ئىھسان: ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق ھەل بولىدۇ؟ 

بۈگۈنكى خەلقارالىق سىياسەت ۋە خەلقئارا قانۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئورنىتىلغان يىڭى خەلقارا سىياسىي تەرتىپنى مەنبە قىلماقتا. 

ئىمپىراتورلۇقلار، تېئوكراتىك سىياسىي سىستىما، پادىشاھلىق تۈزۈم، ھەربىي كىڭەيمىچىلىك ھەركىتلىرى قاتارلىقلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاساسىي جەھەتتىن يەرشارىۋىي ھاكىمرانلىقىنى يوقاتتى، شۇنداقتىمۇ رايونلۇق ۋە چەكلىك ھالەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىدى. 

ئاساسىي جەھەتتىن غەرىپ دۆلەتلىرى دىمۇكراتىك سىياسىي سىستېمىنى ئىجدىمائىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن دۆلەت بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈردى.  

يىڭى دۇنيا تەرتىپىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەت(ئامرىكا، رۇسىيە،خىتاي، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە) خەلقارا سىياسىي سىستېمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە قوغدىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان 5 ئاساسىي دۆلەتنى ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق، ئامرىكا ۋە رۇسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى خەلقارا سىياسىي سىستىمىنى بەلگىلىگەن ئەڭ چوڭ ئىككى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى رۇسىيەنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچ ئورنىنىڭ يىگىلىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى. نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك كۈچ ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ رايونلۇق كۈچ ئورنىغا چۈشىشى بىلەن ئامرىكىنىڭ يەرشارىۋىي ئۈستۈنلۈكى مۇقىملاشقان بولدى. 

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ غەلبىسى خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يەرشارىۋىي ئۈستۈنلۈك تالىشىش رولىنى رۇسىيەدىن خىتاي تاپشۇرۇپ ئالدى. رۇسىيە گەرچە تەقدىرگە تەن بېرىشنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلسىمۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كىيىن رۇسىيەنىڭ خىتايغا داۋاملىق تايىنىپ قالىدىغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرپىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن قۇبۇل قىلىنماقتا. 

ئامرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى بۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى مەنچە ھېچكىمنى ھەيران قالدۇرمىدى. چۈنكى ئوخشىمىغان ئىككى خىل سىياسىي تۈزۈم ۋە ئىككى چوڭ كۈچنىڭ خەلقارا سىياسىي تەرتىپنى لاھىيلىگۈچى ئانا رولچىغا ئايلىنىش نىشانى توقۇنۇشنىڭ ئەڭ نىگىزلىك سەۋەبىدۇر.  

بۇ توقۇنۇش قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ سۈلھى سالا بىلەنمۇ؟ جەڭ بىلەنمۇ؟ 

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ جاۋاپ دەل مۇشۇ سوئالنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ. 

خەلقارا سىياسىي سىستېما 21-ئەسىردە نوقۇل ماكياۋىلسىت رېئال سىياسەت بىلەن ماڭمايدۇ. بىراق بۇ دېگەنلىك خەلقارا سىياسەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىمۇكراتىيە دىگەندەك زامانىۋىي قىممەت قاراشلار ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. گەرچە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىمۇكراتىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ شانلىق دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، خەلقارا سىياسەتنى بەلگىلىگۈچى ئانا ئامىل يەنىلا رېئال سىياسەت. مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا بۇ رىئاللىق بىز ياشاۋاتقان بۇ يۈز يىلدا ئاسانلىقچە ئۆزگىرىدىغاندەك قىلمايدۇ. 

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ خەلقارالىق بىر كۈچ ئەمەس، رايونلۇق بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. 

غەرىپنىڭ ئىقتىسادىي ئامبارگوسى، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈش، ئىشچى مەسىلىسى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش رۇسىيەنى كەلگۈسىدە تىخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشى،خىتايغا تىخىمۇ بىقىندا ھالغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. 

