ئنسانىيەتنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى ئۈچۈن- «ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى»

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۆزى بىلمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلار ۋە يېڭى «ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى»

ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى-«يەرشارى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاۋازى»دۇر

Human Rights Press is the Voice of global human rights

مەن ئۆتكەن 7 يىلدا ۋاشنگىتون شەھىرىدە ياشاش جەريانىدا، ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك، ئۇيغۇر بولمىغانلار بىلەن ئالاقىدا بولدۇم. بۇ ئالاقە-كەسپى خىزمەت، پىدائىيلارچە ئ‍نسانى ياردەم ، دوسلۇق ۋە شەخسى مۇناسۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ جەرياندا مەن يەرلىك ئامېرىكىلىقلاردىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسدىن كەلگەن كىشلەر بىلەن يېغىن-مۇھاكىمە، ئاممىۋى يېغىلىش ۋە نامايىش، چاي -سۆھبەتلىرىدە، كىتاپ مۇنازىرىلىرىدە بولدۇم.

گەرچە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك دەردىم شۇنچە كۆپ بولسمۇ..

گەرچە تۇتۇلغان ئانام، ئۇكىلىرىم ۋە 30 غا يېقىن تۇققانلىرىمنىڭ ئازاى يەتكۈچە تۇرسمۇ…

گەرچە مىللىتىمنىڭ ئەھۋالى شۇنچە ئىغىر تۇرسمۇ،ئۆزۈم بىلمەيدىغان خەلقلەر ئۈچۈن سۆزلىدىم…

مەن يەنە ئامېرىكىدا ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى، كۆچمەنلەر ھوقۇقى ئۈچۈن….

شمالى كورىيەدىن قېچىپ كەلگەنلەر مۇساپىرلار ئۈچۈن…

گازادا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ بالىلار ئۈچۈن…

تېبەت ۋە خوڭكوڭدا ئ‍نسان ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالغۇچىلار ئۈچۈن…

ئىران ۋە ئافغانستاندا شۇنچە ھوقۇقىنى يوقاتقان ئانىلار، قىزلار ۋە بالىلار ئۈچۈن..

قازاقستان ۋە تۈركىيەدىكى ئېقتسادقا مۇھتاج كىشلەر ئۈچۈن…

سۆزلىدىم، يازدىم، نامايىشقا قاتناشتىم، پۇل ئىئانە قىلدىم، شۇلار ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسى ئ‍شخانىلىرىغا باردىم…ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خەت يازدىم…

نىمىشقا؟

مەن ناھەقچىلىققە چىدىمايدىغان، قەيسەر بىر ئانىنىڭ پەرزەنتى..

مەن ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى ئاددى ئادىمى پەزىلەت بىلىدىغان بىر دادىنىڭ پەرزەنتى..

مەن ھايۋانلارغا، بالىلارغا، تەبىئەتكە ئامراق بىر ئوماق ۋە ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ دادىسى..

مەن تۇغما ئالتۇرسىت (ئەخمەق پىداكار) بولۇپ،خاراكتىرىم -Myers-Briggs personality بويىچە ئالغاندا باشقىلار ئۈچۈن ئ‍ش قىلىشقا ئامراق تىپقا تەۋە.

مەن يەنە ئۆزى تونۇمايدىغان، بىلمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان، يازىدىغان ھارمايدىغان، ھىچنىمە قوغلاشمايدىغان، مىڭلىغان كىشلەرنى كۆردۇم..

نۆۋەتتە ئ‍نسانىيەت-تارىختىكى جىنايەتلەر ئەڭ ئاشكارا، ۋەھشى بىر دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.

ئ‍نسانلارنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى قوغداش ياكى ياردەم قىلىش ئىنتايىن بۇيۇك،مۇھىم خىزمەتتۇر. بۇ كاتىگوىرىيەدە، خىزمەتلەر بەك كۆپ.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسنى ئىجرا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.

مەن ئاددىيلا ھالدا، ھەر بىر ساغلام ئ‍نسان -دۇنيادا يۇز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى ، بالىلار ۋە ئاياللارنى خورلاشنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشنى بىرىنچى بۇرچ قىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.مىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھىچبىر ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭم بولۇپمۇ ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرگۇم يوق.

شۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن ئ‍نسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر ئاددى خىزمەتنى بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ باشلىدىم ۋە يېقىندا ئۇيغۇر بولمىغان ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ بىر قسم ۋەكىللىرىنىڭ مەزكۇر خىزمەت سپىگە قوشۇلۇشى ۋە بىر ئاز ئەمەلى قوللاشلارغا ۋە ئ‍ېتىراپ قىلىشلارغا ئىرىشكەندىن كىين، ئۇيغۇر خەلقىگە بىلدۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇ يېڭى خىزمەت-دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىكى ئىزىلگۇچى خەلقلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشنى مەقسەت قىلغان :«ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى» ( Human Rights Press) نامىدىكى كەسپى تاراتقۇ بولۇپ، بۇ يىل بشىدا باشلانغان ئىنگىلىز تىلىدا مىللەت، دۆلەت ،دىن ھالقىغان ئ‍نسان ھەقلىرى ھەققىدىكى كەسپى ئاخباراتچىلىقنى مەركەز قىلىدۇ.ئۇيغۇر بولمىغان مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسى خىزمەت ئاز ۋە ئاددى ھالدا تەرەققى قىلماقتا.

دۇنيادا نۇرغۇن كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بار، بەزىلىرى تەتقىقاتنى، بەزىلىرى پائالىيەتچىلىك-ھەرىكەتنى مەقسەت قىلغان.ئەمما پۈتۈن ئ‍نسانىيەتكە ئورتاق بولغان، پەقەت كىشلىك ھوقۇق ۋەقەلىرىگىلا مەركەزلەشكەن ئاخبارات ۋاستىسى يوق.

( Human Rights Press)نىڭ كەلگۈسى ئ‍نسانىيەتنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ساغلام، دۇرۇس، ئىلمى شەكىلدە دۇنياغا يەتكۈزىدىغان كۈچلۈك ئورگان بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

13-ئېيۇل، ۋاشنگىتون

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تىرامپ سۈيقەستتىن ئامان قالدى

شە ئىيۇل 13 , 2024
ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ پېنسلۋانىيە شتاتىدا سايلام نۇتۇقى سۆزلەۋاتقاندا قەستلىگۈچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، تاراتقۇلار ئۇنى يارىلانغان دەپ خەۋەر قىلماقتا. ئامېرىكا مەخپىيەتلىك ئىدارىسى بايانات قىلىپ، تىرامپنىڭ ھايات قالغانلىقىنى ئىلان قىلدى. تىرامپنى ئۆچ كۆرىدىغان سولچىل تاراتقۇلاردىن س ئەن ئەن تىرامپنىڭ قەستلەش نشانى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئىلىشتن ساقلىنىش ئۈچۈن«تىرامپ يېقىلىپ كەتتى»دەپ ساختا خەۋەر […]
تىرامپ-سۈيقەست

You May Like