پارىژدا توپىلاڭ: رومانتىك پايتەختىدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر ۋە ماكرونغا بولغان غەزەپ

پارىژ، زەپەر دەرۋازىسى، ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسى رومانتىكلىققا سىمۋول قىلىنغان ، ئىللىقلىقنىڭ ئوبرازى، ھەشەمەتلىكنىڭ نامايەندىسى ئىدى . لېكىن ئۆتكەن بۇ بىر نەچچە ھەپتە ئاخىرىدا ، رومانتىك پايتەختى تۇمانلار بىلەن قاپلانغان جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى.

ب ب س خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2018- يىلى 4- دېكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-08

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

پارىژ، زەپەر دەرۋازىسى، ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسى رومانتىكلىققا سىمۋول قىلىنغان ، ئىللىقلىقنىڭ ئوبرازى، ھەشەمەتلىكنىڭ نامايەندىسى ئىدى . لېكىن ئۆتكەن بۇ بىر نەچچە ھەپتە ئاخىرىدا ، رومانتىك پايتەختى  تۇمانلار بىلەن قاپلانغان جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى.

بىر تەرەپتە تولۇق قوراللانغان زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچىسى بولسا، قارشىسىدا ئۇچىسىغا سېرىق جىلىتكە كىيىۋالغان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر. ياش ئاققۇزىدىغان گاز قارشىسىدا ئۆزى ياسىۋالغان كۆيدۈرگۈچ بوتۇلكىلار، خىش تاش قارشىسىدا يۇقىرى بېسىملىق پۈركۈش شلانكىسى. قاتمۇقات توسۇقلار، لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوت.

ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئاپتوموبىل بىلەن توسۇلۇپ قالغان، زەپەر دەرۋازىسىنىڭ تېمى ، « بېشىنى كىسىمىز » ، « ماكرون تەختتىن چۈشۈپ كەتسۇن » دېگەن ئىبارىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن.

ئالدىنقى ئۈچ ھەپتە ئاخىرلىرىدا فرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يامرىغان » سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتى» نامىدىكى تنچ نامايىش، ئاندىنقى ھەپتە ئاخىرى (12-ئاينىڭ 2- كۈنى) پارىژ كوچىلىرىدىكى زوراۋان توپىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتتى. نامايىشچىلار كوچا بويىدىكى ئىماراتلەرنىڭ دەرىزىلىرىنى چاققان، دۇكانلارنى بۇلىغان ۋە بانكا بىناسىغا ئوت قۇيىۋەتكەن. پايتەخت پارىژ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توپىلاڭنى باشتىن كەچۈردى.

فرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر (12-ئاينىڭ 4- كۈنى) تۆت ئادەم ئۆلگەن، 130 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 23 ساقچىمۇ بارئىكەن. 400 ئەتراپىدىكى كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

پارىژ ئوت مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 190قېتىم جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتىسى ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرىۋېتىگەن ئىمارەتلەر ئىكەن. ساقچى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر پارىژ كوچىلىرىدا كۆرۈلگەن بۇ مەنزىرىنىڭ « قوزغىلاڭ » غا بەكلا يېقىن ئەكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە پرېزدېنتى ئىمانۇئېل ماكرون ئارگېنتىنادا قاتناشقان 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىدىن فرانسىيەگە قايتىپلا، پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىلىپ توپىلاڭ نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ماكرون ئارقىدىنلا ئىچكى كابېنت جىددىي يىغىنى ئېچىپ ، مىنىستىرلىرىغا نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

كىملەر بۇ قېتىمقى قارشىلىقنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى ؟ قارشىلىق نىمە سەۋەپتىن باشلاندى، فرانسىيىلىكلەر نېمىشقا بۇنچە غەزەپلىنىدۇ ؟ ماكرون ئېتىراز بىلدۈرۈشنى تىنجىتىپ،  كىرىزىسنى تۈگىتەلەمدۇ ؟

فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە فرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەخمىنەن 136مىڭ كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. پارىژنىڭ ئۆزىدىلا 6 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان. 11-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى دۆلەت خارەكتىرلىك نامايشقا بولسا 300 مىڭغا يېقىن فرانسىيىلىك قاتناشقان.

قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سېرىق رەڭلىك ، نۇر قايتۇرىدىغان نىلون جىلىتكە كىيىۋالغان بولغاچقا، بۇ قېتىمقى قارشىلىق » سېرىق جىلىتكىلىكلەر» ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى زوراۋان توپىلاڭچىلارغا فرانسىيەنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىل ۋە سولچىل كۈچلىرى قۇتراقۇلىق قىلغان دەپ گۇناھنى ئارتىپ قۇيۇشقا ئۇرۇنغان.

لېكىن نامايىشچىلار فرانسىيەنىڭ سول ، ئوتتۇرا، ئوڭ سىياسىي قاتلاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەكمۇ ئالاھىدە سىياسىي خاھىشى يوق ئىكەن.

