رۇس ساقچىلىرى ژۇرنالىست نازگۈل كەنجەتاينى تۇتقۇن قىلدى

رۇس ساقچىلىرى ژۇرنالىست نازگۈل كەنجەتاينى تۇتقۇن قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-دېكابىر

ھەبىبۇللا ئىزچى 

رۇسچە<< ھازىرقى زامان >>  خەۋەر تورىنىڭ 21 – دېكابىردىكى خەۋىرىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى چەككەن ژۇرنالىست ، مۇخبىر نازگۈل كەنجەتاي بىلەن بىرگە ئەمىن كاراچاك  16-دېكابىر رۇسىيەنىڭ خاكاسسىيەدە سىبىرىيە تۈرك جامائەتلىرىنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. نازگۈل كەنجەتاي ۋە ئەمىن  كاراچاك  رۇسىيە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى مۇسادىرە قىلىنغاندىن سىرت، ئۇلار سۈرەتكە ئالغان بارلىق ماتېرىياللار ۋەيران قىلىنغان ۋە بۇزۇۋېتىلگەن. نازگۈل ۋە ئەمىن كاراچاك ھازىر  خاكاسيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  مەركىزى ئاباكاندىكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

نازگۈلنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالدۇرغان سۆزىگە قارىغاندا، ئەسلىدە ئۇ كراسنويارسكى ئارقىلىق قازاقىستانغا قايتۇرۇلۇشى، خىزمەتدىشى بولسا تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما خاكاسيا دائىرىلىرى رۇس ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، نازگۈل كەنجەتاي ۋە ئەمىن كاراچاكنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى كېچىكتۈرگەن. ھازىرقى زامان تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ،ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئاباكاندىكى كامېرلارنىڭ ئىسسىتىش سىستېمىسى يوق ۋە ئىسسىق سۇمۇ يوقكەن. ئۇلار پەقەت كۈندە ئىككى قېتىم سىرتقا چىقالايدىكەن، تېلېفونلىرى نازارەت قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ كامېرلار 24 سائەت كامېرادا كۈزىتىلىدىكەن.

نازگۈل كەنجەتاي تۈركىيەدە ياشايدىغان قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، ئۇ تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ قىزىق نۇقتىلىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش سۈرەتلىك دوكلاتى ئۈچۈن قازاقىستان ئەلباشى نۇر سۇلتان نازاربايېۋدىن مەملىكەتلىك مۇكاپات  «قازاقىستاننىڭ 100 يېڭى ئوبرازى» تۈرىگە كىرگەن.
 
نازگۈل كەنجەتاي، ئىمىن كاراچاك بىلەن بىرلىكتە خاكاسسىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ ياقۇتىستان جۇمھۇرىيىتى، بۇرياتيا ۋە ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت بىر قانچە فولكلور فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان، شۇنداقلا ئىركۇتسكى رايونىدىكى توفىلارنىمۇ زىيارەت قىلغان.

سىبىرىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 17-دېكابىر جۈمە كۈنى ، ئاباكان شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى نازگۈل كەنجەتاي ۋە ئەمىن كاراچاكنى چەتئەل پۇقراسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىش قائىدىسىگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نازگۈل ۋە يولدىشى خاكاسسىيەدە  رۇسىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خاكاسسىيەدە فىلىم سۈرەتكە ئالغان. مەھكىمە بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 رۇبلى جەرىمانە قويغان.  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، نازگۈل كەنجەتاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىغا ياقۇتىستاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن جەرىمانە قويۇلغان.

ھازىرقى زامان تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە تاراتقۇلىرى «نازگۈل كەنجەتاي بىلەن ئەمىن كاراچاكنى رۇسىيەگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان، رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان، نازگۈل  ۋە ئۇنىڭ پروگراممىسىنى پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزمنى تارقاتقان دېگەندەك ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن. 

تۈركىيە دوغرۇخابەر تورىنىڭ خەۋىرىدە 16 – دېكابىر تۇتقۇن قىلىنغان نازگۈلنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، مۇستەقىل ئاخباراتچى نازگۈل كەنجەتاينىڭ ژورنالىستلىق پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بۇنداق ئېغىر بىر جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى،بۇندىن بۇرۇن مۇخالىپ ژۇرنالىستلارغا سۇيىقەست قۇرۇش بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان پۇتىننىڭ ژۇرنالىستلارغا ياخشى كۆز قاراشتا ئەمەسلىكىنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى خاكاسيانىڭ نازگۈل ۋە ئەمىن كاراچاكنى رۇسىيەنىڭ تەلىپى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نازگۈل كەنجەتاي بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان توغرىسىدا(گ ز ت) نامىدىكى يۇتۇپ قانىلىدا نۇرغۇن ۋىدىولارنى ئىشلىگەن. ئۇ پروگراممىلىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى،ئەسلى مەقسىتى  ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن. 

بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن كەسپدىشىمىز نازگۈل كەنجەتاي ۋە ئەمىن كاراچانىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمىز!

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11 -12 ئايلىق سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى

پە دېكابىر 23 , 2021
تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11-12 ئايلىق پەسىللىك سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى. بۇ ژۇرنال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا لاگېر شېھىتى مېھراي ئەركىننىڭ رەسىمى ئىشلىتىلدى.

You May Like