بۇندىن كىيىنكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا ئامرىكىنىڭ لىدەرلىكىدىكى خەلقارا سىياسەتكە ئۆكتىچى بلوكنىڭ لىدىرى رۇسىيە ئەمەس، خىتاي.  

بىراق خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئاجىزلىشىش، غەرىپ كاپىتالىنىڭ چىكىنىشى، مالىيە سىياسىتىدىكى قاتماللىق ۋە نوپۇس قېرىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار خىتاينى ئازراق پەسكويغا چۈشۈرگەندەك قىلىدۇ. ئالدىنقى 20 يىلدا ئامرىكا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي پەرىقنى ئازايتقان بولسىمۇ، يىڭى ئىقتىسادىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي بىلەن ئامرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي پەرىق قايتىدىن چوڭىيىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن.  

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ بىر مۇستەملىكىسى دەپ قارايدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە تۈركى خەلىقلەر ياشاۋاتقان بەزى رايۇنلارنى ئاللىقاچان مۇستەملىكىلەشتۇرۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى خەلقارا سىياسىي سىستىما تەرىپىدىن قۇبۇل قىلغۇزۇپ بولغان. 

ئاكادېمىكلار ياكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرى قانداقلا نەتىجە بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدەك بۇ قاراش 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى سىياسىي سىستېمىنىڭ بىر پارچىسى. بۇ مەسىلە ئاكادىمىك بىر مەسلە ياكى قانداقتۇر توغرىلىق ياكى ئادىللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس. 

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ دوكتىرىننىڭ ئاغدۇرىلىشى ئۈچۈن خەلقارا سىياسىي تەرتىپ قايتىدىن بىكىتىلىشى شەرت ياكى خىتاينىڭ بۇ سىياسىي دوكتىرىنىنىڭ ئاكادېمىك ياكى ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەيلى بولىشى كېرەك. 

ئۇيغۇر مەسىلىسى مەنچە ئىككى شەرتكە باغلىق. 

1.خىتاينىڭ مەۋجۇت مىللي سىياسەت دوكتىرىنىنى خىتايغا قارشى رەت قىلىنىشى. 

مەۋجۇت دۆلەتلەرنىڭ خەلقارالىق ئورگانلار ۋاسىتىسى بىلەن ئورتاق بىرلىككە كەلگەن مۇھىم پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرسى زىمىن پۈتۈنلىكى مەسىلىسىدۇر. خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكى مەسىلىسى مەۋجۇت خەلقارا سىياسىي تەرتىپ ۋە خەلقارالىق سىياسىي كۈچلەر تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ. خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە چېتىلىدىغان بىر مەسىلىنى خىتايغا قارشى ھالدا ھەل قىلىشقا تىرىشىش بۇ مەسىلىگە ئارلىشىدىغان ھەرقانداق دۆلەتنى خىتاي بىلەن بولىدىغان بىر جەڭگە سۆرەپ كىرىدۇ. 

يىغىنچاقلىغاندا خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئائىت مەۋجۇت دوكتىرىننى خىتايغا قارشى رەت قىلىش ئۈچۈن خەلقارا سىياسىي تەرتىپ قايتىدىن ئورنىتىلىشى كېرەك. 

2.خىتاينىڭ بۇ دوكتىرىنىنى ئادىل ۋە ئىلمىي ھالەتتە خىتاي بىلەن بىللە تۈزۈتۈش. 

ھېچقانداق دىمۇكراتىك سىستىما ئۆتمىشى بولمىغان، مۇستەبىت تۈزۈمدىكى بىر دۆلەتنىڭ دىمۇكراتىك يوللار بىلەن ئىچكى مەسىلىسىنى ئادەل ۋە ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشى مەۋجۇت رېئاللىقتا تازا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى خىتاينىڭ سىياسىي سىستىمىسى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ غەرىپتە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكىمىتىڭ دىمۇكراتىكلىشىشى شەرت. 

