ئىنتېرنېتتا ئەخلاق كرىزىسى

ئىنتېرنېت ھەرخىل شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىريەرگە يىغىش، بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، كىشلەرنى كىشلەرگە، كىشىلەرنى ئۇچۇرلارغا باغلاپ ئۆزئارا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ، بۇ ئاساسقا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇلاردىن ئەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فۇنكىسىيەگە ئىگە ۋاستىلەردۇر.

يارۇق
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 30- دېكابىر

 

ئىنتېرنېت ھەرخىل شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىريەرگە يىغىش، بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، كىشلەرنى كىشلەرگە، كىشىلەرنى ئۇچۇرلارغا باغلاپ ئۆزئارا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ، بۇ ئاساسقا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇلاردىن ئەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فۇنكىسىيەگە ئىگە ۋاستىلەردۇر.

 

ئەخلاق – ئىنساننىڭ ئىنسانغا، جانلىقلارغا، شەيئىلەرگە، ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەتلەرگە تۇتقان پوزىتىسيىسى ۋە كۆزقارشىنىڭ ئىش-ھەركىتى، گەپ-سۆزى، ئالاھىدىلىكلىرىدە ئەكس ئېتىشى بولۇپ، بەزى ئىنسانلاردا تۇغۇلىشىدىن تارتىپ بار بولسا، بەزى ئىنسانلار تەدرىجى يېتىلدۈرىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ياشىغان مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت زەنجىرى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئائىلە تەربىيىسى قاتارلىق ئامىللار ئەخلاققا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

ئەخلاق ئۇقۇمىغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە «كىشىلەرنىڭ ھەربىر جەمئىيەتكە خاس بولغان پائالىيەت مىزانى؛ ئەدەپ، خۇلق، پەزىلەت (http://ewlat.biz/app) » دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئېغىز تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەخلاق بىلەن بىر كىشىنىڭ يۈز ئابرۇيى زىچ مۇناسىۋەتلىك.   ئىستىمالىمىزدا يۈز نۇقۇل كىشىنىڭ يۈزىنى، يەنى تېرىسى ياكى كۆرۈنۈشنى كۆرسەتمەيدۇ. «يۈز» دېمەك – ئابرۇي دېمەك، يۈز دىمەك – ئېتىبار دېمەك، يۈز دېمەك – ھۆرمەت دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تارىخىدا ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن يۈز ئۇقۇمى بىر-بىرىگە باغلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن. مەھمۇت قەشقىرى مىڭ يىللار ئىلگىرى: «ئەي ئوغۇل، نەسىھەت ئال، ئەدەپلىك بولغىن،  ئۇلۇسنىڭ چوڭلىرىدىن بولغايسەن (خەلق ئىچىدە ئىتىبارلىق بولغايسەن).» دېگەن ئىكەن. بۇيەردىكى ئېتىبارمۇ يۈزنى مەقسەت قىلغان، دېيىلسە خاتا بولماس. ئابدۇقادىر داموللام  مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى ئىزاھلىماقچى بولغاندەك «ئەدەپ ئاچقۇچى» نامىدا كىتابمۇ يازغان. داموللامنىڭ ئەدەپ ئاچقۇچىنى ئىلىم-مەرىپەت، كەمتەرلىك، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ئەخلاق ئۇقۇملىرىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. گەرچە بۈيۈكلىرىمىز ئەسىرلەر ئىلگىرىدىن تارتىپ بۇ ئۇقۇملارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز ئەۋلاتلار بۇلارغا ئانچە ئەستايدىل بولالمايۋاتىمىز.

