ماخمۇتكامنىڭ ئامېرىكا چۈشى

2024-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى نىيوركتىكى يىڭى نۇرلان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىنى مەركەز قىلغان كىچىك تىپتىكى بىر قۇتلىما ئۆتكۈزۈلدى. قۇتلىما ئامېرىكا چۈشىنى قوغلۇشۇپ 50 يىشىدا 5 پەرزەنتىنى ئىلىپ نىيوركقا 5 دوللار بىلەن كەلگەن ماخمۇت ئاكىنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش بولۇپ، ئۇنىڭغا 5 پەرزەنت، 12 نەۋرە، 5 چەۋرە، كۈيوغۇل، كىلىن ۋە يىقىن ئائىلە دوستلار بولۇپ 50 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى. قۇتلىما گەرچە ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى داغدۇغۇلۇق بىر قۇتلىما بولمىسۇ، ئەمما ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر قۇتلىما بولدى. مەن گەرچە ماخمۇتكامنى 20 يىلدىن بىرى تونىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىلىش تارىخى بىلەن ئاز تولا تونۇش بولساممۇ، ئەمما قۇتلىما جەريانىدا تىخىمۇ تەپسىلە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدۇم.

ماخمۇتكانىڭ يۇرتى غۇلجا بولۇپ، 1952- يىلى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە 1956- يىلى غۇلجىغا قايتىپ، بالا تەربىلەشتىن ئىبارەت ئەڭ ئالىجاناپ خىزمەتنىڭ بىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان خانىمى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆيلىك ئوچاقلىق بولۇپ، ئىككى قىز، ئۈچ ئوغۇل، 5 پەرزەنتلىك بولغان. 1984- يىلى 50 ياشقا كىرگەن ماخمۇتكام ئامېرىكا چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خانىمى ۋە 5 پەرزەنتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن. نىيورۇك ئايدۇرۇمدىن چىقىپ نىيوركتىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە يانچۇقىدا ئاران 5 دوللار قالغان.

ماخمۇتكام ئەينى ۋاقىتتا يىشى گەرچە 50 كە كىرگەن ۋە ھىچقانداق ئېنگىلىز تىلى بىلمىسىمۇ، تۇرمۇشقا ۋە كەلگۈسىگە بىر خىل ئۈمۈتۋارلىق ۋە پوزىتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 5 پەرزەنتىنى تەربىلەپ چوڭ قىلىپ، ھازىرقىدەك 30 دىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان بۈيۈك بىر ئائىلىگە ئايلانغان.

ماخمۇتكامنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ تەسىراتى، چىرايىدا ھەر زامان كۈلۈمسىرەش، ئەزەلدىن ۋايسىرماسلىق، نالە قىلماسلىق، ئۈمۈتۋارلىق، ئۆزىنى باشقىلارغا سىلىشتۇرماسلىق، باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلماسلىق، ھەر زامان رەتلىك كىيىنىپ ھاياتقا ئاكىتىپ ۋە قىزغىن قاراش، غۇلجالىقلارغا خاس كۈلكە چاقچاق ۋە ناخشا مۇزىكانى ياخشى كۆرۈش. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىنساننىڭ ساغلام ياشىشىدا ناھايتى موھىم بولۇپ، بۇ ھەممەمىزنىڭ ئۈگۈنىشىگە ئەرزىدىغان ئىسىل خىسلەتلەر.

مەن يىقىندا كۆرگەن بىر ماقالىدا 2020 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى 100 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ سانى 573 مىڭغا يەتكەنلىكى دوكلات قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى روھىي كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقلىقى، تۇرمۇشقا بولغان ئاكىتىپ، پوزىتىپ ۋە ئۈمۈتۋار قاراش، باشقىلارغا بەك تايىنۋالماسلىق ۋە تۇرمۇشتا ئۆز مۇستەققىللىقىنى ساقلاش ئىكەن.

ئاخىردا ماخمۇتكامنىڭ شۇ كۆترەڭگۈ روھىنى دەۋام قىلىشىنى، كۈلكە چاقچاق بىلەن كىيىنكى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ خوشال خورام ئۆتۈشىنى، تىنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلدى

دۈ سېنتەبىر 23 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-سنتەبىر بۈگۈن ئىلان قىلىنغان ئورگان باياناتىدا مەزكۇر مۇكاپات كومېتىتى مۇنداق دىگەن: «شەخسىي ۋە سىياسىي تارىخنى بىرلەشتۈرگەن، يوقىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ۋە تىلنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا يوقىتىش، مۇھەببەت، ئۈمىد ۋە ھايات قېلىشتەك ئومۇمىي تېمىلارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالاھىدە شېئىرلىرى ئۈچۈن، شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە […]
tahir hamut izgil

You May Like