پەلەستىن مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەتتا تەيۋەن مەسىلىسىنى كۈزەتكىنىمىزدە غەرپتە ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش خاھىشنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەرقانداق ئۇرۇشنىڭ دۇنيانى ئاتوم بومبىسى ۋەھىمىسىنىڭ كۆلەڭگىسىگە سۆرەيدىغان بۇ ئەسىردە، دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن ئىمكان قەدەر قىچىشقا ئىنتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 

ئۇكرائىنادەك ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كىرىش ئىشىكى ھىساپلىنىدىغان دۆلەت ئۈچۈن غەرىپنىڭ ئىمكان قەدەر ئۇرۇشتىن ئۇزاق تۇرىشى، تەيۋەنگە ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇننى قوغداشتا غەرىپنىڭ ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى بىزنى ئويلاندۇرىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئەسىرگە يىقىن لوبىچىلىق ئۆتمىشى بولغان پەلەستىن مەسلىسىنىڭ خەلقارادىكى نوپوزىغا قارىماي ھازىرغىچە ھەل قىلىنالماسلىقى تىخىمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەھۋال. ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش كىچىككىنى بىر دۆلەتنى تەمكىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ قولىدىن ھىچنىمە كەلمىدى. خىتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ كۈچنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئىچكى مەسىلە دەپ قارىلىدىغان بىر مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارلاشمايدىغانلىقى ياكى خەلقارا لوبىيچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدىغانلىقى مەنچە ئاشكارا. 

ئاخىرىدا قولىمىزدا ئىككى ئىھتىماللىق قالىدۇ. بىرىنچىسى خىتاي بىلەن غەرىپ ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىدىغان بىر ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كىيىن ئورنىتىلىدىغان يىڭى دۇنيا تەرتىپى. ئىككىنچىسى خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن كېلىشىش. 

1. ئۇرۇش ئىھتىماللىقى 

تەيۋەندە ياكى جەنۇبى دىڭىزدا پارىتىلايدىغان بىر ئىسسىق ئۇرۇش ياكى بۇ باھانە بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇش. خىتاينىڭ يىڭى دۇنيا تەرىپىدىكى رولى ۋە ئورنىنى قايتا بەلگىلەيدۇ. بۇ خىل شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يىڭى ئورنىتىلىدىغان دۇنيا تەرتىپىدە ئۆزىگە تۇشلۇق بىر ئورۇنغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىشى مۇمكىن. 

خىتاي بىر ئاتوم كۈچىگە ئىگە دۆلەت. شۇڭا ئىسسىق ئۇرۇشنىڭ كونۋانسىئونال(ئەنئەنىۋىي) ھەربىي توقۇنۇشتىن ھالقىپ، ئاتوم ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كىتىش ئەندىشىسى غەرىپ دۆلەتلىرىنىمۇ، خىتاينىمۇ تەمكىن سىياسىي پوزىتسىيەدە بولۇشقا قىستايدۇ. 

شۇنداقتىمۇ، كەلگۈسىدە بۇ خىل ئۇرۇش بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقىنى قەتئىي يوق دەپ جەزىملەشتۈرگىنى بولمايدۇ.  

ھەر نىمە بولۇشتىن قەتئىنەزەر چوڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن قانداق مەنىگە كىلىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەسىرى ئانالىز قىلىنىشى كېرەك. 

ئۇيغۇر ياكى تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بىر ھەربىي ھەرىكەتتە بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بىر ئاتوم دۆلىتىنى پارچىلاش چوڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي كىرزىس بولمىسا بىر خام خىيال. شۇڭا غەرىپ بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇشلا (تاشقى كۈچ بىلەن خىتاينى ئۆزگەرتىش) نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن. 

2. خىتاي بىلەن كېلىشىش. 

