ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن

ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن

ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-مارت

يۈسۈپجان

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى ئايدا ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى ئاۋسترالىيە ئايروپورتىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان «ھەربىي مەشىق» كە قاتناشقانلىقى ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىن كەلگەن بىر نەپەر ئوقۇغۇچى سىدنېي ئايروپورتىدا تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلىنىپ ئۇدۇل خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ تېلېفونىدىن ھەربىي مەشىققە قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى رەسىملەر بايقالغان بولۇپ، تاموژنا خادىملىرى ئۇنى ئىلگىرى ھەربىي تەربىيە ئالغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخىنى يوشۇردى دېگەن سەۋەب بىلەن ئاۋسترالىيە تۇپرىقىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. يەنە بىر خىتاي ئوقۇغۇچىمۇ بىر ئاي بۇرۇن ئوخشاش سەۋەب بىلەن قايتۇرۇلغان ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 29-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاۋسترالىيەنى «كۆپ» قېتىم «سەۋەبسىز» خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈردى دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاۋسترالىيە تەرەپ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا قارىتا نارازىلىق ئەرزىنى سۇندى. بىز ئاۋسترالىيە تەرەپتىن بۇ تۈردىكى «چەك»تىن ئاشقان تەكشۈرۈشلەرنى دەرھال توختىتىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شۇنداقلا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز» .

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە سياسەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىىيتى ئىلىپ باردى.

جۈ ئاپرېل 1 , 2022
ئۇيغۇرلار -سياسى تارىخىدا بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە سۈپەتلىك دىپلوماتىك پائالىيەت ئىلىپ باردى. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى- ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشتا كۈچ چىقارغان ئەمەلدارلار، سياسەتچىلەر، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرىنى ئالاھىدە كۇتۇۋالدى ۋە تەقدىرلىدى.

You May Like