بۇ ھەرىكەتنى  باشلىغانلار فرانسىيەدىكى ھەرقانداق سىياسىي تەشكىلات ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە ئەمەس بولۇپ، ئېنىق رەھبىرىمۇ يوق ئىكەن . قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن.

پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى رېمىي خېيتزنىڭ دىيىشىچە، قولغان ئېلىنغان 378 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى 30-40 ياشلار ئەتراپىدىكى باشقا يەرلەردىن كەلگەن ئەرلەر بولۇپ، ئۇلار پارىژغا بولسا ساقچىلار بىلەن بىر مەيدان «جەڭ» قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.

فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستوفې كاستانېر سەيشەنبە (12-ئاينىڭ 4-كۈنى) پارلامېنتتا سوراققا تارتىلىدىغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ نامايىشچى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ساقچىلار بىلەن نەچچە سائەت جەڭ قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشى كېرەك ئىكەن.

فرانسىيە قانۇنىدا ھەرقانداق ئاپتوموبىلدا چۇقۇم بىر دانە نۇرقايتۇرىدىغان سېرىق جىلىتكە بولىشى بەلگىلەنگەن. نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچىسىغا سېرىق جىلىتكە كىيىشى، ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھۆكۈمەت مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن  يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆشتۈرۈشگە ئەگىشىپ ماي باھاسىدا ئۆرلەش كىلىپ چىققان .

بىراق، يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پەقەت بىر تال سەۋەپ خالاس . ئۇنى پارتلاتقىنى ، فرانسىيە خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقى ھەمدە ماكرون ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى ئىنكار قىلىشقا بولغان ئۇرۇنۇشى.

يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە قارشى نامايىش ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ باي -نامراتلىق ئارىسىدىكى پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىگە بولغان ئېتىرازغا ئايلانغان.

نامايىشچىلار ھۆكىمەتتىن ئۇمۇميۈزلۈك باج ئازايتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ تۈۋەن مائاش ۋە پىنسىيە پۇلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشىنى تەلەپ قىلغان. 

«سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ تەشكۈللىگۈچىلىرى 2 چىسلا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ » ئىجابىي غەزەپنىڭ تىلى» بۇلۇش ئۈمىدىنى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ فرانسىيە خەلقىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قېتىلىش چاقىرىقىنى بىلدۈرگەن.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە ، كۆپ تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 70 پىرسەنتتىن 80 پىرسەنتكىچە بولغان فرانسىيەلىك «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»نىڭ تەلىپىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گوروھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ماكرون پارىژدىكى توپىلاڭنىڭ تېلۋىزور كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ، «زوراۋانلىقىنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىش» قاتتىق پۇزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن.

ماكرون مۇنداق دېگەن : » مەن ئىزچىل نامايىشنى قوبول قىلىپ كەلدىم، ئىزچىل ئۆتكىچىلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ كەلدىم، بىراق مەن ھەرگىزمۇ زوراۋان قىلمىشلارنى قوبۇل قىلمايمەن.»

ماكروننىڭ بىلدۈرىشىچە، زوراۋن قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىستىگىنى ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى قالايمىقانچىلىق ئىكەن. ئۇ ھەربىر چاتاق تېرىغۇچىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەپ، سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىنى تەكىتلىگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستوفې كاستانېر ھەتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى مۇقىم ھالغا قايتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلىك جىددىي ھالەت يولغا قويۇشنى ئويلاشماقتا.

لېكىن، ماكرون پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، سۆزلىرى سەل يۇمشىدى. ئىچكى كابېنت جىددىي يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دۆلەتلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلمايلا قالماستىن، بەلكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىنى بىلدۈردى.

12- ئاينىڭ كىرشى بىلەن، پارىژ ياۋروپانىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدەك، روجېستىۋادا مال سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىگە كىردى. «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشى پارىژ ۋە فرانسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى كۆپلىگەن دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىنى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپادىكى باشقا شەھەرلەرگە يامراش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە. قوشنا دۆلەت بىلگىيىدە، ھەپتە ئاخىرىدا نەچچە يۈز قارشىلىق كۆسەتكۈچىلەر بروسسېل كوچىلىرىغا چىقىپ، ھۆكىمەتنىڭ يۇقىرى باج ئېلىشىغا ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-46426271

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ۋاشنگىتوندا «ئۇيغۇر ئويغىنىش كۈنى»مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

يە دېكابىر 9 , 2018
8-دىكابىر ئەتتىگەن سائەت 9:00دا ۋاشىنگىتون مېترو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئسلامىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان «ئامېرىكا دىيانەت مەركىزى»دە «ئۇيغۇر ئويغىنىش كۈنى» پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.بىر كۈن داۋاملاشقان پائالىيەت ئاساسلىقى ئىككى تۈردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولسا، چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەت تەپسلى تونۇشتۇرۇلدى.

You May Like