ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنپلىرى خىتتاي دېگەندەك ياخشىمۇ؟

ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنپلىرى خىتتاي دېگەندەك ياخشىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار خۇرسىنىپ بۇ يەردىكى ھايات تۈرمە ھاياتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇقۇشتىن چىكىنىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تەرجىمىدە: ھىدايەتۇللاھ

 

2020-01-01

 

ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنپلىرى خىتتاي  دېگەندەك ياخشىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار خۇرسىنىپ بۇ يەردىكى ھايات تۈرمە ھاياتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇقۇشتىن چىكىنىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمىتىكۆپ مىقداردا شىنجاڭلىق (شەرقى تۈركىستان) ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مەدەنىيىتىدىن ۋە دىنى ئېتىقاتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ.

 

مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي كومىنستىك پارتىيىسى ھەر يىلى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن (شەرقى تۈركىستان) پىلانلىق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلىرىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئۇقۇش چىقملىرى ھەقسىز بۇلۇپ قالماستىن بەلكى، مەخسۇس  نازارەت قىلغۇچى ئۇلارنى كۆزىتىپ ئۆيىگە قايتىشتىن  مەكتەپكە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نازارەت قىلىدۇ.

 

2010-يىلى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ( شىنجاڭ ئىچكىرى تۇلۇق ئوتۇرا مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزىمى)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا [ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلۇغ خىتاي دۆلىتىنى چوڭ بىلىش، خىتاي مىللىتى، خىتاي مەدەنيتىنى چوڭ بىلىش. خىتايچە سوتسىيالىستىك ئىدىيەنى ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، ماركىسىزمچە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك، ئېتىقاد كۆزقارىشى،  ماتېريالىزىم كۆز قارىشى ۋە دىنسىزلىق مائ‍ارىپ تەربىيىسنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان .

 

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىتكى مەلۇم  ئۆلكىدە  يۈزلىگەن تۇلۇق ئوتۇردا ئۇقۇۋاتقان شىنجاڭ (ش ت) تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئۇقۇغۇچىلىرى بار. بۇ ئ‍وقۇغۇچىلار (ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن) بەھىرلىنىش بىلەن  بىرگە  ئەركىنلىدىن مەھرۇم قالغان ،شۇنداقلا مىللى كىملىكىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇش خەۋپىگە دۇچ كېلۋاتىدۇ. ( زېمىستان)مۇخبىرلىرى بۇ مەكتەپتىكى بىر قانچە نەپەر شىنجاڭلىق (ش ت) ئۇقۇغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

 

رەڭگى ئۆزگەرگەن ئېتىقاد ھەققىدە سۆھبەت

 

سۆھبىتمىزنىڭ باشلىنىشى ئاسان بولمىدى، زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھالتىدىن ئۇلارنىڭ ئ‍ىنتايىن قورقۇۋاتقانلىقى، جىددىلەشكەنلىكى( بىز دىنغا ئېتىقاد قىلمايمىز، بىز بىلمەيمىز، بىز ئۇ…دىنغا ئېتىقاد قىلمايمىز«كۆزدە تۇتىۋاتقىنى ئىسلام دىنى ئېدى»).

 

ئۇلاردىن ئائىلەڭلار ۋە سىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلامتىڭلار دەپ سورىغان ۋاقىتتا ئۇلار قول ئىشارتى بىلەن جاۋاپ بېرىشتى.

 

ئۇلارنىڭ كەيپىياتى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇلار ئېھتىياتتا تۇرۋېلىش كەيپىياتىنى بىر ئاز ياخشلىدى ۋە ئەركىن ھالدا ئۇلار يۇرتىنى ۋە ئائىلىسىنى بەك سېغىنغانلىقىنى دېدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەكتەپنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن بېسمى بەك يۇقىرى ئىكەن. 

 

مەكتەپ بىزنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىمىزغا يول قويمايدۇ، بىزنى مەسچىتلەرگە بېرىشتىن توسىدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالساق بىزنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىدۇ] تۇلۇقنىڭ 2- يىللقىدا ئۇقۇيدىغان بىر ئ‍وقۇغۇچى مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز يىمەكلىك تەرەپتىنلا ساقىلىنىپ قالدى، باشقا تەرەپلەردىن ئاساسەن يوق. 

 

بۇ ئۇقۇغۇچى مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىدە خىتاي ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى بولغان(ئەجدىرھا)ئۇسۇلىنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق  دەيدۇ: بىز مىللى ئۇسۇللارنىمۇ ئويناشنى ياخشى كۈرىمىز، بىزدە ئەجدىرھا ئۇسۇلى ئوينايدىغان ئەنئەنە يوق. ئۇ بۇ گىپىنى چۈشەندۈرۈپ : بىز مۇسۇلمان ، بىز بۇتلارغا چۇقۇنمايمىز، بۇ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ ئېغىر گۇناھ، بۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا چەكلەنگەن.

