ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى مەخمۇتجان دارايېۋ ۋاپات بولدى

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى مەخمۇتجان دارايېۋ ۋاپات بولدى

 ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى مەخمۇتجان دارايېۋ ۋاپات بولدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-ماي

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارى، جامائەت ئەربابى مەخمۇتجان دارايېۋ ئەپەندىم 2023-يىلى 6-ماي كۈنى 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەخمۇتجان دارايېۋ 1949-يىلى 1-مايدا ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1971-يىلى ئۇ ئالمۇتادىكى ئارتىس تەربىيەلەيدىغان مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. مەخمۇتجان دارايېۋ شۇ يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىدا قۇرۇلغان تۇنجى زامانىۋى ئانسامبىل بولغان «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ غوللۇق قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرخىل زامانىۋى ۋە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنداپ خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مەخمۇتجان دارايېۋ ئۆز نۆۋىتىدە  «ئۇيغۇر تىياتىرى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرخىل  كىنو، دراما، تىياتېرلاردىمۇ بىر قاتار روللارنى ئېلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ ئوينىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك روللاردىن: «ئاي تۇتۇلغان تۈن» درامىسىدىكى ئاق يىگىت ئوبرازى، «ھاۋا يەڭلار» درامىسىدىكى قۇربانتاي ئوبرازى، «شاۋقۇن» درامىسىدىكى ھاكىمجان ئوبرازى، «مەرد ۋە نامەرد» درامىسىدىكى نامەرد ئوبرازى، «قەشقەر قىزى» درامىسىدىكى ۋەلىبەگ ئوبرازى، «نۇرخان» مۇزىكىلىق تىياتىرىدىكى ھۇزۇر غوجا ئوبرازى، «غېرىب سەنەم» درامىسىدىكى شاھ ئابباس ئوبرازى قاتارلىقلار بار.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قازاقىستان «ئۇيغۇر تىياتىرى»نىڭ تەشكىللىشىدە ئېلىپ بېرىلغان «تەبەسسۇم» نامىدىكى سەنئەت كېچىلىكى تۇنجى قېتىم پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان دىيارىدا تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىلىشقا باشلىدى. مەخمۇتجان دارايېۋ ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك ئوبرازلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇ رول ئالغان ئىتوتلار خەلقنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. شۇ تەرىقىدە مەخمۇتجان دارايېۋ بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچى قاتارلىق يەرلەرگە كېلىپ ھەرخىل سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتى.

مەخمۇتجان دارايېۋ ئۇيغۇر كەسپىي سەنئەت تەرەققىياتىدا قوشقان تۆھپىلىرىگە ئاساسەن 2022-يىلى «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» نامىدىكى دۆلەتلىك ئالىي ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلانغان. 

مەخمۇتجان دارايېۋنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دېئاسپوراسىنى قايغۇغا چۆمدۈردى. «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن مەرھۇم مەخمۇتجان دارايېۋ ئەپەندىنى قايغۇ بىلەن ئەسلەيمىز، ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلىشىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.

سۈرەت ۋە ئۇچۇرلار قازاقىستان «ئۇيغۇر تىياتىرى» تور سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتى تەڭشىلىدۇ.

سە ماي 9 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتى تەڭشىلىدۇ.

You May Like