ئۆگىنىشنىڭ 40 خىل ئۇسۇلى 1. باش ھەرپلەر بويىچە قىسقارتىپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا مەلۇم بىر مۇرەككەپ ئۇقۇمنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىدىغان سۆزلەرنىڭ باش ھەرپلىرىنى ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئۇقۇمنى ئەستە ساقلاش مەقسىتىگە يېتىمىز. مەسىلەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاساسى ماددا بولغان ئوت، سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراقنى ئەستە ساقلىماقچى بولسا بۇلارنىڭ باش ھەرپىدىن ياسالغان سۆز «ئو س ھ ت» نى ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى تۆت سۆزنى ئەستە تۇتۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. 2. ئۆزىمىز پىششىق بىلىدىغان شەيئىلەر ئارقىلىق ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىنى ۋاسىتىلىك ئەستە ساقلاش. مەسىلەن، ھەرقايسى ئايلاردىكى كۈنلەرنىڭ سانىنى مۇشتۇمىمىزنىڭ بارماق-ئالقان بوغۇمىنىڭ سىرتقى قىسىمىدىكى چوڭقۇر ۋە دۆڭ ئورۇنلىرى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئەستە تۇتقانغا ئوخشاش. 3. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئاۋاز ئالغۇچلاردا خاتىرىلەپ، تازلىق قىلغاندا، تاماق ئەتكەندە ۋە يولدا ماڭغاندا ئاڭلاش. 4. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ئۆگىتىش. 5. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنغا ئالاقىدار ۋېدىئولارنى يوتۇبى قاتارلىقلاردىن تېپىپ كۆرۈش. 6. ئۆگىنىش جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىلەرنى قايتا يېزىش. 7. مېڭە خەرىتىسى سېزىش. (بۇ ھەقتە دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى مەخسۇس بىر ماقالە ئېلاش قىلغان، Mind Map دەپ توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.) 8. كۈيزلەت (Kuizlet)، ستادى بلۇ (Studyblue)، مېمرايز (Memrize) قاتارلىق ئەستە ساقلاشقا ۋە ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىدىغان ئەپلەردىن پايدىلىنىش. 9. ئەستە ساقلاش كارتىسى (Flash Card) تەييارلاش. مەسىلەن، سۆزلەرنىڭ مەنىسى ياكى ئاتالغۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسى يېزىلغان كىچىك كارتىلارنى تەييارلاپ يېنىغا سېلىۋېلىش ياكى ئۆز كۆپ مەشغۇلات قىلىدىغان ئورۇنلارغا قويۇپ قويۇش ۋە بۇلارنى بىكار بولغاندا ياكى مەشغۇلات جەريانىدا كۆرۈپ قويۇش. 10. ئۆگەن مەزمۇن ھەققىدە ماقالە-يازمىلارنى يېزىپ بېقىش. 11. ئۆگەنگەن ياكى ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇن ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇش. 12. ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى پوۋېر پوينت ئارقىلىق خاتىرىلەپ چىقىش. 13. ئەستە ساقلىماقچى بولغان مەزمۇننىڭ ھەرقايسى تەركىبلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى قوللىنىپ ھېكايە يېزىپ بېقىش. مەسىلەن، بىر كۈنى ئوت يولدا كېتىۋېتىپ سۇغا ئۇچرىشىپ قاپتۇ ۋە سۇدىن ھاۋانىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ. سۇ ئوتقا ھاۋانىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن تۇپراقتىن شىكايەت قىلىپ كېتىپتۇ، دېگەندەك. 14. ئەستە ساقلاش قەلئەسى (Memory palace) ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش. بۇ ئۇسۇلدا ئۆزىڭىز ئەڭ پىششىق بولغان ئورۇن (ئۆيىڭىز ياكى مەكتەپ) نى تاللاپ ئاندىن بۇ ئورۇننىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىگە تەرتىپ بويىچە ئۆزىڭىز ئەستە ساقلىماقچى بولغان مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ ياكى ۋەكىل قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ ئارقىلىق ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئېسىڭىزدە ياخشى ساقلاش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. مەسىلەن، بىز بازاردىن ئالما، شوخلا، تۇرۇپ، بېلىق ۋە سۈت ئەكىرمەكچى، بۇ تىزىملىكنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. قانداق قىلىمىز؟ ھەممىمىز ئەڭ پىششىق بىلىدىغان يەر ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى. تەسەۋۋۇرنى ياتاق ئۆيدىن باشلايمىز. ياتاق ئۆيگە ئالمىنى، مۇنچىغا شوخلىنى، ئاشخانىغا تۇرۇپنى، كارىدۇرغا بېلىقنى ۋە مېھمانخانىغا سۈتنى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىۋالساق بۇ تىزىملىكنى ئەستە ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. 15. ئوخشاش بىر مەزمۇننى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەر ئارقىلىق مۇنازىرە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى مۇلاھىزە قىلىش، ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش. 16. ئۆگىنىش شىرىكلىرىنى تېپىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگەنگەن مەزمۇن ھەققىدە ئۆزىمىزدىن سىناق ئېلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش. 17. ئۆگىنىش شىركىڭىزنى سىناش ئۈچۈن سۇئال تەييارلاش ۋە ئۇنىڭمۇ سىزنى سىناش ئۈچۈن سۇئال تەييارلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە تەييارلىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەنلىكىڭلارغا دىققەت قىلىش. 