پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-مارت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باش كاتېۋى ماركۇ رۇبىئو 14-مارت كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشتىن چەكلەش جازاسى ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن دەرھال بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇپ، 27-فېۋرالدا تايلاندتىن 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا مەسئۇل ياكى شېرىك بولغان ئىگە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋە سابىق ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى يولغا قويدۇق. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز.»

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قەتئىي كەسكىن قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداقلا باياناتتا داۋاملىق « قىرغىنچىلىق» ۋە «ئ‍نسانيەتكە قارشى جنايەت»سۆزىنى ئ‍شلەتكەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسدە مەيدانىنىڭ قەتئى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تىرامپ ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسيا رادىئوسى قاتارلىقلارنىڭ مالىيەسنى توختاتتى، كەلگۈسى ئېىنىق ئەمەس؛

دۈ مارت 17 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-مارت پىرەزدىنت بۇيرۇقى؛ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك رادىيوسى ۋە باشقا فېدېرال رادىيو تارقاتقۇچىلارنى باشقۇرىدىغان ئامېرىكا خەلقئارا تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) قاتارلىق يەتتە فېدېرال ئاگېنتلىقنى قىسقارتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىجرائىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدى. تەسرگە ئ‍ۇچرىغان ئورگانلار: ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك […]
ترامپ، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى

You May Like