نورۋېگىيەدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

نورۋېگىيەدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

نورۋېگىيەدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-مارت

ئارمان

(سۈرەتلەر سەمەت ئابلا ئەپەندىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرى، 2022-يىلى 5- مارت شەنبە كۈنى نورۋېگىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان موس Moss شەھىرىدە «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نامىدىكى مەسچىتنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى رەسمىي ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتى. ئاگېنتلىقىمىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە مەزكۇر مەسچىت قۇرۇلۇش ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر مەسچىت ئورۇنلاشقان موس شەھىرى پايتەخت ئوسلونىڭ جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە 30 غا يېقىن ئائىلىدىن تەركىب تاپقان 130 غا يېقىن ئۇيغۇرلار ياشايدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئوسلونى مەركەز قىلغان ھالدا، ئەتراپتىكى يېقىن رايونلاردىمۇ ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىم مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: « نورۋېگىيەدە 2008-يىلىدا تۇنجى بولۇپ ئوسلو شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نامىدا مەسچىت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغان، ھەمدە ئىزچىل ھالدا ئوسلو ئەتراپىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەندىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىشى شۇنداقلا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى سەۋەبلىرىدىن تېخىمۇ چوڭ بولغان مەسچىت ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە بولغان ئېھتىياجىمىز بارغانسېرى ئاشتى. شۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ موس شەھىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆلىمى بىر قەدەر چوڭراق بولغان مەسچىتتىن بىرنى قۇرۇشنى ئويلىشىپ 2020-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدۇق.»

پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، مەسچىت قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تەرتىپلىك  ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن 2020-يىلى 10- ئايدا  8 نەپەر ئەر ۋە 7 نەپەر ئايالدىن تەركىب تاپقان مەسچىت قۇرۇلۇش ئىدارە ھەيئەتلىكى قۇرۇلغان. مەزكۇر ھەيئەت بىرلىكى تەپسىلىي خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ نورۋېگىيەدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىلتىماسلىرىنى سۇنغان. نەتىجىدە  شۇ يىلى 10-دېكابىر كۈنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئىلتىماسنى رەسمىي تەستىقلانغان. 

ئىلتىماس گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەستىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت ئۈچۈن مۇۋاپىق ئورۇننى تېپىش خىزمىتى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىگەن. مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە توختالغان پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: « ھەيئەتلىكىمىز مۇۋاپىق ئورۇننى تېپىش مەقسىتىدە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا نۇرغۇن جايلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، بەزى ئورۇنلارنىڭ ئورنى، باھاسى مۇۋاپىق بولسىمۇ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى تەسكە توختىدى. بەزى ئورۇنلار شەھەردىن يىراق، قاتناشقا قۇلايسىز بولۇپ چىقتى. بۇ يىل 1-ئايغا كەلگەندە ئاخىرى ئۆزىمىز ئويلىغىنىمىزدەك ئورۇننى تېپىپ چىقىپ قارارىمىزنى بېكىتتۇق. 8- يانۋار قولىمىزغا ئاچقۇچنى ئالغاندىن كېيىن جىددىي تۈردە رېمونت قىلىش، بېزەش خىزمەتلىرىنى باشلاپ كەتتۇق. بۇ جەرياندا بىزنى ئەڭ خۇشال قىلغان، ھەمدە ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ئىش شۇ بولدىكى، مەسچىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش، بېزەش ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتتىن بىرمۇ ئىشچى تەكلىپ قىلمىدۇق، ئەتراپىمىزدىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىز قولمۇ قولدىن ياردەم قىلىپ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالدى. ياغاچچىلىق، سىرچىلىق، توكچىلىققا ئوخشاش بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىقتى. قولى گۈل خانىم قىزلىرىمىز ھەرخىل ئوخشىغان تاماقلىرى بىلەن خالىسانە ياردەمدە بولدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىز قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئىشلىرىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزغا مەسچىتىمىز نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.» 

ئىككى ئايغا يېقىن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن كېيىن، 5-مارت كۈنى «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نامىدىكى مەسچىتنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر ئورۇن 335 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ،  ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەر مەسچىتى، ئاياللار مەسچىتى، 30 ئەتراپىدا كىشى سىغىدىغان چايخانا، كۆرگەزمىخانا، كۇتۇپخانا، قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 80 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى مەركىزى زالنىڭ تاملىرىغا ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، دىنىي ئۆلىمالار، مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىمۋول قىلىنغان ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلار، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار رەتلىك تىزىلغان ئىكەن. بۇ زالدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئانا تىل دەرسلىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغاندىن سىرت، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا نەزىر چىراغ، يىغىلىش، لېكسىيە، مەرىكە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدىكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتچان «ئۇيغۇر ئۆيى» ئۆز نۆۋىتىدە يەرلىك نورۋېگلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان قوللىنىشچان «كۆرگەزمىخانا» لىق ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا پەرھات ئابدۇللا ئەپەندىم نورۋېگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ موس شەھىرىگە كېلىپ مەزكۇر مەسچىتكە كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى :« مەسچىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىز ئۆزلىگىدىن كېلىپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەردە بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۆپ مىننەتدارمىز. بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش جەريانىدىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، بىز ئۇيغۇرلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلسەكلا ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىكەنمىز، ھېچكىمگە تايانمايمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىجابىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش نېسىپ بولسۇن.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەكىللىرى 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سە مارت 8 , 2022
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەكىللىرى 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

You May Like