سەئۇدى مېدىياسى: ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر دىپلوماتىيە منسترلىرى بېجىڭدا ختايدىن ياردەم سورىدى. ختاي: بىز دوست ۋە قىرىنداش

مەھمۇتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،20-نويابىر

(ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بۇ ئەرەب -مۇسۇلمان دىپلوماتىيە منستىرلىرى ياكى بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلغۇچى مېدىالار بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇلارنىڭ بېجىڭ زىيارىتىنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئەمەس، دۇنيا مېديالىرى ئاۋال خەۋەر قىلدى. نۇرغۇن خەۋەرلەردە ئ‍شلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى ناھايتى ئىغىر ۋە كەسكىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تۆھمەت-ئۆسەك سۆزلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە قسقىلا خەۋەر يازدى.»

سەئۇدى ئەرەبستان مېدىياسى ئەلئەرەبى، قاتار مېدىياسى ئەلجەزىرەنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر تاشقى ئ‍شلار منسترلىرى 20-نويابىر كۈنى دۈشەنبە بېيجىڭدا ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋاڭ يى ، ختاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن جىڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئ‍سرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدا رول ئوينىشنى سورىغان.

مەزكۇر مېدىيانىڭ خەۋەر قىلىشچە، يېغىنغا قاتناشقان منسترلار-سەئۇدى ئەرەبستان، ئىئوردانىيە، مسر، ھىندونوزىيە، پەلەستن ۋە ئەڭ چوڭ ئ‍سلامى تەشكىلاتى-«ئ‍سلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»تاشقى ئ‍شلار مەسئۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مۇتەخەسسلەر مۇنداق دىمەكتە:

«گازادا ئ‍نسانپەرەۋرلىك كىرزىسى جىددى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا ئ‍سرائىلىيەگە يتەرلىك بېسم چۈشۈرمىگەنلىكى -ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئ‍ۈمىتسزلەندۈردى،نۆۋەتتە ئۇلار ختاي ۋە روسيەدىن ياردەم سوراشنى ياخشى تاللاش دەپ قارايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ختاي بىلەن ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.»

سەئۇدى ئەرەبستان تاشقى ئ‍شلار منستىرى شاھزادە فايسال مۇنداق دىگەن: «گازادىكى كىرزىسنى ئاياقلاشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كېتىدۇ، بىز ختاي بىلەن بىللە ئ‍شلەشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋاڭيى مۇنداق دىدى: بىز ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن دوست ۋە قىرىنداش، بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللى ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانى داۋاسىنى ئەزەلدىن كۈچلۈك قوللاپ كەلدۇق.»

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەت تاشقى ئ‍شلار منىستىرلىرى يەنە روسيەنى زىيارەت قىلىپ، گازادا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تېرشچانلىق قىلىشنى سورايدىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تېخنىكا ۋە سودا: مىكروسوفىت ئ‍التماننى تەكلىپ قىلدى. پاي باھاسى رېكورت ياراتتى

سە نويابىر 21 , 2023
ئەلفا تەرجىمىسى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-نويابىر دۇنيادىكى تەسر كۈچى ئەڭ مۇھىم بولغان «ئ‍وچۇق سۈنئى ئەقىل» ( Open AI)شركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى 17-نويابىر كۈنى بۇ شركەتنىڭ ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى سامۇئىل ئالىتماننى «ئالاقىدە سەمىمى بولمىغان»دىگەن ئەيىپلەش بىلەن ۋەزىپىسدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى. مىكروسوفىت شركىتى مەزكۇر شركەتكە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، 13 مىليارد دوللار بىلەن […]
sam altman

You May Like