ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى تاپالمايدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، ئەمما ئالىملار ئەقىللىق ھاياتلىقنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىللەرنى بايقىيالمىدى. ئالەم بوشلۇقى ئەلۋەتتە چوڭ، شۇڭا بىز ئادەتتە تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى بايقىيالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئارىلىق يىراق دەپ پەرەز قىلىمىز.

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، ئەمما ئالىملار ئەقىللىق ھاياتلىقنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىللەرنى بايقىيالمىدى. ئالەم بوشلۇقى ئەلۋەتتە چوڭ، شۇڭا بىز ئادەتتە تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى بايقىيالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئارىلىق يىراق دەپ پەرەز قىلىمىز. ئەمما ئىسپانىيە كادىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىكەن، دېمەك ئەڭ يېڭى بىر خىل پەرەز مەۋجۇت: بىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تامامەن سەل قارىدۇق. ئىنسانلار بىر خىل بەختسىزلىك تۇيغۇسى بويىچە ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىرتقى مەدەنىيەتنى ئىزدەپ كەلدى. بۇ تەتقىقاتتا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بۇ خىل دەسلەپكى كۆز قاراش بويىچە ئېيتقاندا، بىز بىلىدىغان تۇرمۇش باشقا جايدا بولۇپ، بۇ خىل قاراش بىزنىڭ روشەن كۆرۈنىدىغان دالىغا يوشۇرۇنغان تاشقى پىلانېت ھاياتلىقىنى بايقاش ئىقتىدارىمىزغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ماقالە «ئالەم بوشلۇقى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تاشقى پىلانېت ھاياتلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى مۇھاكىمە قىلىنغان، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىنسانلار قەتئىي چۈشىنەلمەيدىكەن. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسەك بۇ ھەم قورقۇنۇچلۇق ھەم ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ. ئەمما سىز ۋاقتىنچە گۇمانىڭىزنى توختىتىپ تۇرسىڭىز خېلى ئەھمىيىتى باردەك ھېس قىلىسىز. بۇ تەتقىقاتقا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان نېرۋا پىسخولوگى گابرېل (Gabriel de la Torre) چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ بۇنداق پەرقلەشتۈرۈشىمىزنىڭ سەۋەبى باشقا ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئېلىش ئۈچۈن. مەسىلەن، كاللىمىزدا پەقەتلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئۆلچەم جانلىقلىرى ياكى غۇۋا ماددا ۋە ياكى ئېنىرگىيە ئاساسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار، بۇ ماددىلار ئالەم بوشلۇقىنىڭ %95تىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما بىز پەقەت ئۇنى مۇنداقلا كۆردۇق خالاس. ھەتتا باشقا ئالەم بوشلۇقى مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار، خۇددىي خاۋكىڭ ۋە باشقا ئالىملارنىڭ يازمىلىرىدا بايان قىلىنغاندەك.» تەتقىقاتچىلار ئىنسانلارنىڭ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى تەرىپىدىن خاتا يېتەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بىر تەجرىبە ئىشلەپ، 137 ئادەمدىن بوشلۇقتىن تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەردىكى قۇرۇلما ۋە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ سۈنئىي ياكى تەبىئىي ئىكەنلىكىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سۈرەتكە ئورانگۇتاننىڭ كىچىك سۈرىتىنى يوشۇرۇپ قويدى. قاتناشقۇچىلار ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئورانگۇتاننى بايقىيالمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىمىگەنلىكى بولۇپ چىقتى. بۇ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل مەقسەتسىز سەل قاراش مەقسەتسىز كور بولۇپ قېلىش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاسترونوم ۋە ئالىملار ساھەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاددىيلاشتۇرغاندا، ئەگەر بىز نېمىنى ئىزدەشنى بىلمىسەك، ھېچقانداق نەرسىنى تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن، بۇ دەل تاشقى پىلانېت ھاياتلىقىنى ئىزدەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى تاپالمايدۇ؟
ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى تاپالمايدۇ؟

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئايدا جانلىقلار بارمۇ؟ ئاي شارى تاشقى پىلانېتلىقلارنىڭ ئالەم كېمىسىمۇ؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
فانتازىيىلىك كىنولاردىكى ئاي شارى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىغا بولغان قىزىقىشلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئاي شارىنى غايەت زور ئالەم كېمىسى دەپ قارايدۇ؟ بۇنى ئاي شارىغا بولغان تەتقىقاتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

You May Like