كۆرەش كۈسەننىڭ ھەسرىتى: ئەرەبلەر بېرىدۇ دەپتىم، تۈركلەر بېرىدۇ دەپتىم

ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى

«ئويغان خەلقىم، يارادۇر قەلبىم…» ناملىق كىتاپتىن ئارىيە

پۈتۈن ئۆمرىنى ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن ئاتاۋەتكەن سۆيۈملۈك، قەيسەر ئوغلان، مەرھۇم كۆرەش كۈسەننىڭ ئاخىرقى ئىجادىيەت ناخشا تېكىستلىرىنىڭ بىرىدە بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىكى بىزنىڭ ھالىتىمىز، نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكى شۇ قەدەر چوڭقۇر مەنا بىلەن ئوچۇق، روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن.

ناخشا تېكىستى:

ئەرەبلەر بېرىدۇ دەپتىم، تۈركلەر بېرىدۇ دەپتىم،

بىز تارتقان بۇ دەردلەرنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ دەپتىم.

قازاق بىلىدۇ دەپتىم، قىرغىز بىلىدۇ دەپتىم،

بىزگە ھەم يۆلەك بولۇپ ئۆزبېك كېلىدۇ دەپتىم.

ئوخشاش تىلدا سۆزلەيمىز، دىلىمنى بىلىدۇ دەپتىم،

مۇسۇلمان كېلىدۇ دەپتىم، تۈركلەر كېلىدۇ دەپتىم.

مۇسۇلمانمەن، تۈركمەن دەپ، خىتايدىن مىڭ كاچات يەپتىم،

تۆكۈلدى قانلىرىم دەپتىم، قىرىلدى جانلىرىم دەپتىم.

ۋەتەن قوينى خاراب بولدى، بوغۇلدى گاللىرىم دەپتىم،

قۇلاق سالمايدۇ ھېچ ئىنسان، تەمەدىن بىزار سوۋۇپ كەتتىم.

(كۆرەش كۈسەن 1959-يىلى 21-ئىيۇل تۇغۇلۇپ، 2006-يىلى 29-ئۆكتەبىر 47 يېشىدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ۋىدالاشتى) شۋېتسىيىدە.

ئادەم دېگەن تۇغۇلۇپلا ھەممىنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما زېھنى ئۆتكۈر، تەپەككۇرى رېئال، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئويغانغان كىشىلەر كېيىنرەك، كېچىكىپ بولسىمۇ، مەنپەئەت مەسىلىسى ھەممىنى بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى تونۇپ ھەسرەت چېكىدىغان گەپكەن.

جۈملىدىن، كۆرەش كۈسەننىڭ ئالدىنقى ناخشا تېكىست ئەسەرلىرىدە، گەرچە ھەممىمىزگە ئوخشاشلا چەتئەللەرگە تەلپۈنۈش ئىستىكى، موھتاجلىق سەۋدايىلىرى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، چەتئەللەردە قاڭقىلىپ يۈرۈپ، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ئالغان بىردىنبىر مۇنەۋۋەر پاسىبان ئەزىمەت ئىدى. ئۇنىڭ ناخشىغا قوشۇپ سۆزلىگەن دېكلاماتسىيىسى:

<<سەن ئۇيغۇر!

ئۇيغۇرغا پەقەت ئۇيغۇر يىغلايدۇ!

دىپلوماتىيە مەنىسىدىكى دوستلۇق مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان!!!

شۇڭا تەڭرىگە ئىشەن!!! ئۆزۈڭگە ئىشەن!!! ھېچكىمدىن ياردەم كۈتمە!!!>>

مەزكۇر مەڭگۈ ئۆچمەس مەشئەل، ئىستىقلال يولى ئۆتكەنكى ئەسىرلەردە ھەم ئاگاھلاندۇرۇپ تەرىپلەنگەن. يەنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پاسىبانىمىز شەھىد ئەخمەتجان قاسىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىيەتنامە شوئارى بىلەن كۆرەش كۈسەننىڭ دىكلاماتسىيە شوئارىنى موھتاجلىق سەرسانلىقىدا تەمەگە مۇپتىلا بولغان خىرامان چۈشىمىزگە خاتىمە بەرگۈچى، سىياسەتنىڭ سىرلىق ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ئېلىش ئۈچۈن نىجاتلىق بەخش ئەتكۈچى شوئار قىلىپ ئېلىشقا چاقىرىمەن.

ۋەسىيەتنامە ئەينى تېكىستى:

<<بىزگە جانابىي ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ نىجاتكارلىقى كېرەك ئەمەس!!!

«ئويغان خەلقىم، يارادۇر قەلبىم…» دېگەن پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدىغان كىتابدىن ئارىيە.

ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى

شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولم

2019 – يىل 22 – ڧىۋرال

2023- يىل 8نچى نۇيابىر ستوكھولم

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيدا ئىككى ئۇيغۇر رەھبەرلىك كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان

پە نويابىر 9 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-نويابىر لېتۋانىيە ۋىلنىيۇس شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىي» تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىينى ئاچتى.56 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھېمايىچىلىرى 34 كىشلىك رايون خاراكترلىك رەھبەرلىك ۋە ستىراتىگىيە كوللىكتىۋي سايلاپ چىقتى. دولقۇن ئەيسا ۋە ئ‍ۆركەش دۆلەت ئاسيا تىچ ئوكيان رايونىغا ۋاكالىتەن رەھبەرلىك […]
ئەركىنلىك كېڭىشى

You May Like