11-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئېچىلغان د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا نورۋېگىيەدىن ۋەكىللەر، كاندىدات ۋەكىللەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار بولۇپ، 10 كىشى قاتناشتى. 11-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاينىڭ كىتاب يەرمەنكىسىدىن، قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرلاشقان كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، نورۋېگىيەدىن بارغانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلتاي خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ياردەمدە بولدى شۇنداقلا 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىدا نورۋېگىيەدىن بارغان ۋەكىللىرىمىز د ئۇ ق نىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا رەھبەر بولۇپ سايلاندى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە : د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشلىكىگە پەرھات ياقۇپ، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سەمەت ئابلا، تەشۋىقات- ئۇچۇر كومىتېتى مۇدىرلىقىغا بەختىيار ئۆمەر، تەتقىقات مەركىزى مۇدىرلىقىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ، فوند مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە خەلچەم مەمتىمىن. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرىمىزنىڭ د ئۇ ق دا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە سايلانغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. شۇنداقلا نورۋېگىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.