زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ دادىسى:مەن زادى قاندا قىلىشىم كېرەك ؟

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ دادىسى:مەن زادى قاندا قىلىشىم كېرەك ؟

 

ئابلىكىم قۇربان غازى

(ئىزاھات:مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ رۇخستى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلان قىلىندى) 

6 ئاينىڭ 16- كۈنى سەلىم پاشادىكى نارسىدە7 سەبى قىزلىرىمىزغا  قىلىنغان  جىنسى پاراكەنچىلىك سېلىش ۋەقەسى؛ سەلىم پاشا ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان  ئۈچ ئائىلىدىن ئۈچ قىزىمىز   ( دادا بىزگەيامان نىيەتلىك ئادەملەر قارا قولىنى سۇندى، بىزگە ياردەم قىلىڭ ،بىزنى قوغداپ قېلىڭ ) دېيىش ئارقىلىق ئاشكارلاندى 

‎زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغىچىلار ئارىسىدا  مىنىڭمۇ قىزىم بار بولغاچقا  دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتتىق غەزىپىم تاشتى،كۆپ ئويلاندىم،خاتا قەدەم ئىېلىپ سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆز ئىچىمىزدىكى بىلىملىك،تەدبىرلىك،ئۇستازلارغا مەسلەھەت سالدىم،قەلبىمنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز  بىر ئازاپ قىينايتتى،

‎ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىۋىدە سەككىز يىلدىن بېرى خىزمەت قىلىپ يىلتىز تارتقان ئەخمەتجان ئىىسىملىك بۇ  نىجىس،مەلئۇننى  قىيما-چىما  قىلىپ ئۆلتۈرەممىسەممۇ ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ تىگىشلىك جازاسىنى تارتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تېرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىم،قېچىپ كەتكەن بۇ نىجىسنى ساقچى ئىدارىسغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن ، ئادەم قۇبۇل قىلغۇسىز ئىىشلار يۈز بەردى،ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتەپ مەسئۇللىرى ئەرىز قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن  بەكلا رەنجىپ كەتتى ،ئولتۇرۋاتقان راھەت قوروسىدىكى ئۆيلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇپ، تەھدىت سالدى،بىزگە باللىرىمىزنىڭ ئەزىيەتكە خورلۇققا ئۇچرىشى ئاز كەلگىنىدەك ئەلەم ئۈستىگە ئەلەم بولدى،بۇلارغىمۇ چىداپ سەبىر قىلىپ كىتىۋاتساق،بىر تۈركۈم ئاياللار بۇ ئىىشلارنى كىچىكلىتىش ئۇچۇن بىزگە تەربىيە ئىىشلەشكە باشلىدى. يۈركىمىزنى  ئاغرىتىدىغان،گەپلەرنى قىلدى،بىز ئۇلاردىن سەبىرگە تەۋسىيە قىلدىغان گۈزەل سۆزلەرنىڭ ئورنىغا تەكرار -تەكرار دەشنام ئاڭلىدۇق،مۇشۇ ئەسىردە شۇنچە كۆپ تەشكىلاتلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئارسدا يالغۇز قالدۇق،كەڭرى ئالەم بىزگە تار كەلدى،

‎ھازىرمۇ ھەر كۈنى خىتتاينىڭ ئادىمى خائىن. چوقۇم پۇلغا سېتىلغان، پۇل لازىم بولسا بىز بېرەيلى،دىگندەك تۆھمەتلەر،تەھتىتلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز

‎بىز ئەرىز قىلىپ بۇ نىجىس مەلئۇننى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان بولساق يەنە قانداق ئىىشلار يۈز بېرەتتى؟يەنە قانچىلىغان ئائىلىلەرنىڭ بېشىغا نىمە كۈنلەر كېلەتتى؟سەبى باللىرىمز ھازىرغۇ بىلمەس كىيىنچە چوڭ بولغانسىرى بىزدەك دادىلاردىن پەخىرلىنەمۇ ياكى نەپرەتلىنەرمۇ؟ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئىىچىدىكى بىرەر تەشكىلات بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى كېلىپ تەكشۈرمىدى،ئەتراپىدىكلەر ياكى بىر تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا مېديالاردا يازما يېزىپ تارقىتىشنى تەھلىل قىلشنى داۋام قىلۋاتىدۇ،مىنە ئەمدى مۇشۇ كۈنگىچە راھەت قوروسىدىكى  جامائەتنىڭ ئىىشلىرنى مەكتەپتىكىلەر تەرپىدىن ۋەكىل قىلىپ سايلىنىپ قىلۋاتقان ئىىشەنچىلىك ئادەم بولغان  مەن،  يۇرتىمىزنىڭ يوللىرى تاقالمىغان ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئەرەپ قېرىنداشلىرىمىز تەرەپىدىن مەكتەپ سېلىشقا بېرىلگەن نەچچە مىليۇن پۇللارنى كۆۋرۈك بولۇپ بىر سىنتقا خىيانەت قىلماي يەتكۈزگەن مەن،ئەرىز قىلىپ زۇلۇمغا قارشى تۇرغاندىن كىيىن ئىىشەنچىسىز دىگەن تۆھمەتكە قالدىم. 

