مەھمۇد قەشقەرى كىم؟

مەھمۇد قەشقەرى كىم؟مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى ۋاستە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق① .

   ئاپتورى : ئو . پرتساك

مەھمۇد قەشقەرى كىم؟مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى ۋاستە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق① .بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »② ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ ③ تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ”④ لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان ⑤ شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن⑥ . بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى⑦ . ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ⑧ . بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا(9). ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى(10) . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 –1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى . ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى . شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”(12) . ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ(13) ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »(14) . تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ . ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت . ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر . ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز(15) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن(16) . چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن(17) . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1039 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ . قەشقەر پىداگوگىكا ئىلمىي ژورنىلى ( ئىجتىمائىي پەن قىسمى ) 1986 – يىللىق 1- سانىدىن .

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە

دۈ ئاپرېل 30 , 2018
ئاپتور: ئەخمەتجان ھەسەن مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «ئاپپاق خوجا» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ 17– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخان تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەئىدىيە سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىش، ئۆچ ئېلىش، قارشىلىشىش ئوي– خىياللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىلچەئۇيالماستىن ۋە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەستىن تىبەتكە بىرىپ لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيىسى دالاي لاماⅤكە ئۆز «قىيىنچىلىقى» دىن ھال- داتلاشتا قايسى يوللار ئارقىلىق بېرىپ كەلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

You May Like