مېديۇم شركىتى ئۇيغۇر تايمىز ھېساۋاتىنى خاتا چەكلەپ قويغانلىقىنى ئ‍ېتىراپ قىلدى

ئۇيغۇر تايمىز ئۆز خەۋىرى،15-ماي

ئامېرىكا تور نەشر شركىتى مېديۇم (medium )ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ھېساۋاتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىشى بىلەنلا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا چەكلەپ قويغان ئىدى.ئۇيغۇر تايمىز تېخنىك بۆلۈم بىر نەچچە قېتىم ئالاقىلەشكەن بولسمۇ ئۇلار ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.ئۆتكن ھەپتە ئۇيغۇر تايمىز ئادوۋكات مەزكۇر شركەت بىلەن ئالاقىلىشپ، بۇ ھسابنى تاقاشنىڭ ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق ماددىغا خىلاپ ئىكەنلىكى،شركەتنىڭ مەزكۇر ھېسابنى تاقاشقا ھىچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ماقالە ئۈچۈن ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ھېساۋاتىنى تاقاپ قويۇش-مەزكۇر شركەتنيڭ ختاي بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقى ھەققىدە سۇئال قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر تايمىزنىڭ قانۇنى ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىين، مەزكۇر شركەت دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ: ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ھېساۋاتنى تاقاشنىڭ بىر ئاپتوماتىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى، دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۇرگەن.
بۈگۈن ئۇيغۇر تايمىز بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان ئىنگىلىزچە خەۋەردە، مېديۇم ۋە باشقا شركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تاقاپ قويۇشى ھەققىدە گۇمان بارلىقى ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىنگىلىزچىسى ئۈچۈن،www.uyghurtimes.com نى زىيارەت قىلىڭ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەپسلى خەۋەر: شى جىن پىڭ پۇتىننى كۈتۈۋالدى،ئامېرىكىغا قارشى يېڭى دۇنيا تەرتىۋى ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۈ ماي 17 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-ماي شى پۇتىننى ھەيۋەتلىك ۋە قىزغىن كۈتۈۋالدى ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت رەئىسى، ختاي كومپارتىيسى باش كاتىۋى (شۇجى ۋە سكرىتار سۆزى-ختايچە ۋە ئىنگىلىزچە كاتىپ مەنىسدە ) بېجىڭدا روسيە فىدراتسيەسى پىرەزدىنتى پۇتىننى كۈتۈۋالدى. شى جىن پىڭ پۇتىننى ختاي خەلق سارىيى ئالدىدا «قېزىل گىلەم»بىلەن كۈتۈۋالغان بولۇپ، ختاي ئازاتلىق ئارمىيسى ئىككى دۆلەتنىڭ […]
پۇتىن ۋە شى

You May Like