ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-نويابىر
نۆۋەتتە تايلاندتا تۈرمىسدە ئون يىلدىن بىرى تۇتۇلۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان تەپسلى خەۋەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى ناھەق قامىلىپ تۇرىۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە تارتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تۇرمۇشى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ناھايتى تەپسلى يېزىلغان مەزكۇر دوكلات كىشلىك ھوقۇق ساھەسدە كۈچلۈك تەسر قوزغىدى.
مەزكۇر خەۋەر ئىمام ھەسەن ئسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تايلاند تا تۇتۇلغان، ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق تۇرۇپ تۇرىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسلى بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭدا شەخسلەرنى زىيارەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش، خەلقئارا كىلىشملەر ۋە قانۇنى ئاساسلارنى مەنبە قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېزىلغان ، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك ئىلمى دوكلات ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر دوكلات-خەلقئارا ئاخباراتچىلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەتقىقاتچى ۋە ئاخباراتچى ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا ۋە يازغۇچى بەن مارك تەرىپىدىن ئشلەنگەن.
مەزكۇر دوكلات ئىلان قىلىنغاندىن كىين، كۈچلۈك تەسر قوزغىغان. 26 دۆلەت پارلامېنتتىكى 50 ئارتۇق پارلامىنىت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان «ختايغا قارشى پارلامىنتلار ئېتتپاقى»مەخسۇس بايانات ئىلان قىلىقپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە، قويۇپ بىرىشكە چاقىرغان ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىغا ئشارە قىلغان.ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئالاقىدار بۇ ھەقتە بايانات بەردى.
بۇ ئۇيغۇرلار ختايدىن قېچىپ چىقققان تەخمىنەن 350 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر قسمى بولۇپ، ئۇلار مىڭبىر جاپالاردا ئاسيا دۆلەتلىرىدە سەرگەردان بولغان، ئۇلاردىن 172 ئايال ۋە بالا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىششى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن.109 نەپىرى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ختايغا مەجبۇرى قايتۇرۋىتىلگەن. ختاي ئۇلارنى جىنايەتچى دەپ ئەيىپلىگەن بولسمۇ، ئەمما ھىچقانداق پاكىت ۋە ئسپات تەمىنلىمىگەن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىرى بولسا-ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاشقا مەجبۇر بولغان.
تايلاند تۈرمىسدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا، ئادوۋكات ۋە كىشلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارغا مۇراجىئەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. شۇنداقلا،شارائىتى ناچار يەردە تۇتۇلۇپ، باشقىلاردىن ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ باشقا تۇتقۇنلارغا قارىغاندا ئۆزگىچە مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ئېنىق.تۇتقۇنلار ئىچىدە 5 نەپەر ئۆلگەن، شۇنىڭ ئىچىدە 2 بالا بار ئىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا، ب د ت نىزاملىرى، تايلادنىڭ ختاي بىلەن ئالاقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇناسۋەتلەردە پايدىلىنىش ئەھۋالى، مۇرەككەپ خەلقئارا مەنپەئەت توقۇنۇشىمۇ يورۇتۇپ بىرىلگەن.