سالىھ خۇدايار: مەن ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئ‍ۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار 8-ئۆكتەبىر تېۋىتتردا ئىنگىلىزچە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:

«بەزى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا، مەن ختاي ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خاماسنىڭ غالجىرلىقىغا قارشى ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن. ختاي پەلەستىننى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقى تۈركستاننى بېسۋىلىشنى، رەھمسزلەرچە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، پەلەستىن نومۇسسزلارچە بىزنى ئەزگۈچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا.»

سالىھ خۇدايارنىڭ تېۋىتترىنى 37 مىڭ ئادەم كۆرگەن بولۇپ، ئ‍سرائىلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ قوللىشغا رەھمەت ئىيتقان بولسا، بىر قسم ختاي ۋە پەلەستىن قوللىغۇچىلىرى ئۇنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى جاسوسى دەپ ھاقارەت قىلغان.

سالىھ خۇدايارنىڭ تېۋىتتردا 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچسى بار بولۇپ، ئەگەشكۈچىسى كۆپ 10 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ھسابلىنىدۇ. چوڭ تاراتقۇلار، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تېۋىتتر ئارقىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرشىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىز غەرپنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس

دۈ ئۆكتەبىر 9 , 2023
ئابدۇۋەلى ئايۇپ 3-ئۆكتەبىر كۈنى يۇتۇپتا ۋە تۈركىيەدىكى بىر تېلۋىزىيە قانالىدا «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن بىر فىلىم قويۇلدى. فىلىمدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يوق، بۇ غەرپنىڭ ئويۇنى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى غەرپ قۇرۇپ چىققان. غەرپتىكى ئۇيغۇر داۋاگەرلەر ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئامېرىكا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. غەرپلىكلەر ئۇيغۇرلارنى كوزۇر قىلىپ خىتاينى جازالاۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرلەر […]
بىز-غەرپنىڭ ئويۇنى ئەمەس

You May Like