‎ كەينىمدىن ناھايتى قاباھەتلىك،رەزىل ماتىريال توپلاش ۋە سۈيقەستلىرگە ئۇچراۋاتىمەن،باللىرىمىزغا بولغان بۇ رەزىل قىلمىشلار ئوقۇ ئۇيغۇرمەكتەپنىڭ ئىىشخانا،لىفىت،ئۇ نىجىسنىڭ سايمان قويدىغان ئامبىرىدا،راھەت قوروسىدىكى ئۆيىدە يۈز بەرگەن تۇرسا بۇ ئىىشلارنى كىچىكلەتكىلى،ئۇ مەكتەپتە بولمىغان دەپ تۈگەتكىلى بولامدۇ،كۈننى ئىتەك  بىلەن ياپقىلى بولماس،ئاللاھ غالىپتۇر،ئىنسانلارنىڭ ھىلە مىكرىدىن ئاللاھنىڭ تەدبىرى ھامان ئۈستۈندۇر،

‎مەن ئەخمەتجان ئىىسمىلىك  بۇ مەلئۇننى ئۆز قولۇم بىلەن تۇتۇپ قاتتىق ئەدىپىنى بېرىپ راھەت قوروسىدا تۈۋرۈككە باغلاپ سازايى قىلىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن  كىينىكى  13ياشلىق قىزىمنىڭ دادا ئاپرىن ساڭا سەندىن پەخرلىنىمەن دىگەن شۇ بىر ئىېغىز سۆزىدىن ھەر قانداق بېسىمغا قارشى تۇرغىدەك كۈچ -قۇۋۋەت ئالدىم

 ! 

‎كۆپلىگەن ئۇستاز ۋە قېرىنداشلار ئېغىر خاتا چۈشۈنىۋاتقان ئېغىر مەسىلە شۇكى :  مەن سەبى قىزىم ۋە باشقا قىزلىرىمىزنى قوغداش يولىدا ئالغان بۇ قەدەملىرىمنى ئىىسلامغا ۋە مەكتەپنىڭ كەلگۈسىگە قىلىنغان ھوجۇم چۈشۈنۈپ قېلىۋاتىدۇ،  بىزنىڭ ئىىسلام دىنىمىز مۇكەممەل دىندۇر، لىكىن دىنىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەملەر مۇكەممەل بولمىغاچقا  ئۇلاردىن خاتالىق يۇزبىرىشى ئېنىق، مەكتەپكە كەلسەك مەكتەپلەر تاقالمايدۇ، پەقەت لاياقەتسىز بولغان كىشىلەر مەكتەپتىن چىكىنىپ ئولارنىڭ ئورنىغا  لاياقەتلىك كىشىلەر كىلىپ باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بۇرچىمىز ئەمەسمۇ ؟ ، مەن بۇ بورۇچنى ئادا قىلىش يولىدا ئۇچۇرغان تەھدىت ۋە ھەرقانداق خېيىم- خەتەرگە پەرۋا قىلمايمەن . ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان ئىش شۇكى  ئۆز پەرزەنتىنى قوغداش يولىدا قەدەم ئالغان بىر دادىنىڭ ئاخىردا مۇناپىق ياكى خىتاينىڭ ئادىمى بولىشى مۇمكىن دىگەندەي گەپ سۆزلەرگە قېلىشى توختىماي ئارقىمدىن ۋە يېقىنلىرىمدىن مېنى قانداق ئادەم ئىدى دەپ سۈرۈشتە قىلىپ پىتنە ئىغۋا تارقىتىۋاتقانلىقى !   ئەمدىلىكتە پەرزەنتىلەرنى قوغدىغانلىق خىتايغا ئىشلىگەنلىك ھىساپلىنامدۇ  ؟ !  كۈسەنى ۋە ئابدىېرھىم تەشنانىڭ مەكتەپنىڭ يۈز ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان خاتا قەدەملىرى كۆپ. ھازىر مەكتەپنى قوغداشتىن بەكرەك مۇھىم بولغىنى ئەۋلاتلىرىمىزنى قوغداش ئەمەسمۇ. مەكتەپنى دەپ بۇ ئىشلارنى كىچىكلىتىپ يوق قىلىۋەتكىلى بۇلامدۇ. بۇ قىزلىرىمىزنىڭ مەڭگۈ ئىسىدىن چىقمايدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنى مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرامدۇق ؟ 

