ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچنى ئورتاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر

ياۋروپا پارلامېنتى 4-ئۆكتەبىر فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە « ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچىسىنى ئورتاقلاشتۇرۇش» نامىدىكى قارارنامىگە قارىتا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 602 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 13 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 8 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن مەزكۇر قارارنامە ماقۇللىنىپ رەسمىي قانۇن بولۇپ بېكىتىلگەن.

مەزكۇر قانۇندا بەلگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى بارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار 2024-يىلىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن زەرەتلىگۈچ ئېغىزى يەنى USB-C نى ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىكەن. باشقا ئېغىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

ئالما شىركىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان « يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن USB-C  ئېغىزىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ياۋروپانىڭ بۇ قارارى ئالما شىركىتىنى ئامالسىز ھالدا ئۆزىنىڭ مەيدانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئالما شىركىتى 2023-يىلى ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئالما 15 تېلېفونىدىن باشلاپ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زەرەتلىگۈچ ئېغىزىنى ئەسلى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Lightning ئېغىزىدىن USB-C گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۆزبېكىستاندىكى بىر زاۋۇتتا غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن

سە ئۆكتەبىر 4 , 2022
ئۆزبېكىستاندىكى بىر زاۋۇتتا غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن

You May Like