قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، قازاقىستانسدا، بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى كۆيۈپ يانغىن ئىچىدە تۇرماقتا. قازاقىستاندىن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىققان بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاقتۆپەنىسكى ئوبلاستى چېگراسى ئىچىدە ئوت كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى 52 ئادەم قازا قىلغان. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋال كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىمانكۇلوۋ مۇندا دېدى: ئۇ ئاپتوبۇسقا ئىككى نەپەر شوپۇر ۋە 55 نەپەر يولۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 57 نەپەر كىشى ئولتۇرغان. دەسلەپكى خەۋەرگە قارىغاندا، قازا قىلغان 52 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكىستانلىق ئىكەن، يارىلانغان يەنە بەش كىشى ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقتۆپەنىسكى ئوبلاستى جىددىي ئىشلار ئىدارىسىدا ۋاقىتلىق قوماندانلىق شتابى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدىكەن. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋال كومىتېتى تەمىنلىگەن سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى كۆيۈپ تۈگەپ، پەقەت قۇرۇق جازىسىلا قالغان. نۆۋەتتە، قازاقىستان جىددىي ئەھۋال كومىتېتى بۇ چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان. دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەشنى بۇيرۇدى.
قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى
ازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، قازاقىستانسدا، بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى كۆيۈپ يانغىن ئىچىدە تۇرماقتا.