقا تەرەپتىكى قوشنىسى ئىسمايلەمنىڭ ئۆگزىسىگە، ئاندىن بۇ ماخونىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ بېدە ئىچىگە كىرىۋالغان ئىدى.

ئايرىلىش ئالدىدا ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ: «بالام سەن بۇ يولنى تاللاپسەن ئامال يوق ، سەككىز  بالامنىڭ بىرى بۇ يولغا زاكات بولسۇن. ئەمدى پۇشايمان قىلما، سەن تېخى كىچىك، تۇتۇلۇپ قالساڭ قىيىن -قىستاققا چىدىمايسەن، ساۋاقداشلىرىڭنى پاش قىلىپ قويساڭ مۇناپىق بولىسەن، بۇ نام ساڭا  بىر ئۆمۈر، ھەتتا ئۆلسەڭمۇ ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد مۆھۈر بولۇپ قالىدۇ. ھەم بىزمۇ ئۇنداق ھاقارەتلىك نامنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيمىز. شۇڭا نېمە بولسا -بولسۇن ھەرگىز چىقما، مەن سېنى باشقا يەرگە يولغا سەپ قويىمەن.» دېگەن ئىدى.

كۈندۈزدە چوڭ ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ قىلىشقان گېپىمۇ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى : «بۇ تېخى كىچىك، ئەگەر تۇتۇلۇپ قالسا تاياققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىقرار قىلىپ قويسا خائىن دېگەن ئاتاققا قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەرگە قېچىپ كەتسۇن، بىز بۇنى توسۇپ توسۇپ بولالمىدۇق، ئەمدى بۇ يولغا كىرگەنىكەن سەككىز بالامنىڭ بىرى بۇ يولغا زاكات بولسۇن، بىزنىڭمۇ يۈزىمىز يورۇق بولسۇن …» بۇ گەپلەرنى ئاپىسى دەۋاتاتتى.

……………………………………………………………

يولۇچىلارنىڭ بۈگۈرگە كېلىپ قالدۇق دېگەن گېپى بىلەن ئاستا خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ئالىم تېشىغا قارىدى.

مول تەجرىبە ئىگىسى بولغان مەڭلىساخان «ئەگەر يانلىرىدىكى ئادەم ئۇيغۇر بولۇپ قالسا سىلىدىن ئۇنى -بۇنى سوراپ سىلىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ، مۇڭداشقۇسى كېلىپ كېتىدۇ. يانلىرىدا ئولتۇرغىنى چوقۇم بىرەر خىتاي بولۇشى كېرەك » دەپ بىر خىتاي يولۇچىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى. يېنىدىكى خىتاي يولۇچى خاقىراپ ئۇخلاۋاتاتتى. 

ئۈستىگە چامادان، ئېگىز -پەس يەشىكلەر، يۈك -تاقلار تېڭىلغان ئاپتوبۇس ئىرغاڭلاپ مېڭىپ ئاستا-ئاستا بۈگۈرگە كىرىشكە باشلىدى. كوچىلاردا سەھەرچى ئىنسانلار بىر كۈنلۈك ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ بېكەت ئەتراپىدىكى ئاشخانىلار ئېچىلىپ بولغان ئىدى. دولىسىغا مايلىشىپ كەتكەن لۆڭگە ئېسىۋالغان تاڭجاڭلار :« كەسە – كەسە مانتا، تاڭمەن نېمە تاماق دېسىلە مانا تەييار!…» دېيىشىپ توۋلىشۋاتاتتى. جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتەڭ بولغان بۈگۈر قاتناش  بېكىتىگە ھەر تەرەپتىن كەلگەن يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى قاتارلىشىپ كىرىۋاتاتتى.  ئاپتوبۇس بېكەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاتار توختىتىپ قويغان ئاپتوبۇسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 

شوپۇر ئورنىدىن تۇرمايلا موخوركىسىنى يۆگەشكە باشلىدى ۋە ئارقىغا قاراپ: «بۈگۈرگە كەلدۇق، بىر سائەت توختايمىز، تاماقلىرىنى يېيىشىپ تېزراق ئىچىلىرىنى بوشىتىشىپ يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىشەلا!»  دەپ توۋلىدى.

بۈگۈر قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىلار، كاۋاپخانىلار، كىچىك دۇكانلار ئېچىلغان ئىدى. ئالىم  چۈشمەسلىك ئۈچۈن  قوپماي ئولتۇردى، ئۇنى كۆرۈپ قالغان شوپۇر : «خېنىم قوپاپ بەرمەملا؟! خەقنىڭ بىژ نەرسىسى يوقاپ كەتسە ئاۋارىچىلىك بولىدا، ماشىنىدا ئادەم قاسا بومايدا!»  دەپ مەجبۇرىي ھالدا ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈردى.

خۇداغا شۈكۈر ماشىنا ئەڭ چەتكە كېلىپ توختىغاچقا ھېچكىم دىققەت قىلمايتتى، ئۇ ئاستا ماشىنىنىڭ ئارقىغا ئۆتۈپ، ئىككى ئاپتوبۇسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئۈستىدە ئولتۇردى. ئۇ ماشىنىدىكىلەر چىققۇچە مۇشۇ  يەردە ساقلاشنى ئويلىغان ئىدى. چۈنكى بۇ يەر بىر قەدەر جىمجىت ھەم بىخەتەر ئىدى. ئەگەر ئۇ ساق -سالامەت كورلىغا بېرىۋالسا، ئۈستىدىكى ئايالچە كىيىملەرنى  سېلىپ تاشلاپ ئاندىن راھەت بولالايتتى. «نېمە دەپمۇ بۇنداق قىلغاندىمىز» دەيتتى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە. ئەمما يەنە ھەممە يەردە ساقچى قاينىغان  كۇچاردىن ساق سالامەت چىقىۋالغىنىغا شۈكۈرلەر ئېيتاتتى، كوچا- كويلاردىكى تاملارغا ئالىمنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىدىكى رەسىملىرى چاپلانغان ئىدى. كۇچار بېكەتتىن ئايرىلغان چاغدا ئاپتوبۇسنى تەكشۈرگەن ساقچىلار بۇ رومال ئىچىدىكى «ئايال»نىڭ ئۇلار ئىزدەپ يۈرگەن ئالىم ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغىييتى بەلكى.

ئۇ ئىچىدە توختىماي دۇئا ئوقۇيتتى، بىلگەن پۈتۈن ئايەتلىرىنى ئوقۇپ چىقاتتى. شۇ چاغدىكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى بولسا ساق- سالامەت ھالدا بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇقماي كورلىغا بېرىۋېلىش ئىدى. «قاچان بىرەرى كېلىپ گەپ سوراپ قالار»  دەپ دەككە -دۈككە ئىچىدە ئۇنىڭغا بىر سائەت خۇددى بىر يىلدەك بىلىندى. يولۇچىلار ئېگىز- پەس دەسسىشىپ ماشىنا يېنىغا يىغىلىشقا باشلىغاندىلا ئۇ ئاندىن ئۇھ دېدى. شوپۇر ھەممىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدا قاتارلىشىپ تۇرغان يولۇچىلارغا« كېلىشتىلىما؟»  دەپ ئىشىكنى ئېچىپ بەردى.

 ئالىم ئارقىدا ساقلاپ قىستىلىشىپ چىقىدىغانلارنىڭ ئايىغى بېسىققاندا ئاندىن چىقتى. يېنىدىكى خىتاي يولۇچى تېخى چىقمىغان ئىدى. ئۇ خىتاي يولۇچى ھەممىنىڭ ئاخىرىدا شوپۇر بىلەن بىللە چىقتى ۋە ئالىمنىڭ يېنىدىكى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقىي تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 4

جۈ ئۆكتەبىر 8 , 2021
ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىنىڭ شەرقى تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ ناملىق بىئوگرەفىيىلىك رومانىنىڭ داۋامى

You May Like