پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ختاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ھېكايىسى تەپسلى ئىلان قىلىندى

مەرغۇبە تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ماي

ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئانىتروپولوگ، پىروففسىور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ تەتقىقات، ئوقۇتۇش ھاياتىغا دائىر تەپسلى خەۋەر ئەنگىلىيەدە چېقىدىغان نوپۇزلۇق تاراتقۇ -پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىندى.

مەزكۇر ئۇزۇن ماقالىدە، راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئاپىسى ۋە قېزى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دوسلىرى ئارقىلىق راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئانا ۋە پەرزەنىت بولۇش سۈپىتىدە، شۇنداقلا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر سۆيۈملۈك پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ پەزىلىتى، نەتىجىلىرى، كۆز-قاراشلىرى يورۇتۇلغان بولسا، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقتىش ئۈچۈن ھىچقانداق ۋاستە تاللىماستىن قوللانغان رەزىل ئۇسۇلى سۈپىتىدە، راھىلە خانىمغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىنى قوغداش يولىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بىرىشى تەپسلى يېزىلىپ، ئۇيغۇرمىللىتى دۇچ كىلىۋاتقان ئاساسى پاجىئە-قىرغىنچىلىق تەپسلى يورۇتۇلغان.

مەزكۇر ماقالە -ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات پاجىئەلىرىنى يورۇتۇپ بىرىشتىكى ئ‍ەستايىدىللىقى بىلەن نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئەلرايى: 81% ئامېرىكا خەلقى ختاي دۆلىتىنى ياقتۇرمايدۇ

پە ماي 2 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 2-ماي ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزى پېۋ ئىنۇستىتۇتى ئىلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 81 % ئامېرىكا خەلقى-ختاي دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئ‍ۇدا 5 يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقىنى ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 43% ئامېرىكىلىقلار ختاينى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىكەن. 50% ئامېرىكىلىق ختاينى رىقابەتچى دەپ قارايدىكەن. 42% ئامېرىكىلىق […]
ئەلرايى-ئامېرىكىلىقلار ختاينى ياقتۇرمايدۇ

You May Like