ئىقتىساد بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلەمدۇ؟

بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 15- نويابىر

 

بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.

 


تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلەش ۋە ئويلىنىش» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتى تەيۋەن تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى لى فۇجۇڭ، تەيۋەن ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى دوڭ لىۋېن ۋە ھەربىي يازغۇچىسى لۇ سىبىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

 

دوڭ لىۋېننىڭ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشتە زور ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە ۋە ھىندىستاندىن تاكى ئامېرىكىغىچە بولغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا «بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا» ئىستراتېگىيىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. دوڭ لىۋېن مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇلىيەدە تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن زەربە بېرىشى سەۋەبىدىن، خىتاينى قەغەز يولۋاسقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ».

 

لۇ سىبىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە ئەڭ مۇھىم دۆلەت روسىيە، ھالبۇكى خىتاي چېچىنىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پەقەت ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ھەرىكەت قوللانمايدۇ.

 

سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا، لى فۇجوڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۈەن دېھقانچىلىق، سانائەت ۋە سودا قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى كونترول قىلىدۇ، ئۇ زاپاس ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي جان تومۇر بولۇپ، قاتتىق كونتروللۇققا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ غايەت زور ساندىكى كۆچمەنلەرنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئازسانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

 

خې چاۋدوڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تەيۋەنلىك خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان نۇقتىئىنەزەرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىزغا ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

 

خەۋەرنىڭ مەنبەسى:
https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20201115-%E5%8F%B0%E6%B9%BE%E4%B8%9C%E7%AA%81%E5%8E%A5%E6%96%AF%E5%9D%A6%E5%8D%8F%E4%BC%9A%E5%BA%A7%E8%B0%88%E4%BC%9A-%E4%B8%93%E5%AE%B6%E6%8C%87%E7%BB%8F%E6%B5%8E%E5%86%B3%E5%AE%9A%E5%8C%97%E4%BA%AC%E5%AF%B9%E6%96%B0%E7%96%86%E6%B2%BB%E7%90%86

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر شېئىر كېچىلىكىى ئۆتكۈزۈلدى

يە نويابىر 15 , 2020
تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن 14- نويابىر تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبول شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستان شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like