لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىر جازالانغان

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى،15-فېۋرال

ختاي سابىق باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇخبىرى گۇ ۋەنمىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا شاڭخەي سوتى تەرىپىدىن «جېدەل-ماجىرا چىقىرىش» جىنايىتى بىلەن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئارقىدىنلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن پېنسىيە مۇئامىلىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى يېقىندا ئاشكارىلاندى. بۇ ۋەقە لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمىدىكى گۇمانلىق نۇقتىلارنى قايتا جامائەت دىققىتىگە ئېلىپ كەلدى ھەمدە ختاي سىياسىي تۈزۈمىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

2023-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەنى لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن ئۈچ كۈن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ گۇاڭدۇڭ تارمىقىنىڭ سابىق باشلىقى گۇ ۋەنمىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى سۈپىتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە بەش تۈرلۈك تەلەپ قويغان. بۇ تەلەپلەر جەسەتنى كۆيدۈرۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، مەسئۇل كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش، جەسەتنى تەكشۈرۈش ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئۇ خېتىدە: «لى كېچياڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشىدىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ۋە قۇتقۇزۇش جەريانى توغرىسىدا خەلققە چۈشەنچە بەرمىدى، پەقەت ‹يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن› دېيىشتى. بۇنىڭدىكى نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كۆپ ۋە چوڭ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، جەمئىيەتتە ھەر خىل گەپ-سۆزلەر تارقىلىپ، چوڭ تەسىر پەيدا قىلدى» دەپ يازغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جېيمس ۋانس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

سە فېۋرال 18 , 2025
گېرمانىيە، 14-فېۋرال، 2025. «بىز مۇستەھكەم بولغان ، داۋام قىلىدىغا تىنچلىق خالايمىز. بىر قانچە يىلدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپاغا توقۇنۇش ئېلىپ كېلىدىغان تىنچلىقنى ئەمەس» دېدى ۋانس. زېلېنسكىينىڭ ئىشىنىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرەلەيدىغان كىشى پرېزىدېنت ترامپتۇر. زېلېنسكىي ئامېرىكا رەھبىرى بىلەن ئومۇمىي پىلاننى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىنلا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «تىنچلىق […]
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جېيمس ۋانس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

You May Like