بۇ ئىشلارنى مۇشۇنداق تەھتىت. ۋە ھەرخىل بېسىملار بىلەن جىمىقتۇرۋەتكىلى بۇلامدۇ ؟ مەكتەپ مەسئۇللىرى نىمىشقا ئۇلارغا ئەڭ ئېغىر جازانى بىرىشتە بىز تەرەپتە تۇرماستىن. بىزنىڭ قارشىمىزدا تۇرۇپ ھەرخىل خاتا قەدەملەرنى ئالىدۇ ؟  مەكتەپ مەسئۇللىرى چوقۇم بۇ مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك. چۈنكى بىز ئۇلارغا ئىشىنىپ قىزلىرىمىزنى يۈرەك پارىلىرمىزنى ئۇلارغا ئامانەت قىلغان ئىدۇق.

مەكتەپتە بۇنىڭدىن يەتتە ئاي ئىىلگىرىمۇ ياتاقلىق قىز ئوغۇللار مەكتەپنىڭ ئۆگىزىلىرىدە كېچىلەردە چىقىۋېلىپ قوللىرىنى  تۇتۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇتۇلۇپ قالغان، بۇ لاياقتسىز رەھبەرلەر شۇنداق ئىىشلاردىن بولسىمۇ ئىىبرەت ئىېلىپ ياخشى تەدبىر ئالمىغان،قېنى مەكتەپتىكى قويغان قاراۋۇللار،ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامىرالار،بىز باللىرىمىزنى يەنە بۇنداق لاياقەتسىز ئادەملەرگە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق تاپشۇرالايمىز؟! 

ئۆزىنىڭ لاياقەتسىزلىك رەھبەرلىكىنى يەنە: مەكتەپتىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارۋە راھەت قۇروسىدىكى بىر قىسىم قوشنىلارنىڭ بۇ جىنسى پاراكەندىچىلىكلەرنى مەكتەپتە يۈز بەرمىگەن دەپ بايانات چىقىرايلى دەپ بالىلارنىڭ ئانىلىرىنى تەڭلىككە سېلىش ۋە  يالغان گۈۋاھلىق بىرىشقا قىستاشتىن ئىىبارەت بۇ رەزىل قىلمىش بىلەن ئىسپاتلاۋاتىدۇ ! 

 ھەق يولدىكى بۇ يالغۇزلۇق، مېنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىمنى كۈچەيتسە كۈچەيتىدۇكى ھەرگۈز بوشىتىپ قويمايدۇ ! ھەممىگە ئاللاھ يىتەرلىك، ھەر ئىشتا ئۇنىڭغا سېغىنىمىز،شۇندقلا: مال مۈلىكى ۋە بالا چاقىلىرىنى قوغداش يولىدا كەتكەن كىشىنىڭ شاھادەت شەربىتىنى ئېچىدىغانلىقىغا ئىمانىمىز كامىلدۇر.ئاخىرىدا ماڭا ھەر-خىل تەھتىت سالدىغانلارغا دەيدىغېنىم مېنى ئادەم ياللاپ ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرىتەلمىسەڭ باشقا ھەر قانداق تەھتىت،يالغان تۆھمەت بىلەن مىنى توختىتالمايسەن.

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

تىرامپ يەنە جۆيلىدى: پىرەزدىنىت شى جىن پىڭ ئەقىللىق،قالتىس، ھەممە ئ‍شنى مۇكەممەل ۋە ياخشى قىلىدۇ

چا ئىيۇل 19 , 2023
سابىق تىرامپ يەنە جۆيلىدى: پىرەزدىنىت شى جىن پىڭ ئەقىللىق،قالتىس، ھەممە ئ‍شنى مۇكەممەل ۋە ياخشى قىلىدۇ.

You May Like