نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: خىتتاي پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان نىسبىتىنىڭ 7 نى بۆسۈپ ئۆتىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتتايچە تورى

خىتتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-07

ئامىركا خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ بىر -بىرىگە توختىماستىن تەھدىت سېلىش ۋە تاموژنا بىجىنى ئاشۇرۇشلىرىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيا بېيجىڭنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىقتىسادى قۇرالىنى ئىشقا سېلىش سالماسلىقى دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ.

بۇ ئىقتىسادىي قۇرال بولسا «7» رەقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكدۇر.

دۈشەنبە (8-ئاينىڭ 2-كۈنى) كۈنى، خىتاينىڭ خەلق پۇلى يۈەن ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان ھالقىلىق نىسبەت 7 نى بۆسۈپ، بىر ئامرىكا دوللىرىنىڭ خىتاي پۇلىدىكى قىممىتى 7.05 يۈەن بولغان. ئالدىنقى قېتىم بىر ئامىرىكا دوللىرىنى 7 خىتاي پۇلىدىن يۇقىرى باھاغا سېتىۋىلىش 2008-يىلى 5-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا ئېغىر ئىقتىسادى كىرزىستا ئىدى.

تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ تاشقى سودا ئىشلىرى ئادىل بولمىغان ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. سودا ئۇرۇشىدا پۇل ئۈنۈملۈك بىر قۇرال ھىساپلىنىدۇ.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق چۈشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.چۈنكى پۇلنىڭ قىممىتى ئۈنۈملۈك بىر قۇرال بولۇش بىلەن بىرگە يەنە «ئېغىر قۇرال» مۇ بولالايدۇ. خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشىرىۋەرسە قىشنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۇرغاندەك ئىشمۇ بولىدۇ.

نىمە ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ ئامىركا دوللىرىغا بولغان نىسبىتىنىڭ 7 نى بۆسۈشىنىڭ تەسىرى زور؟

«7»دىگەن بۇ سان ئۆزى ئۇنچە خەتەرلىك ئەمەس، ئامىركا دوللىنىڭ 6.998 يۈەنگە ئالماشتۇرلىشى بىلەن 7.002 يۈەنگە ئالماشتۇرلىشى ئارىسىدا ئانچە پەرق يوق. لىكىن 7 دىگەن بۇ چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈشى ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئىگە. بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ زاۋۇت خوجايىنلىرى ئامىرىكىدا ماللىرىنى ساتقاندا زور ئەۋزەللىكگە ئىرىشىدۇ. بۇ يەنە ئامىركىنىڭ خىتايدا ياسالغان 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىغا قويغان تاموژنا بىجىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدۇ.

بۇنىڭ خىتايغا قانداق پايدىسى بار؟

ئەگەر سىزنىڭ بىر چىملىق بېزەكلىرى ياسايدىغان زاۋۇتىڭىز بار دىسەك، ئامىرىكىدىكى بىر پارچە سېتىش سودىگىرىگە زور مىقداردا مەھسۇلاتىڭىزدىن ساتتىڭىز دەيلى، بۇ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ پۈتۈش باھاسى 1 دوللار بولسا، خىتاي پۇلىنىڭ ئامىركا دوللىرىغا پىرۋوت قىممىتى 6 بولسا، سىزنىڭ بۇ مىلىڭىزنىڭ سېتىپ چىقىرىش باھاسى 6 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. ئەگەر پىرۋوت قىممىتى يەتتە بولسا ئۇ چاغدا مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سېتىپ چىقىرىش قىممىتى 7 يۈەن بولغان بولىدۇ. بەلكىم سىز ئۇ خىرىدارىڭىزغا سەل ئەرزان باھادا سېتىپ بىرىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن 0.875 دوللاردىن سىتىپ بەرسىڭىز، سىز يەنىلا  6 يۈەنگە ساتقان بولىسىز. بىراق ئۇ خىرىدارىڭىزنىڭ ئامىركىدىكى رىقابەتچىسىمۇ ئوخشاش ماللىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. دىمەك ئامىرىكىنىڭ تاپىدىغان پايدىسى ئازلاپ كەتتى دىگەن گەپ.

خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشىشى يەنە تىرامپنىڭ خىتاي سودىگەرلىرىگە قويغان بىجىغىمۇ زەربە بىرەلەيدۇ. ھازىر ئامىرىكىنىڭ مەلۇم پورتىغا يىتىپ بارغان خىتاي ماللىرىغا ئامىركا %25 باج قويدى. ئەگەر خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى %10 چۈشسە، ئامىركا قويغان باج تەخمىنەن %15 چۈشكەن بولىدۇ.

ئۇنداقتا خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى نىمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟

ئۇزۇندىن بىرى ئامىركا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلار خىتاينى پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى كونتىرول قىلىدۇ دەپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق مەيلى ۋاشىنگىتون ئەمەلدارلىرى بولسۇن ھىچبىرى رەسمى ھالدا خىتاينى بۇنداق قىلمىشى ئۈچۈن ئەيىبلىمىگەن ئىدى. لىكىن تەپسىلى قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ كۆپى بىيجىڭنىڭ بىۋاستە كونتىروللىقى ئاستىدا ئەمەس.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى سېستىمىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق كونتىرول قىلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونتىرول قىلىش ھوقوقىغا ئىگە. ئەمەلدارلار ھەر كۈنى خىتاي پۇلىنىڭ پىرۋوتىغا بەلگىلىمە بىرىدۇ. بۇ بەلگىلەپ بەرگەن قىممەت ئاساسىدا ئاز مىقداردا يۇقىرى تۆۋەن بولۇپ تۇرىشىغا يول قويىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەر كۈنكى سودا پائالىيتىنىڭ ئەتىكى قىممەتنى بەلگىلەشكە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلار بۇنى قانداق روياپقا چىقرىدىغانلىقىنىڭ تەپسىلەتى توغۇرلۇق ئاساسەن مەلۇمات بەرمىگەن.

ئەگەر خىتاي پۇلى ئاجىزلاشقا قاراپ ماڭسا مال باھاسى ئۆرلەپ خىتايدىكى ئىستىمالچىلارغا قاتتىق تەسىرى بولىدۇ. بەرزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. نېفىت قاتارلىق خەلىقئارالىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۋېتىش ئىھتىماللىقى بار.

ئەگەر سودا ئۇرشى تېخىمۇ كەسكىنلشىپ ئېغىرلاشسا، خىتاي بەرزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى مۇمىكىن،ئەمما بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ.

مەنبە:

https://cn.nytimes.com/business/20190806/china-currency/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھۆرلۈك جارچىسى -ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ۋاشنگىتوندا ئالەمدىن ئۆتتى

پە ئاۋغۇست 8 , 2019
مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۇكى ئۇچۇن ئىزدىنىش ،قەلەم تەۋرىتىش بىلەن ئۆتتى، ياراملىق پەرزەنتلەرنى قاتارغا قوشتى، نادىر ئەدەبى ۋە سياسى ئەسەرلەرنى يادىكار قالدۇردى ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىنىشى ئۇچۇن تۇرتكە بولدى . ئۇيغۇر خەلقى بۇنداق بىر پەرزەنتىنى خۇددى ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ھاياتىنى داغدۇغىلىق خاتىرلىگەندەك مەڭگۇ […]

You May Like