ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 08-دېكابىر
3-دېكابىردىن بۇيان بېلگراد ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان قاھار ھېيتەم بۈگۈن ساق سالامەت ھالدا تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلار، شۇنداقلا قاھار ھېيتەم ئائىلىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇ تۈركىيەدە ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.
ئاگېنتلىقىمىز قاھار ھېيتەم ئەپەندى تۇتۇلۇپ قېلىنغان تۇنجى كۈنى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بويىچە ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىنغانلىقى شۇنداقلا بەزىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغانلىقى سەۋەبلىك بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شۇنداقلا بەزى يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قاھار ھېيتەم ئەپەندىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى، ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئەپەندىم ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە ئۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ قاھار ھېيتەم ئەپەندىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغىمۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، تاھىر ئىمىن ئەپەندىم ۋە قاھار ئەپەندىمنىڭ ئايالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سىگنال» مەسلىھەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ بۇ ھەقتە مەخسۇس ھەرىكەت پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ۋە ئاخىرىدا سېربىيە تەرەپتىن ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاھار ھېيتەم ئەپەندىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى»دىن نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىممۇ ئىمكانىيىتى يار بەرگىنىچە دىپلوماتىيە ۋە قانۇنى ئالاقىلەردە بولۇپ قاھار ھېيتەم ئەپەندىنىڭ قۇتۇلۇپ كېلىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچلەرنى چىقارغان.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى بىلەن قاھار ھېيتەم ئەپەندىم بۈگۈن يەنى 08-دېكابىر كۈنى ساق سالامەت ھالدا تۈركىيە ئىستانبۇل ئايروپورتىغا يېتىپ كەلگەن. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئايرودرومغا چىقىپ ئۇنى قارشى ئالغان. ئاگېنتلىقىمىز نامىدىن بۇ ئىش ھەققىدە كۈچ چىقارغان بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا شۇنداقلا بۇ خەۋەرنى كۆپلەپ تارقىتىپ ھەر تەرەپتىن ياردىمىنى ئايىمىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
يۈسۈپجان تەييارلىغان