شاڭخەيدە دائىرىلەر خەلقىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

شاڭخەيدە دائىرىلەر خەلقىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

 شاڭخەيدە دائىرىلەر خەلقىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

سۇلتان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-نويابىر

دوۋيىن ۋە تېۋېتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي ساقچىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. يولۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ياشلارنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلېفونلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. تەكشۈرۈلۈش مەزمۇنى بولسا تېلېفوندا تىۋىتتېر، يۇتىيۇب، تىكتوك، تېلېگرام، پوتاتو، شەدوۋروكىت  قاتارلىق ئاتالمىش چەتئەلنىڭ «قانۇنسىز ئەپ» لەرىنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكى، شاڭخەيدىكى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولىغا ئائىت رەسىم، ۋىدىئولارنىڭ بار يوقلۇقى، VPN قاچىلانغان ياكى قاچىلانمىغانلىقى ئىكەن.

مەلۇم تارماقلار ئۆزلىرى چىقارغان بەلگىلىمىدە، تېلېفون تەكشۈرگۈچىلەردىن يۇقىرىقى ئەھۋال بايقالغان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ نەق مەيداندا ئۆچۈرگۈزىۋىتىش لازىملىقىنى، قايتا قاچىلىماسلىق ئۈچۈن ۋەدىنامە يايدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا ئالاقىدار كىشىنىڭ كىملىك، تېلېفون نومۇرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىك نومۇرى، نەقمەيدان باش سۈرىتى، تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈرىتىنى قوشۇپ خاتىرىلىشى بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان. يۇقىرىقى قىلمىش بايقالغانلارغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى رەسمىي مەلۇمات يوق.

مۇھاجىرەت ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا شۇ مەلۇمكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانىمىزدا ھەر يۈز مېتىردا دېگۈدەك تېلېفون تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىپ، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»، «تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش» سەپسەتىسى باھانىسىدە كۈرمىڭلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى مۇدھىش تۈرمە، يېغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا قامىدى، ۋە تېخىچە توختاپ قالغىنى يوق.

خىتاي مەدەنىيىتىدە جىنايەتچى سانالغانلارنى ئېغىر بولغاندا 72 ئەۋلادىغىچە قىرغىن قىلىشتەك دەھشەتلىك زۇلۇم تاھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۈرمىگە كىرگەن مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كېرىپ كېتىۋاتقانلىقى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شاڭخەيدىكى يۇقىرىقى تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىكىدىمۇ ئوخشاشلا ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى سوراش ئارقىلىق قورقۇنچ، ۋەھىمىگە سېلىۋاتقانلىقى ئېنىق.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا ئەپۇ سورىدى

چا نويابىر 30 , 2022
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا ئەپۇ سورىدى

You May Like