ئىشنىڭ بېشى تالانتتۇر، كۈچ-ماغدۇرۇڭ قاناتتۇر

ئىشنىڭ بېشى تالانتتۇر، كۈچ-ماغدۇرۇڭ قاناتتۇر

( www.tepekkur.com دىن ئېلىندى )

خارۇكى مۇكارامى: «يۈگۈرۈۋاتقان يازغۇچى»، 2008 

مۈشۈككە ئامراق قۇلاق موللىسى يازغۇچى  خارۇكى مۇكارامى بۇ يىل 70 ياشقا كىردى. 70 يىل! ياپونىيە ۋە خەلقئارادا داڭ قازانغان بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ياشلىقنىڭ شادىيانە چۇقانلىرى ۋە ئىجادىيلىقنىڭ سېھرىي كۈچىگە تولغان بولۇپ،  14 رومانى ۋە ھېكايىلەر توپلىمى  ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.  بىز ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىجادىيەت قاراشلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندۇق:

كۆپ رومان ئوقۇڭ

مەنچە ئىرادىلىك يازغۇچىلار ئۈچۈن بىرىنچى ۋەزىپە كۆپ رومان ئوقۇش. ھېچقانداق مەشىق بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. بىر رومان يېزىش ئۈچۈن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى قانداق بىرلەشتۈرۈشنى بىلىش كېرەك. ياش ۋاقتىدا  كۆپرەك رومان ئوقۇش مۇھىم، مەيلى ئېسىل ياكى ناچار رومان ئوقۇڭ، ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ. قانچە كۆپ ھېكايە ئوقۇسىڭىز شۇنچە ياخشى، ياخشى ئەسەرلەر بىلەن كۆپ تونۇشۇڭ. 

خارۇكى مۇكارامى، «مەن نېمىنى يېزىشىم كېرەك؟» 2015

كونا سۆزلەرنى يېڭىلاڭ

مەن جاز پىئانىنو چالغۇچىسى تېلىنوس مونكنىڭ مۇزىكىسىغا ئامراق. بىر قېتىم بىرسى ئۇنىڭدىن پىئانونىنودىن قانچە خىل ئاۋاز چىقىرالايدىغانلىقىنى سورىغاندا مونك ئۇنىڭغا پىئانىنونىڭ پەدىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ يەردە ھېچقانداق يېڭى نوتا يوق، پەدىلەرگە قارىسىڭىز نوتىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئەگەر سىز بىر نوتىغا پۈتۈن دىققىتىڭىزنى بەرسىڭىز، ئۇ باشقىچە ئاڭلىنىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئاھاڭنى تاللايسىز» دېگەن. 

مەن ئەسەر يېزىۋاتقاندىمۇ دائىم شۇنى ئويلايمەن: «مەن يېزىۋاتقان ئەسەردىمۇ يېڭى سۆز يوق، مېنىڭ ۋەزىپەم ئادەتتىكى سۆزلەرگە يېڭى ۋە ئالاھىدە مەنىلەرنى يۈكلەش».  بۇ ئوي-پىكىردىن كۆڭلۈم توق. دېمەك، ئالدىمىزدا بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇنبەت بىر بوز يەر بار.

خارۇكى مۇكارامى: «جاز خەۋەرچىسى»، 

2007

ئۆزىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلەڭ

مەن ئەسەر يېزىۋاتقاندا تەسەۋۋۇرۇم ئارقىلىق بەزى رەسىملەرگە ئېرىشىمەن ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىمەن. بۇلار ھېكايىنىڭ ۋەقەلىك لىنىيەسىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە بايان قىلىمەن. سىز بىر نەرسىنى بايان قىلغاندا ئېھتىياتنى قولدىن بەرمەسلىكىڭىز كېرەك، سەل كەمتەر بولسىڭىز مەسىلە يوق، ئەمما بىلەرمەنلىك قىلسىڭىز چاندۇرۇپ قويىسىز. ئەسەردە ئاددىي سۆزلەرنى، ئېسىل ئوخشىتىشلارنى، ياخشى مەسەللەرنى قوللىنىڭ. مەن شۇنداق قىلدىم، ۋەقەلىكنى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلدىم.

چۈشلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ

چۈش كۆرۈش يازغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىشى، ھالبۇكى چۈشلىرىمىزنى ھەمبەھىرلەش تېخىمۇ مۇھىم، ئەگەر بۇنى خالىمىساق، يازغۇچى بولالمايمىز. 

يېزىۋېتىپ جاۋاب تېپىڭ

مەن ئەسەر يازغاندا  يازغۇچىلىق قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمەن، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىمەن. بىر ۋەقەنى يېزىشنى باشلىغان چېغىمدا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلمەيمەن. ئەگەر باشتا بىرەر قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن بولسا، قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇ ئەسەرنى يېزىشىمدىكى مەقسەت ئۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش، ئەگەر قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەم، بۇ ھېكايىنى يېزىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ.  

خارۇكى مۇكارامى: «پارىژ ئوبزۇرى»، 2004

بەزى خام ماتېرىياللارنى توپلاپ، رومانىڭىزغا كىرگۈزۈڭ

«ستىۋېن سىپېلبېرگنىڭ <تاشقى پىلانىت ئادىمى» دېگەن كىنوسىدىكى ھېلىقى كۆرۈنۈش ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ تاشقى پىلانېت ئادىمى ماشىنا ئىسكىلاتىدىن تېپىۋالغان كۈنلۈك، تىكلىمە چىراغ، قازان-قومۇچ، ئۈنئالغۇ…دېگەندەك كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن بىر خەۋەر يوللاش  ئۈسكۈنىسى قوراشتۇرىدۇ. بۇ كىنونى كۆرگىلى ئۇزاق بولغاچقا بەزى نەرسىلەر ئېسىمدە قالماپتۇ؛ شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئاشۇ نەرسىلەرنى تېپىپ  قوراشتۇرۇپ، يەر شارىدىن نەچچە مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى سەييارە بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ئىلغار ئۈسكۈنىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەن كىنوخانىدا مۇشۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم.  ھازىر شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بىر ياخشى روماننى بارلىققا كەلتۈرۈشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ھالقىلىق رول ئوينايدىغىنى خام ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى سېھرىي كۈچ. ئەگەر بۇ خىل سېھرىي كۈچ مەۋجۇت بولىدىكەن، ئەڭ ئادەتتىكى ئىشلار ۋە ئەڭ ئاددىي تىلمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ قورالغا ئايلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسكىلاتىڭىزدا بىر نەرسىلەر بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئىسكىلات قوپقۇرۇق بولسا سېھرىي كۈچتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.  ئىسكىلاتىڭىزغا بىر دۆۋە ئەشيالارنى توپلاپ قويۇڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاشقى پىلانىت ئادىمى كېلىپ ئۇنى قوللانسۇن!

«نېمىنى يېزىشىم كېرەك؟»، 2015

تەكرارلىقنىڭ پايدىسى بار

  «رومان يېزىۋاتقان ۋاقتىمىدا ئەتىگەن سائەت 4 دە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، 5-6 سائەت ئەسەر يازىمەن. چۈشتىن كېيىن 10 كىلومېتىر يۈگۈرەيمەن ياكى 1500 مېتىر سۇ ئۈزىمەن، بەزىدە ھەر ئىككىسىنى قىلىمەن.  ئاندىن كىتاب ئوقۇيمەن، مۇزىكا ئاڭلايمەن. ئاخشىمى سائەت 9 دا ئۇخلايمەن.  بۇ ئادىتىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، ئۆزگەرتىپ باقمىدىم. بۇ خىل تەكرارلىق ناھايىتى مۇھىم، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق  قېنىپ ئۇخلىيالايمەن ۋە ئەڭ چوڭقۇر روھىي ھالىتىمگە يېتەلەيمەن.  ھالبۇكى بۇ ئادەتنى  ئالتە ئاي ياكى بىرەر يىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زور چىدامچانلىق كېرەك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رومان يېزىش ئۇزۇن مۇددەتلىك چېنىقىشقا ئوخشايدۇ. جىسمانىي كۈچ بىلەن ئەدەبىي سەزگۈرلۈكنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھىم».

