تارىخى نەتىجە: كانادا پارلامىنتى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش لايىھەسنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى

كانادا پارلامىنتى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش لايىھەسنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

كانادا پارلامىنتى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش لايىھەسنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

ئۇيغۇر يۈرەك.ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،1-فېۋرال، 

 

1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئىلىپ بىرىلغان كانادا پارلامىنتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەردىن بولغان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش لايىھەسى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

مەركۇز قانۇن لايىھەسنى كانادا ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنىت ئەزالىرى ۋە بارلىق سياسى پارتىيەلەر بىردەك تولۇق ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ كانادانىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىگە  كۆرسەتكەن غايەت زور ياردىمى ھسابلىنىدۇ.

شۇنداقلا بۇپۈتۈن پارتىيەلەر،پۈتۈن كابىنىت ئەزالار بىردەك ماقۇللاشتىن ئىبارەت كانادا سياسى تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ۋەقە ھسابلىنىدۇ.

بۇ يەنەدۇنيادا  ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلش قانۇن لايىھىسى تۈزگەن ۋە ئىلان قىلغان تۇنجى دۆلەت ھسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ كاناداغا قوبۇل قىلىنىشدا ئۇيغۇر ھوقۇقى ھېمايىچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،ئۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دىدى:ئۇيغۇر خەلقىگە مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي ،ماڭغان تېرشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى كۆرۈلدى.كانادا ھۆكۈمىتى،پارلامنىتى ۋە خەلقىگە رەھمەت.

 

 

UT-Uyghur Reporter 5

Next Post

ئامېرىكىلىقلار پۇل ئۈچۈن ختتايلارغا كۆپلەپ يەر ساتقان: ختتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى ئامېرىكا ھاۋا ئارميە بازسىغا يېقىن يەردىن زىمىن ستۋالغان

چا فېۋرال 1 , 2023
ئامېرىكىلىقلار پۇل ئۈچۈن ختتايلارغا كۆپلەپ يەر ساتقان: ختتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى ئامېرىكا ھاۋا ئارميە بازسىغا يېقىن يەردىن زىمىن ستۋالغان

You May Like