تۈركىيەدىكى ئەڭ پشقەدەم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى، ئۇزۇندىن بىرى تۈركىيەدە ياشاپ، سياسى پائالىيەت ۋە جامائەت ئشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر -ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى `12-سىنتەبىر يۈرەك كېسلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى 1955-يىلى ئۇيغۇرستاننىڭ يەكەن ناھىيسدە تۇغۇلغان ، 1965-يىلى 10 يېشدا ئاۋال ئافغانستان ئاندىن تۈركيەگە كۆچۈپ كەلگەن.
![خەيرۇللا ئەفەندىگىل ۋە ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئاكا-ئۇكىلار ، 1965-يىلى تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن چاغ. مەنبەسى: نۇرئەلا گۆكتۈرك سوسيال مېدىيا ھساۋاتى](https://uyghur.uyghurtimes.com/wp-content/uploads/2023/09/Screenshot-2023-09-13-at-2.46.10-PM-1024x847.png)
مەرھۇم 1989-يىلى قەيسەرى ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان شەرقى تۈركستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيا بويلاپ سياسى ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
ئەمرۇللا ئەپەندى-خەيرۇللا ئەفەندىگىل ۋە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ قىرىندىشى بولىدۇ.