-پارىژ ئوبزۇرى، 2004

بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشقا مەركەزلىشىڭ

ئەگەر بىرسى مەندىن يازغۇچىدىكى ئەڭ مۇھىم قابىلىيەت نېمە دەپ سوراپ قالسا، جاۋاب ناھايىتى ئاددىي: دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، يەنى  چەكلىك تالانتنى  بىرلا ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش. ئەگەر بۇنداق قابىلىيەت بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسىز. ئەگەر بىر ئىشقا زېھنىڭىزنى يىغالىسىڭىز، تالانتىڭىزدىكى تۇراقسىزلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ كېتەلەيسىز.  ناھايىتى تالانتلىق بىر يازغۇچىنىڭ كاللىسىدا ئاجايىپ پىكىرلەر تولۇپ تاشقان دەيلى، ئەگەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز چىشى ئاغرىپ كەتسە دىققىتىنى يىغالمايدۇ-دە، ھېچنېمە يېزىپ چىقالمايدۇ. 

مەن بەزىدە نەسىر، بەزىدە ھېكايە يازىمەن، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ھېكايە يازغان چېغىمدا باشقا نەرسىلەرنى يېزىشتىن ساقلىنىمەن. ئەلۋەتتە، بىر خام  ماتېرىيالنى ماقالە ياكى ھېكايىگە تەڭ ئىشلەتسە بولمايدۇ دەيدىغان قائىدە يوق. ئەمما شۇنى بايقىدىمكى، بىر نەرسىنى قايتىلاش رومانىمنىڭ كۈچىنى مەلۇم جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىكەن.

_«نېمىنى يېزىشىم كېرەك؟»، 2015

چىدامچانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ

يازغۇچىغا كۆرە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن كېيىن مۇھىم بولغىنى شەك-شۈبھىسىزكى چىدامچانلىقتۇر. ئەگەر ھەر كۈنى دىققىتىڭىزنى يىغىپ ئۈچ-تۆت سائەت ئەسەر يېزىپ، بىر ھەپتە ئۆتكەندە چارچاپ كەتكەن بولسىڭىز، رومان يازىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. رومان يازغۇچىسى، ياكى رومان يازىمەن دېگەن كىشى ھېچ بولمىغاندا ئالتە ئاي، بىر يىل ياكى ئىككى يىل ھارماي-تالماي ئەسەر يېزىشى،  كۈندە دېگۈدەك دىققىتىنى بىر يەرگە يىغالىشى كېرەك. سىز ئۇنى نەپەس ئېلىش دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ.

تىلىڭىزنى سىناق قىلىڭ

يازغۇچى ئۆز تىلىدىكى بايلىقنى قېزىپ،  ئۇنىڭدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق سىناق قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. بۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشى كېرەك، بولمىسا ھېچقانداق يېڭى نەرسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. 

ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ

ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ. ئۆزىڭىزدە ھېكايە بايان قىلالايدىغان، ۋەقەنىڭ شاخ تومۇرىنى تۇتىۋېلىپ، پارچە دېتاللارنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان قابىلىيەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ. ئىشەنچىڭىز بولمىسا، ھېچ ئىش قىلالمايسىز. بۇ خۇددى بوكس مۇسابىقىسىغا ئوخشايدۇ، مەيدانغا چۈشتىڭىزمۇ، چېكىنىشكە يول يوق، ئاخىرغىچە ئېلىشىشىڭىز كېرەك.

تۇخۇم تەرەپتە تۇرۇڭ

 ئەسەر يازغاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلىمەنكى،  يازغان نەرسەمنى تامغا چاپلىمايمەن، بەلكى ئۇنى يۈرەك تېمىغا يازىمەن، يەنى:

 تام بىلەن تامغا ئۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ ئارىسىدا، مەن مەڭگۈ تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن.

شۇنداق، تام قانچە مەزمۇت، تۇخۇم قانچە چۈرۈك بولسۇن، مەن دائىم تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن. باشقىلار نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئۆزلىرى قارار چىقارسۇن. ئەگەر بىر يازغۇچى، نېمە سەۋەبتىن بولسا بولسۇن، دائىم تام تەرەپتە تۇرۇپ ئەسەر يازسا، بۇنداق ئەسەرنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟  

_ خارۇكى مۇكارامىنىڭ 2009-يىل ئېرۇسالىمدا سۆزلىگەن مۇكاپات ئېلىش نۇتقى

ئۆز دۇنيايىڭىزنى كۆزىتىڭ

كۆرگەنلىرىڭىز ھەققىدە ئويلاڭ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئويلىغان چاغدا  كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئۇتۇق ياكى مەغلۇبىيەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. قىممەت قارىشى بويىچە يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىڭ. مۇھىم بولغىنى، ئېنىق يەكۈن چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى تەپسىلاتلارنى ساقلاپ قويۇش. مەن دائىم ئۆزەم كۆزەتكەن مەنزىرە-كۆرۈنۈشلەرنى، ئۇچراتقان ئادەملەرنى، باشتىن كەچۈرگەن ئىشلىرىمنى مۇمكىنقەدەر ساقلاپ قويىمەن ۋە ئۇلارنى بىرەر ئۆرنەك، تەجرىبە بۇيۇمى قاتارىدا كۆرىمەن. كۈنلەر ئۆتكەندە، ئارامخۇدا چاغلاردا ئۇلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن باھالايمەن؛ ئاخىرىدا، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ئۆزەم يەكۈن چىقىرىمەن. 

بىر كىمگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىڭ

مەن بىر نەرسە يازغاندا بولمىغۇر سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەيمەن. سىلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ھېچكىمگە ئازار بەرمىسەم دەيمەن، ئەمما بۇنداق قىلىش تەسكە توختىدى. نېمىلا يازسام، بىر كىملەرگە ئازار بېرىش ياكى رەنجىتىشتىن قۇتۇلالمىدىم. شۇنداقتىمۇ مەن ھېچكىمگە ئازار بەرمەيدىغان نەرسىلەرنى يېزىشقا تىرىشىپ كەلدىم، مەنچە بۇ ھەر قانداق يازغۇچى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر. 

ئوقۇرمەننى سەيلە قىلدۇرۇڭ

مەن «ئارقار قوغلاش» ناملىق روماننى يېزىۋاتقاندا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى ياقلايدىغان بىر كىشىنىڭ ھېكايىسىگە شاھىد بولدۇم. بۇنداق ھېكايىنى  توقۇلما قىلدىم دېگەندىن كۆرە، ئىچىمدىن چىقتى دېگىنىڭىز تۈزۈك، چۈنكى ۋەقەلىك ئەسلىدە ئۆز ئىچىڭىزدە مەۋجۇت. سىز ئۇنى يازمايسىز، بەلكى ئىچىڭىزدىن باشلاپ چىقىسىز. ماڭا كۆرە، بۇنداق ۋەقەلىك ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. ماڭا نىسبەتەن، ۋەقەلىك-  ئوقۇرمەننى  مەلۇم يەرگە توشۇيدىغان بىر ماشىنا. سىز مەيلى ئوقۇرمەنگە بىرەر ئۇچۇر يەتكۈزمەكچى بولۇڭ، ياكى ئوقۇرمەننى تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇڭ، ئالدى بىلەن ئوقۇرمەننى ئۇ ماشىنىغا چىقىرىشىڭىز كېرەك. ھالبۇكى ۋەقەلىك باشقىلارنى ئىشەندۈرەلىشى كېرەك. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھېكايىنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر. 

ئىنسانلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن يېزىڭ

رومان يېزىشىمدا بىرلا سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ شەخسلەرنىڭ روھىدىكى قەدىر-قىممەتنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى يورۇقلۇققا چىقىرىش. ھېكايىدىن مەقسەت، ھەر خىل چۈشەكلەردە بوغۇلۇپ قالغان روھلارنى تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئويغىتىش. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان، قورقۇتىدىغان، كۈلدۈرىدىغان، يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان  ھايات-ماماتلىق ھېكايىلىرى ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى يېزىش ئارقىلىق ھەر بىر شەخسنىڭ روھىدىكى خاسلىقنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشقا تىرىشىشتۇر. مانا بۇ بىزنىڭ نېمىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن ھارماي-تالماي  رومان يېزىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

نېمىلا بولسۇن، ھەر ئىش تالانتتىن باشلىنىدۇ

ھەر قېتىملىق زىيارەتتە باشقىلار مەندىن يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرت نېمە دەپ سورايدۇ، جاۋاب ئېنىق، تالانت. مەيلى سىز يېزىقچىلىققا قانچە ھەۋەس قىلىڭ ياكى تىرىشىڭ، ئەدەبىي تالانتىڭىز بولمىسا بۇ كوچىغا كىرمەڭ. تالانت زۆرۈر شەرت ئەمەس، ئەمما ئالدىنقى شەرت. ئەگەر يېتەرلىك ماي بولمىسا، ئەڭ ياخشى ماشىنىمۇ ماڭالمايدۇ. 

يازغۇچىلىق گويا قىز كەلتۈرۈشكە ئوخشايدۇ، ئۇ مەشىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ئاساسلىقى تۇغما تالانتقا باغلىق. نېمىلا بولسۇن، سىزگە ئامەت تىلەيمەن. 

ئەگەر راستتىنلا تىرىشسىڭىز…  

تالانتلىق يازغۇچىلار نېمە ئىشلارنى قىلغان بولسۇن، ئىجادىيەتكە ئاسان كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلىمى  تەبىئىي  بۇلاققا ئوخشايدۇ، بەك كۈچەپ كەتمىسىمۇ سۆز-جۈملىلىرى راۋان چىقىۋېرىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلار بىرەر ئەسەرنى قىينالمايلا پۈتتۈرىۋېتەلەيدۇ. ئەپسۇس، مەن بۇنداق يازغۇچىلاردىن ئەمەس. مەن ئاۋۋال تاش چېقىپ ئورەك كولايمەن، ئاندىن ئىجادىيەت بۇلىقىنى تاپىمەن. ھەر قېتىم بىر يېڭى رومان يېزىشنى باشلىسام، بىر ئورەك كولايمەن. ھالبۇكى، مەن نەچچە ئون يىل مۇشۇنداق ياشاپ، كۈچ ۋە ھۈنەردە پىشىپ يېتىلىپ قالغاچقا قىيا تاشلاردىنمۇ ئورەك ئېچىپ، يېڭى سۇ مەنبەسى تاپالايدىغان بولدۇم. بىر مەنبە قۇرۇپ قالسا، يەنە بىر مەنبەگە يۆتكىلەلەيدىغان بولدۇم. ئەگەر تەبىئىي تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلارنىڭ سۇ مەنبەسى قۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشى چاتاق. 

باشقىچە ئېيتقاندا، رېئاللىققا يۈزلىنەيلى، رېئاللىق ئومۇمەن ئادالەتسىزلىككە تولغان بولسىمۇ، ئادالەت ئىزدەشتىن ۋاز كەچمەيلى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەسكى شەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا « زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

پە يانۋار 6 , 2022
ئەسكى شەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا « زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

You May Like