سەئۇدى ئەرەبىستان «رىياز» گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يىقىن كەلگۈسى ئىچىدە 50 مىلىيون ئادەم قىتىم ساياھەت ۋە زىيارەت ۋىزىسى تارقىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردىن كۆپلەپ ساياھەتچى جەلىپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئىچكى بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ماقالىدە نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلۇپ، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغانلىقى تىلغا ئىلىنغاندىن كىيىن ھازىرغىچە ۋەزىيەت شۇنچە يامانلاشسمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى گاتتىرنىڭ خىتتايغا ئاشكارا قارشى تۇرمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 74- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان، 2019-يىلى 21-سېنتەبىر تۈركەن فوندىنىڭ (TURKEN Foundation USA) پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدېنتى تىرامپ، نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاۋا كىلىماتى يىغىنىغا قاتناشماستىن، دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالماتا/نۇرسۇلتان (رويتېرس)- شەنبە كۈنى، ساقچىلار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدىكى تەسىرىگە قارشى نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشقان نەچچە ئون كىشىنى قولغا ئالدى.

9 – ئاينىڭ 17 -كۈنى «قورقۇنچقا قارشى ئۇرۇش» ناملىق يۇتۇيۇب ھېسابىدا «شىنجاڭ، يېڭى تەپسىلاتلار» نامىدا بىر سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر سېكۇنتلۇق يېرىدە بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈش بار.

گېرمانىيە ھۆكىمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى خىتاي گېرمانىيەدىن 630 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ يىل گېرمانىيە تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن ئۈچۈنجى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 1979-يىلدىن تا ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاينىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بىلدۇرۇشىچە، تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دەسلەپتە كېچىكتۈرۈلگەن سۆز قىلىش ھوقۇقى -كىين مۇناسۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن

18-سىنتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرىكتورى، خىتتايچە بۆلۈم ئالاقە مەسئۇلى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسئۇلى لۇئىسا خانىم ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئالى ياردەمچىسى بىلەن كۆرۇشكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-يىلى 20 -سىنتەبىر ۋاشنگىتون، ئافراسياپ 19-ستىنەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىم ئۆزىنىڭ تېۋتتىر ھساۋاتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە،مىنىڭ قەدىرلىك دوستۇم، لىدىر ۋە يىتەكچى رابىيە قادىرنى قارشى ئىلىپ،  ئۇنىڭ ئىز-دىرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن». نەنسى پىلوسى يەنە رابىيە […]

بۈگۈن 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – قىتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش شىتاۋىدا ئىچىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى نىيۇيورك شەھەرىگە جايلاشقان ۋە ئاساسلىق يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر راللي گۇرپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى (كامپائىگن فور ئۇيغۇر) بىرلىكتە نىيۇيورك شەھەرىدىكى خىتتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆزگىچە بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتە پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا، باش ئورگىنى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ( Amnesty International) تەرىپىدىن ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە باشقۇرۇشىدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس» خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبىدىكى ختتايدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ختتايدىن بۇ ھەقتە سۇئال سوراشنى ھاۋالە قىلغانىدى.

15-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ 50% نېفىت ئ‍شلەپچىقىرىشىغا تەسر كۆرسەتكەن. ۋەقەدىن كىيىن سەئۇدى نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، دۇنيا نىفىت بازىرىدا نېفىت باھاسى شددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە باشقا ئۇچ نەپەر پارلامىنېت ئەزاسى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىندى.

2019-يىلى 13- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئۇيغۇر مۇھاجىر ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىنىڭ تەرجىمىسى:

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ 1944- يىلىدىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ ئاتالغۇ پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا قوللىنىدىغان بولۇپ، مەنىسى مەلۇم بىر توپلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىۋېتىشنى مەخسەت قىلغان قەستەن قىرغىنچلىق جىنايىتى ئىشلەش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ 1948-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرغا قويغان ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ بىر جىنايى قىلمىشتۇر.

ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىش گەرچە ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان نورمال ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەرچە ئادالەت دەۋىر سۈرگەن جەمىيەتتە نورمال داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق دىكتارتۇرلۇق جەمىيەتتە ھەر خىل چەكلىمىلىرىگە ئۇچۇراپ كەلگەن.

تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى «زىمىستان » تورىغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پىسخىكىلىق ئازاپلاش قىلمىشلىرىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگىتون، ئامرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە بوب مىنىندىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئىككى پارتىيەنىڭ س 178-نۇمۇرلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىتىدە چەكسز يوشۇرۇن ھاياتى كۈچ بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، سودا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققياتىدا، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى قۇتۇلۇش ۋە تىرىلىش ھەرىكىتىدە غايەت زور مۇھىم ئوينىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى مۇھاجىرەتتىكى «ئ‍شەنچ ۋە مۇھەببەت كىرزىسى » بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئۆز-ئارا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك تۆشەكتە كۆزىتىپ ياتقان كىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چېقىشتىن توساپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى.