ئوبزور: ئۆمەر قانات دىپلومات ژۇرنىلىدا « ب د ت باش كاتىۋىنى ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش»قا چاقىردى

ۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-ئۆكتەبىر

ۋاشنگىتوندا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرىكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق «دىپلومات»سياسى ژۇرنىلىدا ئوبزور ئىلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋى ئانتونيۇ گۇتەررەسنى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

ئۆمەر قانات ئوبزوردا، ب د ت باش كاتىۋى ئانتونىيۇ گۇتەرەرسنىڭ ختاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» سياسىتىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە مۇراسمىدە، مەزكۇر سياسەتنى «تارىخى پۇرسەت » دەپ ئاتىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ يەنە ئوبزوردا، باش كاتىپنىڭ دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى يۈز بەرگەن ئ‍نسان ھەقلىرى مەسلىسدە ئاكتىپ ئاۋاز چىقارغانلىقى، ئەمما ختانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قىلغان سۈكۈتلىرىنى تەنقىد قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى ئالى كېڭىشى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى چوڭ دوكلات ئ‍شلەپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ راسلىقىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باياناتى: مىللى مەنپەئىتىمىزدە قەتئى چىڭ تۇرىمىز, ئ‍سلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرىمىز!

يە ئۆكتەبىر 29 , 2023
«ئ‍سلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرىمىز، مىللى مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ختايدىن ۋە ختاينىڭ ئېتتپاقداشلىرىنىڭ تۆھمەتلىرىدىن تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمايمىز»! ھۈرمەتلىك قىرىنداشلار، ئەزىز ۋەتەنداشلار! مىللىتىمىز ۋەتەندە قىرغىنچىلىق ئىچىدە، بىز چەتئەلدە باشقىلارنىڭ مىللى مەنپەئىتىنى دەپ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ ھالدا بۆلۈنۈش گىردابىدا؛ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يىللاردىن بىرى، ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلغان ئۇيغۇر […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى باياناتى

You May Like