 

ئىنتېرنېت ئەخلاقى دەپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بىر ئۇقۇم بار. ئىنتېرنېت ئەخلاقى – ئىنتېرنېت دېگەن ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق سۆز بىلەن ئەخلاق دېگەن قۇرئانىي سۆزدىن تۈزۈلگەن. ئاڭلىماققا ھېس قىلىش ئاسان، كونكرېت قىلىپ چۈشىنىش بىرئاز مۈجمەل بولغان بۇ بىرىكمە سۆز زامانىۋىي تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولغان مەۋھۇم ئىنتېرنېت تورى دۇنياسىدىكى ئىش-ھەركەتلىرىمىز ۋە پوزىتسىيىلىرىمىزنى ئۆلچەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئۆلچەمدۇر. بۇنىڭغا قىياسەن ئېيىتقاندا، ئىنتېرنېت ئەخلاقى كىشلەرنىڭ رېئال دۇنيادىكى كىشىلىك پەزىلىتىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا ئەكس ئېتىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈن تېخىنىكىلىق تەرەققىياتنىڭ مىسلىسىز تېزلىكى ۋە بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قولايلىقلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسى سۈپىتىدە، ئاساسەن دېگۈدەك قۇرامىغا يەتكەن ھەممەيلەن بۇ تېخىنىكىلىق مەھسۇلاتلاردىن نىسىۋىسىنى ئالماقتا. دەسلىپىدە، ئۇچۇر ئالاقىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقستىدە ئىجاد قىلىنىپ، ئىجىتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىنتېرنېت ئۇللۇق ئالاقە دېتاللىرىنى ھەر بىر شەخىس ئىشلەتمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ سىياسەتتىن جەمئىيەتكە، مائارىپتىن سەنئەتكە، تىجارەتتىن كۆڭۈل ئېچىشقىچە بولغان ساھەلەر بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كېتىشى بىزنى بۇ دېتاللاردىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. ھەتتا فەيسبۇك، تۋېتتېر، ئىنستىگرام، يۇتيۇب قاتارلىقلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىزنى ۋە زېھىنلىرىمىزنى مەشغۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ بېقىندىلىق ياكى خۇمارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى بىر ئەخلاقىي مەسىللەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.

 

تورداشلار بۇ ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى غەرەزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىلسا، بەزىلىرى سەۋەنلىكتىن كېلىپ چىقتى. غەرەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەخلاقىي مەسىلىلەر ھۇجۇم خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ ھۇجۇملار: دىن، مەزھەپ، پىكىر ۋە ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەرنى مەنبە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت شەخسىي ئۆچ-ئاداۋەت ۋە نىزالارمۇ ئەخلاقىي قىممەت قارىشى تۆۋەن ياكى ئاڭسىز كىشىلەر تەرىپىدىن تور دۇنياسىدا سازايە قىلىنماقتا. يەنە بىر ئەخلاقىي مەسىلە، بەلكى ئەڭ يامراپ كېتىۋاتقان ئەخلاقىي مەسىلە بولسا نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى. ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ ئەركىن تارقىتىش ئالاھىدىلىكى نۇرغۇنلىغان يېڭى يازارمەنلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئەسەرلەرنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىلىپ ئىگىلىنىلىۋىشىدەك خرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۆھرەتتىن ئىبارەت مەنىۋى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان «ئاپتورلار» باشقىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلماقتا. ئىنكاس يېزىشىشتىكى شاللاقلىقمۇ بۇ ئەخلاقىي كرزىسلەرنىڭ بىرى. تور دۇنياسىدا بىر قىسىم ئىنكاسچىلار پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، ئەخلاقىي چېگرالاردىن ھالقىمىغانلارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىش توغرا ئەمەس. ئەمما قوي تېرىسىدىكى تۈلكە مىجەزلەرنىڭ ھە دېسىلا ئىنكاس كۈلتۈرىنى تارمار قىلىپ، ئەخلاققا زىت، شەخسىيەتنى نىشان قىلغان غەرەزلىك ئىنكاسلىرى ئالاقە پسىخىكىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم ئوبيېكتىغا ئائىت باش-ئاخىرى مۈجمەل ئىسپاتلارمۇ بۇ ئەخلاقىي مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى.

