تۇغلۇق روزىنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئاتاقلىق ژورنالىست خوجىجان ھاكىموپ مۇنداق يازىدۇ؛« تۇغلۇق روزى– 1964-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە توغۇلغان، سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن تۇغلۇق روزى كىچىكىدىن سەنئەتكە ھېرىسمەن بولۇپ، 1980-يىلى ئۈرۈمچىدە سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغان، مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن 1987-يىلى ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ چىقىپ تاشكەنت شەھرىگە يەرلەشكەن ۋە شۇ يىلى ئۆزبېكىستان رادىيوسى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئانسانبېلىغا قاتنىشىپ، ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق ئۇيغۇر سەنەتكار ئابدۇرېھىم ئەھمىدى، ئايتۇرغان ھەسەنوۋالار بىلەن بىللە ئىشلىگەن.
ئۇ فرانسىيەلىك ئۇيغۇر 12 مۇقام تەتقىقاتچىسى ژان دۇرىننىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقام تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىدە ئالىم بىلەن بىللە ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى سەنەم ئۇيغۇر ئانسانبېلىدا ئاساسلىق مۇقامچى بولۇپ فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، نورۋېگىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، دانىيە، ئىستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، ۋېنگىرىيە، ھىندىستان، تۈركىيە ، سەئۇدىي ئەرەبىستانلارنى ئايلىنىپ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر 12مۇقامىنى تونۇشتۇرۇ، يۈكسەك ماھارەت بىلەن مۇقام ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالىغا فرانسىيەلىك ئالىم ژان دۇرىننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشدا ئۇيغۇرلار نامىدىن قاتنىشىپ مۇقام ئورۇنلىغان ۋە فېستىۋالدا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئارىسىدىن 2-لىككە ئېرىشكەن.»
ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئاكىسى داڭلىق سەنەتكار ۋە ئاكتىيور تۆمۈرخان روزى، ئىنىسى ئورخان روزىلار ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت يۇرتىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن ئون يىلدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولۇپ، ھەتتا ئۆزبېكىستانغا كېلىپ ئۇنىڭ جىنازىسىغىمۇ قاتنىشالمىغان.