موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەتەننىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى

موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەتەننىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى

 موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەتەننىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-دېكابىر

نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خالىسانە (پىدائىي) ئورگانلارنىڭ پائالىيىتى، تۈنۈگۈن (5- دېكابىر) موس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. «موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» موس ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى پۇختا تەييارلىق قىلدۇرۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئىككى نومۇر تەقدىم قىلدى ۋە ۋەتەن دەردىنى قىسقىچە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

رىياسەتچى «موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» نى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 

«كېيىنكى نومۇرىمىزنى «موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» ئورۇنلايدۇ. بەلكىم سىلەر ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىملىكىنى بىلمەيسىلەر، شۇڭا مەن ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي. ئۇيغۇرلار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركىي خەلقتۇر… 
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىشى ۋە قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ياشايدۇ…
موس شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 101 بولۇپ، ئۇلار «موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» نى قۇرۇپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ…»

رىياسەتچىنىڭ تونۇشتۇرىشىدىن كېيىن، ئوماق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇلاسىدىن ئۆچمەس خاتىرىلەرنى قالدۇردى.

«موس ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» 2019- يىلى قۇرۇلغان، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە شۇنداقلا يەرلىك نورۋېگ خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان خالىسانە ئورگان. بۇ ئورگان موس شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، گۈزەل سەنئەتلىرىنى يەرلىك خەلققە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، خەلقىمىزنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

خەۋەرنى بىلمەسجان تەييارلىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى

چا دېكابىر 7 , 2022
شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى

You May Like