 

«سەۋەنلىك» بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىۋاتقان ئەخلاقىي مەسىللەرنىڭ بەزىلىرى مۇنداق: ئەقلىيفونلارنىڭ ئۈنئالغۇلۇق، سىنئالغۇلۇق روللىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ دېتاللىرىنىڭ ئۈن، سىن، رەسىم، تېكسىت، ھۆججەت قاتارلىقلارنى بىر بارماق بىلەن ئۇياندىن-بۇيانغا يۆتكەشكە مۇداپىئەسىزلىكى تۈپەيلى، ئىككى كىشى ياكى مەلۇم گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ۋاتىساپ، مەسسىنجىر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاقە دېتاللىرىدا قىلغان سۆھبەت ۋە پاراڭلىرى سۈيئىستىمال قىلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ياخشى نىيەت بىلەن مەلۇم شەخس ياكى گۇرۇپپىغىلا خاس دېيىلگەن سۆز، يېزىلغان خەت، يوللانغان رەسىملەر قارشى تەرەپنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى يۈز-ئابرۇيى قىلچە نەزەرگە ئېلىنماستىن، كەڭ تارقىتىلىدىغان بولدى.

 

يەنە بىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تور دۇنياسىدا كۆرۈنۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىش مەسىلىسى. گەرچە، بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپ بارغاندا بۇ مەسلىدىن ساقلىنىش تەس بولسىمۇ، بىۋاستە تارقىتىشتىن ئىلگىرى كەڭ ئوبيېكىتلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇپ، ئىدىيۋى تەييارلىق قىلىۋىلىشىغا پۇرسەت بېرىش بۇ مەسلىنىڭ سەلبيلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتەلىشى مۇمكىن.

 

ئىنتېرنېتتا يۈز بېرىۋاتقان ئەخلاق كرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كرزىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىرقانچە سەۋەب بارلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن:

 

بىرىنچى، ئىنتېرنىت قوللانغۇچىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوراللىرىغا بولغان چۈشەنچسىنىڭ ناھايتى كەمچىل ياكى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى؛

 

  ئىنتېرنېت دۇنيانى كىچىك كەنت ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ كەنتنىڭ قاتناش ۋاستىلرىغا ئايلاندى. كۈنسىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەقىللىق ئېكرانلار بۇ قاتناشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىۋەتتى. بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك، تۋېتتېر … لارنىڭ بىرقانچە ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بۇلار: ئوچۇقلۇق — ھەرقانداق بىر ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشى بۇ ۋاستىلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ، مەزمۇن ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ، باشقىلارنىڭ مەزمۇنلىرىغا پىكىر، ئىنكاس يازالايدۇ. ئوچۇقلۇق ئالاھىدىلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، يېزىشقان ئۇچۇر-ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن تورداشلارغا، ھەتتاكى يات تورداشلارغىمۇ ئوچۇق. ئوچۇقراق ئېيىتقاندا، بىر تورداش بىر ياكى بىرقانچە كىشى بىلەن ئىنكاس يېزىشىۋاتقاندا، بۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغىنى بىرقانچە يۈز، بىرقانچە مىڭ كىشى بولىدۇ. ئەدەپ ۋە قائىدىلىك مۇنازىرلەرنىمۇ، ساپاسىزلارچە تىللاشلارنىمۇ ئوخشاش.

 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى ھەمبەھىرلەش، قايتا ھەمبەھىرلەش، يوللانغان مەزمۇنلارنى ساقلىۋىلىش، ھەتتا ئىكران تارتىمى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىۋىلىشقا يول قويۇشىدۇر. بىر ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشۋاتقىنىدا، ئاچچىغىدا ياكى قاتتىق ھاياجان بىلەن يازغان يازمىلىرى، قايتا ھەمبەرلىنىشى، يازغان ئىنكاسلىرى رەسىمگە تارتىلىپ ساقلىنىۋىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، نېمە يازغان بولسا شۇ ھەمبەھىرلىنىدۇ، شۇ ساقلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىجابىي يازمىلار قانداق تېز تارقالغان بولسا، سەلبىي يازمىلارنىڭ تارقىلىش تېزلىكىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. يامان يېرى، رېئال تۇرمۇشتا بىر شەخس يەنە بىرى بىلەن زاكۇنلىشىپ قالسا، تىللىشىپ قالسا، ئۇنى بىر ياكى بىرقانچە كىشى كۆرىدۇ. ئەمما ئىنتېرنېتتا تېتىقسىز يازما ياكى سەت تىللار بىلەن تىللىشىۋاتقانلارنىڭ  شاللاقلىقىغا نەچچە مىڭ ئادەم شاھىت بولىدۇ. بەلكى، يالغان ئىسىم قويدۇم دەپ ئۆزىنى ئالدايدىغانلارمۇ باردۇر. «موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە» مەسىلەن، بىرقېتىم ئىنكاس ئوقۇۋىتىپ، بىر كىشىنىڭ ناھايتى ساپاسىزلارچە يازغان تېتىقسىز، ئەخلاقسىز ئىنكاسلىرىغا شاھىت بولدۇم. ئۇنىڭ يازغان ئىنكاسلىرى ھە دېسىلە بەل ئاستىغا چۈشۈپ كېتەتتى. بىلىپ قىلىش مەقستىدە فەيسبۇك دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ كىملىكىنى تاپتىم، ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر دۇكاندا ئىشلەيدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىن ئاشقان كىشىكەن.