18. چاپلىما خاتىرە ۋاراقچىسىدىن پايدىلىنىش. مەسىلەن، كىتابنىڭ ئىچى، ئۆينىڭ تاملىرى قاتارلىقلار ئۆگەنمەكچى مەزمۇنلار يېزىلغان ۋاراقچىلارنى چاپلاپ، تەكرارلاپ تۇرۇش. 19. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى ئاق دوسكا ياكى ئەينەك قاتارلىقلارغا ئۆچۈرگىلى بولىدىغان مۇي قەلەم ئارقىلىق يېزىپ قويۇش. 20. قىسقا چۈملىلەر ئارقىلىق ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى خۇلاسىلەپ چىقىش. 21. ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئۆزىڭىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمگە دوكىلات قىلىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، بۇ دوكىلات ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش. 22. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۆزىڭىز ياخشى كۆردىغان ناخشا-نەشىد قاتارلىقلارنىڭ ئاھاڭىغا كىرگۈزۈپ نەشىدلەشتۈرۈپ ئوقۇش. 23. ئۆگەنگەن مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەرگە چىقىپ بۇ مەزمۇنلاردىن توردا سىناق بېرىش. 24. ئۆگەنگەن مەزمۇن ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئېنىقلىمىلىرىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش. 25. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى ئاۋازىڭىزنى ئۈنلۈك قويۇپ بېرىپ ئوقۇش. 26. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ھەربىر پاراگرافىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن توختاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇغان نەرسىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېقىشقا تىرىشىش. 27. لېيتنېر سىستېمىسى (Leitner system) دىن پايدىلىنىش. 28. ئۆگەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدىكى ھەربىر ئۇقۇمدىن سۇئال سوراش. 29. دەرستىن كېيىن، دەرس جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىنى ئوقۇش. 30. ئۆگەنگەن مەزمۇن بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ئارىسىدا باغلىنىشلارنى شەكىللەندۈرۈش. 31. بىر مەزمۇننى ئۆگىنىپ چارچىغان ۋاقتىڭىزدا يەنە بىر مەزمۇننى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئالماشتۇرۇش. بۇ ئارقىلىق ھارغىنلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالايسىز. 32. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنغا ئالاقىدار پاراگراف، بەت ياكى بۆلەكلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇكاپات بېكىتىپ (مەسىلەن، كەمپىت، شاكىلات دېگەندەك)، شۇ مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزىنى مۇكاپاتلاش. 33. فەنىيمەن خاتىرە دەپتەر ئۇسۇلى (Fenyman notebook method) دىن پايدىلىنىش. بۇ ئۇسۇل تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. 34. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى بۆلەكلەرگە بۆلۈش ئارقىلىق ئۆگىنىش جەريانىدا زىرىكىش ياكى چارچاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 35. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئىچىدىكى ئۆزى بىلمەيدىغان بۆلەكنى باشتا ئۆگىنىش، بۇنداق قىلغاندا ئۆزىڭىز بىلىدىغان نەرسىنى بارا-بارا ئىچكىرلەپ چۈشىنەلەيسىز. 36. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنغا ماس بولغان دىئاگرامما تۈزۈپ، بۇ مەزمۇننى دىئاگراممىلاشتۇرۇش. 37. ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇن ھەققىدە پوۋېرپوينىت ئىشلىگەندە ياكى ئىنگلىزچە ماقالە يازغاندا نېۋتايمىز رومان دېگەن خەت شەكلىنى قوللىنىش، چۈنكى بۇ خەت شەكلى ئەڭ تېز ئوقۇغىلى بولىدىغان خەت شەكلىدىن ئىبارەت. 38. خاتىرە قالدۇرۇشتىكى كورنېل ئۇسۇلى (The Kornell Method of Note Taking) نى قوللىنىش. 39. مىكروبىلوگ ياكى شەخسى تور بېكەتلەردە ئۆگىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان مەزمۇن ھەققىدە بىر تىما ئېچىپ ماقالە-يازما ئېلان قىلىش. 40. تېلېفونىنى بەك كۆپ قوللىنىدىغانلار سەمپېر (semper) يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش. بۇ دېتال تېلېفونىڭىزنى ئاچقاندا، تېلېفونىڭىزدىكى باشقا دېتاللارنى قوزغاتقاندا ياكى ئىچىڭىز پۇشۇپ تېلېفونغا قارىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆگەنمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى تەكرارلاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. (دىققەت: مەلۇم بىر مەزمۇننى ئۆگىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 40 خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ياكى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللانسىڭىز بولىدۇ.)
ئۆگىنىشنىڭ 40 خىل ئۇسۇلى
ئۆگىنىشنىڭ 40 خىل ئۇسۇلى 1. باش ھەرپلەر بويىچە قىسقارتىپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى.