قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر شائىرە مېھرىنىسا ئىسمايىل 2025-يىلى 17-فېۋرالدا كېسەل سەۋەبىدىن گېرمانىيەدە ۋاپات بولدى.
مېھرىنىسا ئىسمايىل 1985-يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى -(شىنجاڭ) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پروگرامما رېژىسسورى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ يەردە «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» قاتارلىق مۇھىم پروگراممىلارنى پىلانلاپ، تۈرلۈك ئەدەبىيات سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە جىددىي ئىجتىمائىي تېمىلاردا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان.

«ئۈزۈلمەس ئېقىن» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ۋە فىلىملىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر زىيالىي ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئىجتىمائىي تېمىدىكى پروگراممىلارنى ئىشلەشتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
مۇھاجىرەتتە نۇرغۇن شېئىرىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئىلان قىلغان. ئىزدىنىش تورىدا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۆزىنى شائىر ئەمەس، پەقەت شېئىر ھەۋەسكارى دەپ تونۇشتۇرسىمۇ، ئۇنى بىلىدىغان دوستلىرى ئۇنى «مۇھاجىرەتتە تالانتى كۆمۈلۈپ قالغان ياراملىق شائىر ئىدى» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى بىرىدىغان ئائىلە سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كۈچلۈك تەسر قوزغىغان
مېھرىنىسا خانىم-ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى سابىق رەئىسى ھۆرمەتلىك كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ خانىمى بولۇپ، كۈرەش ئاتاخان ۋەتەن ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كىين، مېھرىنىسا خانىم پەرزەنتلىرىگە ھەم ئانا، ھەم ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ, ئۇزۇن يىل ھەسرەتتە ئۆتتى.
مېھرىنىسا ئىسمايىل خانىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا سەۋر تىلەيمىز.