12-ماي، 2025
40 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيسى (پ ك ك)، يېقىندا قورال تاشلاش قارارىنى جاكارلىدى. بۇ قارار، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۇرد مەسىلىسىدە يېڭى بىر سىياسىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشىدەك قارالماقتا.پ ك ك -قانۇنسز ۋە تىرورچى تەشكىلات بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىش نەتىجىسدە، ھەرىكەت دائىرسى بارا-بارا قىينلاشقان
قورال تاشلاشنىڭ باش سەۋەبلىرى
پارتىيەنىڭ بۇ قارارى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن:
**ئوجالاننىڭ يېڭى قارىشى: 22 يىلدىن بېرى تۈركىيە تۈرمىددە يېتىۋاتقان پارتىيە لىدېرى ئابدۇللا ئوجالان، قورال بىلەن ئەمەس، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، پارتىيەنى قورال تاشلاشقا دەۋەت قىلغان.
**رايوندىكى سىياسىي تەسىرنىڭ ئۆزگىرىشى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تەسىرى كۈچەيگەن،
كۇرد قوراللىق گۇرۇھلىرىنىڭ كۈچى ۋە رولى تۆۋەنلىگەن،؛
**خەلقئارا بېسىملار: تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە نوپۇزى ئاشقان ئەھۋالدا، ياۋروپا دۆلەتلىرى پ ك ك ئەزالىرىغا قارشى قېتىئم چارىلەرنى قوللانغان.
كەلگۈسى:
ئوجالان ۋە باشقىلار پ ك ك نىڭ قورال تاشلىشى- كۇرد مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا يول ئېچىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
كۇرد قوراللىقلىرىنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشى-تۈركىيەدە كۇردلار ئۇچۇن پايدىسز سياسى رىئاللىق پەيدا قىلغان.
ئەمما كېلەچەكتە بۇ ھەرىكەت تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى، كۇرد سىياسىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىگە باغلىق بولىدۇ.
پ ك ك نىڭ قورال تاشلاش قارارى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۇرد مەسىلىسىدە تىنچلىققا قاراپ قەدەم تاشلاش نىشانىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەقە كۇردلارنىڭ كەلگۈسى سىياسىي رولى ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر دەۋر بۆلگۈچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.