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئاسمىلاتسىيەسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا نىسبەتەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەھدىتتۇر. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئېھتىياجى تىخىمۇ ئارتتى. كەلگۈسىدىكى يېرىم ئەسىر ياكى كەلگۈسى 2- ۋە 3-نەسىلدە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنسا قىلىندى، بولمىسا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.  

بۇ خىل ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان ۋەزىيەتتە غەرىپ بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدا چوڭ بىر ئۇرۇش يۈز بەرمىسىلا،  خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدا بىر يارىشىش ۋە كېلىشىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنىڭ ئىتىلىشى مەجبۇرى ھالغا كېلىشى مۇمكىن. 

خىتاي بىلەن كىلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، خىتايلارنىڭ ياكى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ رەزىل ۋە ئەسكىلىكى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. بىراق ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قارشى تەرەپ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئورتاق يول شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بەزى ئىھتىماللىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. 

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقە راۋانلاشمىغان، ۋەتەندە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر مىللى خىزمەتلەر ئىشلەنمىگەن تەغدىردە، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ ماڭىدىغان يىڭى نەسىللەرنىڭ يېتىششى ۋە مىللى مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.  ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قايسى ۋاقىتقىچە ساقلاپ قىلالايدىغانلىقىمۇ چوڭ بىر مەسىلە. ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇيغۇرچىمۇ بىلمەيدۇ. مۇستەقىللىق شوئارى ئاستىدا  ئەتراپتىكى ھەممىسىنى ئاپتونومىيچىلىك بىلەن ئەيىپلىگەنلەرنىڭمۇ نەۋرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە جۈملە قۇرالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم نۆل. ئۇلۇغ ئىدىيەلىرى كۆزلەرگە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ دەردىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار تارتىدۇ. چەتئەلدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئازاپلىرىنىڭ مىغىزىنى چاقىدۇ. 

ئۇيغۇرلار ئىككى نەرسىنى ئىسىدە چىڭ تۇتىشى كېرەك. 1-ئۇيغۇرلار بولماي تۇرۇپ شەرقى تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر داۋاسى بولمايدۇ. شۇڭا بىرىنجى نىشان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى. 2- ھىچقانداق دۆلەت ئۇيغۇر ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا كىرمەيدۇ. شۇڭا باشقا پۇرسەت ۋە يوللارنىمۇ ئويلاش لازىم. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقىلىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. 

ئەگەر خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر كىلىشىش بولسا بۇنىڭ ئاساسى ئىسخىمىسى ئىككى يول قويۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىككى يول قويۇش ئىككى ۋاز كىچىش ئەتراپىدا شەكىللىنىدۇ. 

1.ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كىچىشى. 

 مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت سىياسىي ئىرادىدىن ۋاز كېچىش، خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق خىتايغا قانۇنىي بىر تاشقى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولىدۇ. 

2. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاسسىيە قىلىش ئىرادىسىن ۋاز كىچىشى. 

مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كىچىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار خىتايدىن مىللىي مەۋجۇتلىقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇنى ۋە رېئال سىياسەتلىرىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەققىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. 

بۇ ھەققە ئىگە بولۇش ئۈچۈن خىتايدىن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى تەلەپ قىلىش كېرەك. 

بۇلار يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە ئۇيغۇرچە مائارىپنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە رايوننىڭ قانۇنى ۋەكىلىنىڭ يەرلىكلەر تەرىپىدىن سايلىنىشى،دۆلەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى، قانۇنىي رامكا ئىچىدە دىنى ئەركىنلىك بېرىلىشى، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن بولغان كۈلتۈرەل ۋە ئاكادىمىك ھەمكارلىققا توسالغا بولۇشتىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلار….. 

مىللەتلا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىدىكەن،  دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر تارىختىن بۇيان كېلىپ كېتىدىغان نەرسىلەر. شۇڭا مىللەتنى يوقاتمىساقلا كەلگۈسىدە قايتا تىرىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولىدۇ. 

