رافائەل گلۇكىسمەننىڭ ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنىدا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكرونغا قىلغان خىتابى

رافائەل گلۇكىسمەننىڭ ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنىدا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكرونغا قىلغان خىتابى

 

سۈرەت رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىنىڭ ئىنستاگرام بېتىدىن ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 20-يانۋار

تەرجىمىدە: ئارمان

19-يانۋار چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكرون فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتى خىزمەت بىناسىدا سۆز قىلغان بولۇپ، سۆزىدە فىرانسىيەنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسى ھەققىدىكى پىلانلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە پۈتۈن ياۋروپا خەلقىگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ «جاسارەتلىك» بولۇشىنى، دۇنيادىكى ھېچقانداق كۈچلۈك دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قالماسلىقىنى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىن جەريانىدا سۆزگە چىققان ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىم پرېزىدېنت ماكروننىڭ «جاسارەت» دېگەن كەلىمىسىگە قارشى كىنايىلىك ھالدا تۆۋەندىكى نۇتقىنى سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۈگۈن يەنى 20-يانۋار فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى ئاۋاز قويۇش يىغىنى بولۇش ئالدىدىكى پەيتتە، رافائەل گلۇكىسمەننىڭ بۇ كۈچلۈك نۇتقى فىرانسىيە سوتسىيال مېدىئالىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:    

«پرېزىدېنت ئېممانۇئەل ماكرون ئەپەندىم

سىزنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قىلغان نۇتقىڭىز ئىچىدىن يۈز بېرىۋاتقان شۇنچىۋالا كۆپ جىنايەتلەر شۇنداقلا شۇنچىلىك قەبىھ بولغان جىنايەتچىلەر توغرىسىدا كىچىككىنە ئورۇنمۇ بېرىلمەپتۇ.

ئادەتتە سىز كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە كۆپلىگەن مەدھىيەلەرنى ئوقۇيتتىڭىز، ئەمما سىز دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ ۋەھشىيانە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلدىڭىز، يەنى: سۈرگۈندە قىلىنىۋاتقان شۇنداقلا يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتتىڭىز.

لېكىن، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن جاسارەت بولمىسا، ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يەنە قىممىتى بولامدۇ؟

مىليونلىغان ئىنسانلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغاندا، سۈكۈت قىلىش جاسارەت ئەمەستۇر. جاسارەت دېمەك، مۇشتۇمزورلارغا  قارشى كۈچلۈك تۇرۇشتۇر، پەقەتلا ئاجىزلارنىڭ قارشىسىدا كۈچلۈك بولۇش ئەمەس. جاسارەت دېمەك، شەخسى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلىگەنىكتۇر، ئەمما دۆلىتىمىزدە بىز بۇ جەھەتتە بەكمۇ ئاجىز ھالەتتىمىز. ZARA, Nike, Volkswagen غا ئوخشاش خەلقئارالىق شىركەتلەر قۇللۇققا مەھكۇم قىلىنغان مىللەتنىڭ قېنى بەدىلىگە پايدا ئېلىۋاتىدۇ.

جاسارەت دېمەك، قۇللۇق مەھسۇلاتلارنى بازىرىمىزدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاشتۇر. جاسارەت دېمەك، سىزنى ھەرىكەتكە ئۈندەۋاتقان مىڭلىغان ياشلارغا دادىللىق بىلەن يۈز تۇرۇشتۇر.

4يىلدىن بۇيان سىز پەقەتلا بىر قېتىم ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە توختالدىڭىز، ئۇ بولسىمۇ:« فىرانسىيە بۇ ھەقتە يالغۇز، بىر ئىش قىلىشقا ئاجىز، ياۋروپانى ھەرىكەتكە كەلتۈرسەك تەسىر قىلالىشىمىز مۇمكىن …» دېگەنلىرىڭىز. 

مانا ئەمدى سىز ياۋروپانىڭ باشلامچىلىق ئورنىغا چىقتىڭىز (فىرانسىيەنىڭ بۇ ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ھوقۇقىنى ئېلىشىنى كۆزدە تۇتقان. ت ) لېكىنچۇ؟

يەنىلا ھېچقانداق ئىش قىلمىدىڭىز! مانا بۇ مەسىلىنىڭ يىلتىزى! پرىنسىپ جەھەتتە ھەممىمىز بىلىمىز، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىمىز كېرەك. 

ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى شۇكى، كۈچلۈك بولغان رەقىبىگە دۇچ كەلگەندە جاسارەت تونىنى كىيىشكە جۈرئەت قىلىشتۇر!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

پە يانۋار 20 , 2022
فىرانسىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

You May Like