يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 13-ئۆكتەبىر
«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خادىمى بېيجىڭدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە مەزكۇر كىشى نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ بۇ ھۇجۇم ھەققىدە تەپسىلاتلارنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.