بىراق خىتاي بىلەن كىلىشىش ۋە سۈلھى قىلىش ئۈچۈن دىققەتكە ئېلىشقا كېرەك بىر قانچە مەسىلە بار.  

بۇلاردىن بىرىنچىسى خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن كىلىشىشنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ؟ مەسىلىسى. 

ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ ئەبەدىي ئەمىنلىك مەسىلىسىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىش تۇرغان يەردە، ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىھتىماللىقى قانچىلىك؟ بۇنىسى تازا ئىنىق ئەمەس. خىتاينىڭ مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتراپ قىلماسلىق سىياسىتىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۈستىگە كەلگەنلىك خىتايغا نىسبەتەن مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قۇبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. 

 بولۇپمۇ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بارغانسېرى راىكاللاشقان، رادىكال مىللەتچىلىك ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۈستىگە كېلىشى تازا مۇمكىندەك كۆرۈنمەيدۇ. بۇنىڭغا قىستاش ئۈچۈن خەلقارانىڭ بېسىمى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى خەلقارالىق لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرى كۈچىيىشى كېرەك. 

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىۋاستا خىتايلارغا خىتاپ قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاستە خىتايلارغا ئاڭلىتىشىنى نىشان قىلىدىغان تەشكىلات ۋە مىدىيالارنىڭ قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ خىل جامائەت پىكرى ئېغىرلاشقاندا خىتاي ئاندىن بۇ كىلىشىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشى مۇمكىن.  

يەنە بىرسى بۇ مەسىلە كومىنىسىت پارتىيەنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە باشقۇرۇش شەكلىگە بىۋاسىتە بېرىپ چىتىلىدۇ. بۇ خىل كىلىشىش ئەمەلگە ئاشتى دىگەندىمۇ، بۇنى تەپتىش قىلىدىغان، بۇ سىياسىي جەرياننىڭ ئادىل ئەمەلىيلىشىش ئۈچۈن كونترول ۋە باشقۇرۇش رولىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر خەلقارالىق فورمات ياكى بىر سىياسىي ئورگان بولىشى كېرەك. بۇ تەپتىش خىزمىتىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈمى ئۈچۈن ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، مەۋجۇت دۆلەت سانسۇر سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. 

بۇ دېگەنلىك خىتاي دۆلىتى نىگىزلىك تۈزۈلمە ۋە سىياسىي جەھەتتىن دىمۇكراتلىشىشى ۋە ئۆزگىرىشى شەرت دېگەنلىك.  

شۇڭا ھازىرقىدەك خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ رادىكال ھۆكىمەتلەرنىڭ بىرىسى بولغان مەۋجۇت ھۆكىمەت بىلەن كېلىشىش ئىمكانىيىتىمىز بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا شىجىنپىڭدىن كىيىنكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خارەكتىرى، سىياسىي ئىسلاھاتقا بولغان مەيلى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولىشى مۇمكىن. ئامرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى خىتايدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش ۋە دىمۇكراتلىشىش جەريانىدا بىر كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىشىمۇ مۇمكىن. 

كېلىچەكتىكى خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى ئۆزگۈرۈش ۋە خىتاي بىلەن غەرىپ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش جەريانى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا كىرىتىك رول ئوينىشى مۇمكىن. 

ئۇمۇن 

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى كورىيە تارمىقى قۇرۇلدى

يە ئاۋغۇست 25 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 25-ئاۋغۇستتوكيودىن ئەنۋەرجان ئۇيغۇر تەييارلىدى. ئۇزۇندىن بىرى دىپلوماتىك تىرشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق دوسلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى بۇ قېتىم ئاسيا دۆلەتلىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان. «ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 24-ئاۋغۇست كورىيەدىكى بىر قسم پشقەدەم ۋە ياش سياسەتچىلەر ۋە ئاكتىۋىسلارنىڭ قوللىشى […]
ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى

You May Like