ياۋروپانى پىيادە كېزىۋاتقان نامايىشچى گۇرۇپپا گوللاندىيەنىڭ دەن خاگ شەھىرىدە شەھەر مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى

ئويغان ياۋروپا تېمىسىدىكى ياۋروپانى پىيادە كېزىش نامايىشى داۋاملىشىۋاتماقتا

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25- سېنتەبىر

ئارمان

«شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان » ئويغان ياۋروپا» نامىدىكى 300 كىلومېتىرلىق پىيادە يۈرۈش نامايىشى داۋاملىشىۋاتماقتا.  23-سېنتەبىر پەيشەنبە نامايىشچى گۇرۇپپا گوللاندىيەنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان دەن خاگ (Den Haag) شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ مەزكۇر شەھەردە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

«شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» نىڭ باش كاتىپى نەجمىدىن شېرىف ئەپەندى شۇ كۈندىكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: « بىز دەن خاگ شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت بىناسىغا كېلىپ ئۇلار  بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدۇق، شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىدىن ئىككى نەپەر ۋەكىل چىقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارغا كېلىش مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئالدى بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق، ئاندىن ئۇلارغا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىدىغان بىردىن -بىر يولنىڭ مۇستەقىللىق يولى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە جىددىي تۈردە تەدبىر ئېلىنمىسا پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاي تەھدىتى ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ سۆز قىلدۇق، ئارقىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن خەت بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتىغا يېزىلغان تەشەككۈر خېتىنى ۋەكىللەرگە تاپشۇردۇق، ۋەكىللەر خەتلەرنى چوقۇم شەھەر باشلىقىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىز بىلەن خوشلاشتى. كەينىدىن دەن خاگ شەھىرىگە جايلاشقان گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا باردۇق، ئۇ يەردە ئايرىم ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشمىدۇق ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەن خەتلەرنى مەخسۇس خەت -چەك قوبۇل قىلىش ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ يېنىپ چىقتۇق.» 

 

نەجمىدىن شېرىف ئەپەندى بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: « بىز تەخمىنەن بىر يېرىم يىللار بۇرۇندىن باشلاپ «ئويغان ياۋروپا» (wake up europe) دېگەن تېمىدا بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ھەر ھەپتىدە بىر كۈنلۈك قەرەللىك نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدۇق، شۇ چاغدىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىن خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدۇق، ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ پىلانلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ قېتىملىق نامايىشىمىزمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەن «ئويغان ياۋروپا» تېمىسىدىكى نامايىشىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ، پىيادە يۈرۈش سېپىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى بايراققا » ئويغان ياۋروپا»، «ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك» دېگەن شوئارلار بېسىلغان. ۋەتىنىمىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىدىن سىرت يەنە گوللاندىيە، لىتۋانىيە، بېلگىيە، چېخ قاتارلىق ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى پارلامېنتلىرىدا ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنىمۇ كۆتۈرۈۋالدۇق. يول بويى نۇرغۇن كىشىلەر كۆتۈرگەن بايراقلىرىمىز توغرىسىدا سوئاللارنى سورىدى، بىز ئۇلارغا يول بويى بىرمۇ -بىر چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق.»

 

ئىگىلىشىمىزچە نامايىشچى گۇرۇپپا پىلان بويىچە 1- ئۆكتەبىر كۈنى بىريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىدىكەن، ھەمدە شۇ يەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا پارلامېنتىغا يېزىلغان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش تېمىسىدىكى ئوچۇق خەتنى تاپشۇرۇپ بەرمەكچى ئىكەن. 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3_ قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى مۇۋپپەقىيەتلىك ئېچىلدى

يە سېنتەبىر 26 , 2021
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3_ قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى مۇۋپپەقىيەتلىك ئېچىلدى

You May Like