بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار مۇنبىرى «2030-يىلى ياشلار»تېمىسدىكى ياشلارنى قوللاش،ياشلارنى ئارىغا ئىلىش،ياشلارنىڭ باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يېغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاپرىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى نيۇيورك شەھرىدە ئۆتكۇزۇلدى.
ۋەتىنىمىزدە خىتتاي زالىملىرى ئۇيغۇر تۈركى پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تۈركچىسىدىكى كىتاب-ماتىرىياللار يوقىتىلىۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇر تۈركچىسىدە سۆزلەشكىمۇ يول قويۇلمايۋاتقان،
4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۇزۇلىدىغان «دۇنيا ئاياللار مۇنبىرى»نىڭ 10-نۆۋەتلىك يىللىق چوڭ يېغىنىغا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سياسەت،مەدەنىيەت،ئېقتساد ،مدىيا ساھەسدىكى داڭلىق ۋە تەسرى زور شەخسلەر قاتنىشپ،بۇگۇنكى ئاياللار دۇچ كىلىدىغان مەسللەر ۋە ئاياللارنىڭ ئنسانىيەت دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
« بۇ مەسجىد نەگە كەتتى؟ »، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سونئىي ھەمراھ رەسىملىرى بىلەن پاش قىلىپ كىلىۋاتقان شاۋىن جاڭ » (Shawn Zhang) كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى»نى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇچۇرنى تىۋىتتىرىغا يوللىغان. 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىد « دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم تارىخي ۋە مەدەنىي ئاسارە- ئەتىقە ئورنى بولۇشىغا قارىماي، 2018- يىلىنىڭ بېشىدا غايىپ بولغان»، دېمەك بۇ مەسجىدنىڭ چېقىلىشى ئۈچۈن خىتاي گوۋۇيۈەننى تەستىقلىشى كېرەك ئىدى.
قاچان ۋە كىمدىن ئاڭلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، « تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۈمبسىگە ئۇرغان تامغسى » دەيدىغان بىر گەپ ھازىرمۇ ئېسىمدە. ئىنگىلىز تارىخچى Carr بولسا «What is History » دېگەن كىتابىدا تارىختىكى ھەممە ۋەقەلەر تارىخ بولالايدىغانلىقى، لىكىن تارىخچىنىڭ مەيدانى، مەنپەتى ۋە يېزىش مېتودىغا ئاساسەن ئۆزى موھىم دەپ قارىغان بىر ۋەقەنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئوخشىمغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشگە ئىگە ئىككى تارىخچىنىڭ ئوخشاش ۋەقەنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
بۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئەسلىدە زالىمدىن بۇنداق سوئال سوراش پېقىرغا كۆرە قاملاشمىغان بىر ئىش، شۇنداق بولسىمۇ زاماننىڭ تىلى بويىنچە سوراپ باقايلى ؟!
ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قەدەم ئېلىشقا چاقىرىپ، دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.
مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان توۋسون ئۇنېۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2019-يىلى 29-مارت كۈنى كەچتە ئوقۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ قەتلىئام تونۇشتۇرۇلدى.
بۈگۇن سەھەر ئويغانسام كاللامدا ھەر كۈندىكى تاتلىق ئەمما ئازاپلىق ئەسلىمە، قىزىمنى كۆرۈپتىمەن، ئۇ چوڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغۇدەك، تېلېۋىزۇرنىمۇ ئاچماپتۇ، ئەزەلدىن چىرايلىق كىيىملەرگە ئامراق قىزىم تۈزۈكرەك كىيىممۇ كەيمەپتۇ.
بىلمەك – بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك- قانداق بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك – ئۆزىنى بىلمەكتۇر، سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلمسەڭ بۇ قانداق بىلمەكتۇر؟!
مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) جازا لاگىرىدىكى قىيناش ۋە ئۇرۇشلاردىن ئامان قالغۇچى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن سولانغان كامىردىلا توققۇز ئايال ئۆلۈپ كەتتى.»
ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم غەربتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، بىراق خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋاڭ ياڭ « قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم خەۋىرى 20- يانۋار، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى مۇدىرى لاۋرەنىس بەكوۋ (Lawrence S. Bacow) ئەپەندى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىدا «ھەقىقەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىۋىرسىتنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن
14- مارت، شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2018- يىللىق بىخەتەرلىك دوكىلاتىدا خىتاي بىلەن روسىيەنى «شىۋىتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل» دەپ باھالىغان.
خىتاي ھۆكىمىتى دۈشەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 18- كۈنى) شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئالاقىدار ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ،
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ھەيئىتى شەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 16- كۈنى) چۈشتىن كىيىن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە
پەرىشانلىققا تولغان بۇ دەملەردە، 15- مارت تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز،
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر گېرمانىيە خۇاۋېي بىلەن 5گ تورى قورۇلۇشىدا ھەمكارلاشسا، ناتو ئارمىيسى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىدىكەن.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى 14- ۋە 15- مارت كۈنلىرى رەئىس ئەھمەد ئابدۇسالام رەيسۇنىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نائىبلىرى، باش كاتىپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە بىرلىك ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. كەڭ تەرەپلمىلىك مۇنازىرە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 تۈرلۈك كېلىشىمدە بىرلىككە كېلىندى. بۇ كېلىشىمنىڭ بەشىنچىسىدە خىتايغا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: