قسقا خەۋەر: پۇتىن شمالى كورىيە بىلەن ھەربى بېخەتەرلىك كىلىشمى ئىمزالىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ئ‍ېيۇن

روسيە پىرەزدىنتى ۋىلادىمىز پۇتىن شمالى كورىيەگە رەسمى دۆلەت ئ‍شلىرى زىيارىتى ئىلىپ بىرىپ، كىم جۇڭئۇن بىلەن ئۇنېۋرسال ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق كىلىشمى ئ‍ىمزالىدى. بۇ كىلىشمدە، بۇ ئىككى دۆلەتتىن قايسسى غەرپنىڭ ھەربى تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر دۆلەت ھەربى جەھەتتە ياردەم بىرىدۇ.بۇ 25 يىلدىن بىرى روسيە پىرەزدىنتىنىڭ شمالى كورىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى.

مەزكۇر ۋەقە غەرپتە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

روسيە -ختاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئېتتپاقدىشى، ختاي -شمالى كورىيەنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى، روسيە بىلەن شمالى كورىيەنىڭ ئېتتپاقلىششى-ئۇكرائىناغا، تەيۋەنگە، ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورىيەگە، شۇنداقلا ئامېرىكىغا تەھدىت ئىلىپ كىلىدۇ.

بۇ زىيارتتىن روسيە-ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا ئ‍شلىتىدىغان سنارەد ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەلەپ قىلىدۇ، شمالى كورىيە بولسا-ئاشلىق، پۇل ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ غەرپنىڭ ئېقتسادى جازاسغا دۇچ كىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆز-ئارا ھىچقانداق چەكلىمىسز سودا ۋە ئېقتسادى ئالاقە ئارقىلىق غەرپنىڭ جازالاش ئ‍اقىۋىتىنى يېنىكلىتىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ب د ت ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا داۋاملىق ھەرىكەت قوللانمىدى

شە ئىيۇن 22 , 2024
ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ۋەھشىيلىكنىڭ ئىسپاتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى يېتەرلىك ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ب د ت نى ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. قانداقلا بولمىسۇن ، جۈمە كۈنى ، ب د ت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق […]
ب د ت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوللانمىدى

You May Like