شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2022-يىلى 26-ئىيۇن
بۈگۈن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى دەپ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر قاباھەتلىك، ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرغان «شاۋگۈەن قىرغىنچىلىق» يۈز بەرگەن كۈن.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشچى كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ قۇلىدا پالتا، پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەك بىلەن قوراللىنىپ بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى خۇددى چاشقانلارنى «ئۇر-ئۇر» قىلغاندەك قوغلاپ تۇرۇپ ئۇرغان، ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن. شۇ كۈنى كېچىسى تارقالغان رەسىملىك ۋە ۋىدىيولۇق زاۋۇت قورۇسىنىڭ قانغا بويالغان كۆرۈنۈشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ دۇنيانى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. « ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»نىڭ مۇخبىرلىرى شاۋگۇەندىكى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە، ئۇلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان ئۇ دەھشەتلىك مىنۇتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. ئۇلار سۆزىدە كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ-قوغلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئايال ئىشچىلارنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئەڭ دىققەتنى قوزغايدىغىنى، بۇ ھۇجۇم ئاشۇنداق دەھشەت بىلەن سەھەر سائەت 4 كىچە داۋام قىلسىمۇ، شۇ چاغقىچە بىرەر ساقچى كەلمىگەنلىكى ياكى ئۇلارنى بىرەرىنىڭ توسۇپ قالمىغانلىقىنى شۇ سەۋەبلىك ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنى مەقسەتلىك كۈشكۈرتۈپ ئارقىدىن بۇ قىرغىنچىلىققا قوماندانلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
شۇ چاغدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغانىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا زاۋۇتنىڭ ياتاق بىنالىرىدىن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار ئۇيغۇرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددى بىر غەلىبىنى قۇتلىغاندەك تور بەتلەردە كەڭ تارقاتقان. ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ قانلىق زوراۋانلىقنى تاماشا قىلغاچ ۋىدىيوغا تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خىتايلارغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان ئاۋازلىرىمۇ بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خىتايدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى مەزكۇر قانلىق ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە شىددىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەنىدى. ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كارتىنىسى بولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.
ئەمما ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق غەزەپلەندۈرگىنى، بۇ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا قاتناشقان بىرمۇ كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى، ھەتتا ئۇنى بىر خىتاي ئىشچى «زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بىر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ ئۆسەك سۆز تارتقانلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرا» دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىماقچى بولۇشى ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ چاغدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي بايانىدا ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مانا مۇشۇنىڭدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ۋە بىرمۇ خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپ، زور جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن، 5-ئىيۇل كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا چىقىپ تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ مېڭىپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھۆكۈمەتتىن بۇ ئادالەتسىزلىككە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇس خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تىنچ شەكىللىك نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ « ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. دىئاسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۇ قاباھەتلىك كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ۋە بۇ قاباھەتلىك كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق بۇ كۈننى ئەسلەيدۇ.