مەشھۇرلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بولدىغان 10 جۈملە سۆزى

مەشھۇرلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بولدىغان 10 جۈملە سۆزى

1. بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز، شۇنداقلا باشقىلاردىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. مەيلى قانداقلا ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشىمىز، لېكىن بۇ ئىشنىڭ يەنە ئەرزىمەس ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك -–رېينى مارې رىلكې.

2. ئېرىشكەنلىرىڭىزگە قەلبىڭىزدە مىننەتدارلىق بولسۇن، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز. ئېرىشەلمىگەنلىرىڭىزنى ئەگەر ھەرگىز ئۇنتۇپ كېتەلمىسىڭىز مەڭگە قانائەت تاپالمايسىز –ئوپراخ ۋېنفرېي.

3. ئاتالمىش باتۇرلۇق ھەرگىز ھېچنىمىدىن قورقماسلىقنى كۆرسەتمەستىن بەلكى قورقۇشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم ئىش بارلىقىنى چۈشەنگەنلىكتۇر. –- ئامبروس رېدلىن، «مەلىكىنىڭ خاتىرىسى».

4. جاھاندا راست گەپ ئاز، بىر قىزنىڭ يۈزىنىڭ قىزىرىشى مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. -–لاۋ شې «شياڭزى تۆگە».

5. ھازىرقى خۇشاللىقىڭىزدىن بەھىرلىنىڭ، چۈنكى بۇ پەيت دەل سىزنىڭ ھاياتىڭىز.

6. بەش ياش ۋاقتىمدا ئانام ماڭا، ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىمى خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن كشىلەر مەندىن، چوڭ بولغان نېمە ئىش قىلىسەن؟ دەپ سورىغاندا، مەن «خۇشاللىق» دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇلار ماڭا سورىغان سوئالىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىمنى ئېيتتى، مەن ئۇلارغا ھاياتنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئېيتتىم. –-جون لېننون.

7. دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل ھەقىقىي قەھرىمانلىق بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش. –- رومىن روللان.

8. تاللىغان يولىڭىزدە ئىككىلەنمەي مېڭىپ، ئاسان يولنى تاللىماڭ، شۇندىلا ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولالايسىز. –- ياڭ جياڭ

9. مەن سىزنى بىر كۆرۈشكە تەشنا، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېغىز يېرىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمايمەن. بۇ مەغرۇرلۇقتىن ئەمەس، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەندە مەغرۇرلۇقتىن قىلچە ئەسەر يوق، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پەقەت سىزمۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغاندا كۆرۈشسەك ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ. – -سىمونا دې بېئاۋوئىر «ئوكيان ھالقىغان مۇھەببەت خېتى».

10. ئومۇمەن ئادەمنى بەختلىك قىلىدىغان نەرسىلەر، ھەمىشە يەنە بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. –- گيوتې «ياش ۋېرتېرنىڭ دەردى»

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كارخانىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

دۈ ئاپرېل 23 , 2018
دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كارخانىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

You May Like