 

ئىككىنچى، ئىنتېرنېتتا ئەخلاق كرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ  ئىلمىي ساپاسىنىڭ ناھايتى تۆۋەنلىكى؛

 

كونىلار «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ.» دەپ بىكار ئېيىتمىغان. تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، ھېلى ئۇنى تىللاپ، ھىلى بۇنى ھاقارەتلەپ، سۈپەتسىز يازما يېزىۋاتقانلارنىڭ ئىلمىي ساپاسىنىڭ ناھايتى تۆۋەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىلمىي ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ئىنتېرنېتنى نېمە مەقسەتتە ئىشلىتىۋاتقانلىقدىن بىخەۋەر. بەزىلەر ئىنتېرنېت ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى خەۋەر ئوقۇش ئۈچۈن، بەزىلەر تەلىم-تەربىيە خىزمىتى قىلىپ، مەنىۋى ئېنېرگىيە تارقىتىش ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر سىياسىي، ئىجتىمائىي، تىجارىي تەشىۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇلارنى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر مۇددىئاسىز تور ئىشلەتكۈچىلەر ئاساسسىز گەپ-سۆزلەر بىلەن باشقا تورداشلارنى بىئارام قىلىدۇ.

 

ئۈچىنچى، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تور ئوينايدىغانلارنىڭ كۆپلىكى؛

 

توردا ئەخلاق كرزىسىگە يول ئېچىۋاتقانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى گەرچە ساپاسىز ياكى مۇددىئاسىز تور ئىشلەتكۈچىلەردىن تەشكىل قىلىسىمۇ، بۇلارغا يار-يۆلەك بولۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە بەزى ساپالىق، ئىلمىي ئۇنۋانلىرى خېلى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ بارلىقى دىققەت تارتىدۇ. بۇ خىل ساپالىق كرىزىسچىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئەركىن دۇنيانىڭ ھاۋاسى ياكى بىكارغا بېرىلگەن ئېشىندى-تېشىندىلار، بەك خىل كەپ كەتكەن تورچاقلار ئىگىلەيدۇ. «قىلغىلى ئشى يوق» بۇ ساپالىق تورچاقلار ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى باھالاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىىختىيارى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالغان. دادامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان «مەن …ڭامنى ياراتماي ئولتۇرىمەن باسۇرۇپ، …ڭام مېنى ياراتماي ئولتۇرىدۇ ئوسۇرۇپ.»

 

جالالدىن رۇمى «ئەي باشقىلارنىڭ يۈزىدە يىرگىنىچلىك مەننى كۆرگۈچى، ئۇ مەن بولسا مىڭ ئەپسۇس سىنىڭ يۈزۈڭنىڭ ئەكسىدۇر.» دېگەنىكەن. رۇمىنىڭ بۇ ھېكمىتىدە شۇنداق بىر پەلسەپە بار — سەن باشقىلارنى قانداق چۈشەنسەڭ، ئۆزۈڭ شۇنداقتۇرسەن. مەن گەرچە بۇنىڭغا تامامەن قوشۇلۇپ كەتمىسەممۇ، ئىنتېرنېتتا ئەخلاق كرىزىسى چىقىرىۋاتقان تورچاق دوستلارنىڭ ھاياجانلىق قۇرلىرىدا رۇمىنىڭ بۇ ھېكمەتلىك ئۈگۈتىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالالىسكەن دېگەن ئۈمىدىم بار.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

گۈلشەن ئابباسنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى

چا دېكابىر 30 , 2020
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

You May Like