ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

15-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگنىېتلىقى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسالار ئۇنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى.

ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالغان بۇ قارارى، ماراكەش-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منستىرلىكى ، كىشلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىلىرى، ب د ت مۇھاجىرلار مەھكىمىسى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كۆپ تىرىشچانلىق قىلدى.

ئىدرس ھەسەن شۇنىڭ بىلەن پەقەت خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، ئەركىن دۇنيادا ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

ئىدرس ھەسەن 2021-يىلى 7-ئايدا ماراكەش ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ يىلى دېكابىردا ماراكەش سوتى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ ماراكەشكە بېسىم چۈشۈرگەن.

ئىدرس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ مۇتلەق كونتروللۇقى دائىرىسىدە ئەمەسلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ترامپ ۋە پۇتىن : ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى باشلايمىز

سە فېۋرال 18 , 2025
پرېزىدېنت دونالد ترامپ روسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى «تېزلىك » باشلاشقا كېلىشىكەن. بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان «ئۈنۈملۈك» سۆھبەتتە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش، يېقىن شەرق، ئېنېرگېتىكا، سۈنئىي ئىدراك، دوللار ۋە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلدۇق.» «پات ئارىدا مەن پۇتىن بىلەن كۆرۈشىمەن»دىگەن. ترامپنىڭ زىېلنىسكىدىن بۇرۇن […]
ترامپ ۋە پۇتىن : ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى باشلايمىز

You May Like