قوزغال ئۇيغۇرۇم ناملىق ناخشا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

قوزغال ئۇيغۇرۇم ناملىق ناخشا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

 
 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 04-دېكابىر
 
 يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «قوزغال ئۇيغۇرۇم» ناملىق ناخشا كۆپلەپ تارقىتىلىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ناخشىنىڭ ئاڭلاش قېتىم سانى پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ھەرقايسى تور سۇپىلىرىدىكى قويۇلۇش سانى  100 نەچچە مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا بۇ سان ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېشىپ بارماقتا. ناخشىنىڭ تېكىستى، مۇزىكىسى ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىنىڭ مۇزىكا ۋە تېكىستكە ئاجايىپ ماس كەلگەن ئاۋازى بىلەن ئورۇنلانغان «قوزغال ئۇيغۇرۇم» ناخشىسىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى: «يۈرەكلەرنى تىترەتتى» دېيىشسە يەنە بەزىلىرى:«بۇ ناخشىدا ئېيتىلغان سۆزلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى ئىكەن، كىم ئېيتقاندۇ بۇ ناخشىنى، ۋەتىنىنى سېغىنغان خەلقىنى سېغىنغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ناخشىسى بولۇپتۇ…» دېيىشتى. 

مەلۇم بولۇشىچە، «قوزغال ئۇيغۇرۇم» ناخشىسىنىڭ سۆزىنى شائىرە مەدىناي باۋۇدۇن، مۇزىكىسىنى باھادىر گۆكتۇغ ئىشلىگەن بولۇپ، ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان ناخشىچى بولسا،  خەلق سۆيگەن خەلقنى سۆيگەن ياش ناخشىچى ئابلىكىم تۇرسۇن ئىكەن.  


 
مەزكۇر ناخشا تۇنجى قېتىم 2021-يىلى 12 – نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا  YouTube ۋە Spotify قاتارلىق مۇزىكا قاناللىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن  ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

 نۆۋەتتە خەلقنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن مەزكۇر ناخشىنى شائىرە مەدىناي باۋۇدۇن خانىم تۈرك تىلى ۋە ئىنگلىز تىللىرى ۋارىيانتلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. 
 
 تەييارلىغۇچى: خەنجەر

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

يە دېكابىر 5 , 2021
تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

You May Like