ئوبزور: راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمە قىلدۇق؟

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئ‍ان

25-سىنتەبىر

2023-يىلى 21-سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا جايلاشقان ختاي دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە ختاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا چاقىرىدىغان تەشكىلات دۈيخۋا (دىئالوگ)تەشكىلاتى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئالىم ۋە تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ختاي ئەمەلدارلىرىدىن ئ‍ېرشكەن ئۇچۇر ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

دوكتۇر راھىلە داۋۇت خانىم-ئۇيغۇر مەدەنىيتى، تىلى ۋە فولكلورىنى قوغداش، تەتقىقات قىلىش ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلغان تەتقىقاتچى ئالىمدۇر.

راھىلە داۋۇت -ئالدى بىلەن خەلقئارادا كەسپداشلار تەرىپىدىن ئاكادېمىك ئەمگەكلىرى بىلەن ئېتراپ قىلىنغان بىر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، ئ‍ۇ ئاتالمش شنجاڭ ئ‍ۇنېۋرستىتى فېلولوگىيە ئېنۇستىتۇتى پىروففسىورى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك فولكلورى، مەدەنىيتى ھەققىدە مەخسۇس ۋە كۈچلۈك ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان.ئۆز ساھەسدە دوكتۇر ۋە ئاسپرانتلارنى يتەكلىگەن. ختاي دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە ئىلمى دوكلاتلارنى بەرگەن،  2008-يىلى ختاي ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى»نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  ئۇيغۇر مەدەنىيەت -ئ‍ىزنالىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن دوكلاتلارنى سۇنغان. ئۇنىڭ ھاياتى پەقەت ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە فولكلورىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداش بىلەن ئۆتكەن.

ئەمما ختاي ھۆكۈمىتى راھىلە خانىمنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنى ئۆز ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى يولغا قويۇۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى قىلدى.

گەرچە راھىلە خانىم ختاي كومپارتىيسى ئەزاسى بولسمۇ، گەرچە راھىلە خانىم ختاينىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن خۇجىنتاۋ،جياڭ زېمىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن بولسمۇ، بارلىق خىزمەتلىرى كومپارتىيە يولغا قويغان دائىرىدە بولسمۇ، ئۇ ئېچنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلالمىدى.

2019-يىلى ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن ھازىرغىچە ئۇ ھەقتە چەتئەلدە  ئۇيغۇرلار يتەرلىك پائالىيەتلەرنى قىلمىدى، كۈچلۈك تەشۋىقات خىزمتى قىلمىدى. قىزى يالغۇز قالدى.

نۆۋەتتە راھىلە داۋۇت خانىم-مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىندى. گەرچە ئۇ سزنىڭ بىر تۇققىنىڭىز بولمىسمۇ،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەمەلى خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئالىمدۇر. خەۋەر ئىلان قىلىنغاندىن كىين، ئۇ ھەقتە دۇنيا بويلاپ بايانات بەرگەن ئۇيغۇر ئەمەس تەشكىلاتلار ۋە ئالىملارنىڭ سانى 150دىن ئاشىدۇ،  خەۋەر قىلغان چوڭ تاراتقۇلار 100 دىن ئاشىدۇ،  ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆزلىرى بۇ ھەقتە قانچىلىك ھەرىكەت قىلدى؟

باشقا ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، پەرھات تۇرسۇن، ئارسلان ئابدۇللا، قۇربان مامۇت قاتارلىق كىشلەرمۇ ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ، تەر تۆككەن كىشلەردۇر، ئەمما خەلقئارا ئورگانلار ۋە مىديالار ئۇلار ھەقتە سۆزلىمىسە، بىز ئۇنتۇپ قىلىۋاتىمىز.

مەن بۇ ھەقتە كونكىرىت ھەرىكەتلەرنى ئىلىپ بىرىشمىز ئۈچۈن ئىنگىلىزچە قسقا ئوبزور يازدىم ۋە تېۋىتتردا ئىلان قىلدىم.بۇ پەقەت ئىنگىلىز تىلى ئ‍شلىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە:

سوسيال مېدىيا ھەرىكەتلىرى ئىلىپ بىرىش، خۇسۇسى بايانات بىرىش، ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش،ئاخبارات خەۋەرلىرىنى قوللاش،ئالاقىدار يېغىلىش ۋە نامايشىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، راھىلە خانىم ھەققىدە ئاكادىمىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش، سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىش قاتارلىقلار.

بىز بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىشمىز كىرەك ئەمەسمۇ؟

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

30ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24مەخپىيەت

جۈ سېنتەبىر 29 , 2023
  0 1.كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش.چۈنكى ئاياللار 30ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ ئالماشتۇرۇشى قىيىن بولىدۇ. 2.ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش.مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ،يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرغۇدەك بىر ئىللىق ماكانىڭىز بولۇشى كېرەك. 3.ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش.ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەش 30ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. 4.تېرىنى ياخشى ئاسىراش كېرەك.يىللار ئادەمگە باقمايدۇ.ياشلىق […]
30ياشلىق ئاياللار

You May Like