جىددىي! ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا

جىددىي! ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا

 جىددىي! ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-دېكابىر

 

 

 

ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 2020-يىلىدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى ۋە روزى نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى خىتايغا  قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەمدۇللا ۋەلى ئەسلى يۇرتى شەرقى تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرىدىن بولۇپ، بۇ يىل 54 ياشتا. 2020-يىلى فېۋرالدا ئۇمرە ھەجىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان، كېيىن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرۇشلۇق ئىقامىتى بار بولۇپ، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ قىسقا مۇددەتلىك تۇرۇش ئېقامىتىنى ئالغان. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى شۇ يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغان. 

روزى نۇرمۇھەممەت بۇ يىل 46 ياشتا بولۇپ، ئاگېنتلىقىمىز ھازىرچە بۇ كىشى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمىدۇق. ئەمما توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە  ئۇنىڭمۇ تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش ئىقامىتى بار بولۇپ، ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن بىر ۋاقىتتا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

بۈگۈنكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچى دائىرىلىرى رەسمىي ھالدا بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا شۇنى خىتاب قىلىمىزكى: جىددىي ھالدا بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەتكە ئۆتەيلى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىمىز بىلگەن تىل بويىچە كەڭ تەشۋىقات قىلايلى، تەشكىلاتلار ئۆزى تۇرۇشلۇق يەرلىك ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋەت باشلاپ بار ئاماللارنى قىلىپ بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

پە يانۋار 6 , 2022
تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

You May Like