 

ۋەتەن ۋە پارتىيەنى سۈيۈش ھەممىدىن مۇھىم

 

شىنجاڭلىق (ش ت) ئۇقۇغۇچىلارنى ئىچكىرگە ئەكىلىپ ئۇقۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشان بولسا ئۇلارنىڭ  كاللىسىنى  يۇيۇش، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئۇلارنى ۋەتەننى ۋە كومپارتىيەنى سۈيۈش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش. بۇ بىر نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ گەپ ئەگىتمەيلا ئۇدۇل بايان قىلغان سۆزى. 

 

تۇلۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى  شىنجاڭلىق (ش ت) بىر نەپەر قىز ئۇقۇغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىلىق ئارام ئېلىشتا يەرلىك خىتاي ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشىتى. ئەمما  شىنجاڭلىق ئۇقۇغىچلار مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بايراق چىقرىش ۋە قەسەم بېرىش  مۇراسىمىغا  مەجبۇرى قاتناشتى. ھەم خىتاي دۆلەت قۇرۇلغانلىق 70يىللىق پاراتتىن ئۈتۈش مۇراسىمىنى كۈرۈشكە ۋە تەسىرات يېزىشقا مەجبۇرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.

 

بۇ مەكتەپ يەنە شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلارغا (ئۇلۇغ ۋەتەن قۇرلۇشى)، (پارتىيە قۇرلۇشىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلار) دېگەندەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى  كىنو فىلىملەرنى كۈرۈشكە مەجبۇرى ئۇرۇنلاشتۇرغان.  

 

شۇ يەردىك يەرلىك بىر مۇسۇلمان ئامىمسسى بۇ ھەقتە توختىلىپ :[خىتاي كومپارتيىسى شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىنلا سوتسىيالىسزىم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەش، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنيەتلىرى بىلەن ئۇچىراشتۇرماسلىق، ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشتىن چەكلەش، دىنسىزلاشتۇرش قىلمىشلىرى بولسا ئاسمىلاتسىيە قىلىشنىڭ بىر ۋاستىسى ] دەيدۇ.

 

ئوقۇش ھاياتى بەئەينى تۈرمە ھاياتىغا ئوخشايدۇ

 

شىنجاڭلىق (ش ت) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا، بۇ ئوخشاش مەكتەپتىكى خىتاي ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن سېلىشتۇغاندا غايەت زور پەرىق شەكىلەندۈرگەن. 

 

مەكتەپتىكى ھەرخىل كەمسىتىلىش ۋاستىلىرىدن بۇ مەكتەپكە شىنجاڭلىق  (ش ت) ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا بىر دانە بارماق تۇنۇش ئۈسكىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ ،شىنجاڭلىق  (ش ت)  ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن كىرىپ چىققاندا بۇ ئۈسىنىگە  چۇقۇم بارمىقىنى قۇيۇشى كېرەك، تېخى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت  مەكتەپتىن سىرىتقا چىقالايدۇ، ئەگەر رۇخسەت سوراپ مەكتەپ سىرتىغا چىققان تەقدىردىمۇ چۇقۇم ئۈچ نەپەر ئۇقۇتقۇچى ئىمزا قويىشى ۋە بىر نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا  ئاندىن سىرىتقا چىقالايدۇ.

 

(بۇ يەردىكى ئۇقۇش ھاياتى تۈرمىدە تۇرغانغا ئوخشاش)تۇلۇق ئوتۇرا 1-يىللىق ئۇقۇغۇچىسىنىڭ شىكايتى

 

[ئادەتتە بىزنىڭ تېلفۇنلىرىمىز ئوقۇتقىچىنىڭ يېنىدا بولىدۇ، ئارام ئالغان كۈنلىرى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ]

 

بىر نەپەر ئۇيغۇر قىز ئۇقۇغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ھەممىمىز شىنجاڭنىڭ (ش ت) تىلفۇن كارتىسىنى ئىشلتىپ ئۆيلىرىمىزگە تىلفۇن قىلمىز، ئەگەر ئىشكىرنىڭ نۇمىرى بىلەن تىلفۇن قىلساق ، ئۈيمىزدىىكلەر بىزنىڭ تىلفۇنىمىزنى ئالسىلار ئ‍اۋارىچىلىققا  ئۇچىرايدۇ، چۈنكى يەرلىك ھۈكۈمەت نامەلەم نۇمۇر بىلەن ئالاقە قىلغاننى خەتەرلىك قىلمىش دەپ قارايدىغان  بولۇپ ئۈيمىزدىكىلەر ھەتتا جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن.

 

بۇ مەكتەپتىكى بىر نەپەر ئۇقۇتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: يەرلىك خىتاي ئۇقۇغۇچىلار ئۈزىنىڭ ئ‍ۇقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا ناھيتى ئ‍ەركىن ئالاقە قىلايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلارنى كۆرگەندە ناھايتى ئېتىيات ۋە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلدۇ چۇقۇم ئۇلارغا ئىگىلىپ سالام قلىشى كېرەك. بۇ شىنجاڭلىق (ش ت) ئۇقۇغۇچىلانى ئەڭ بىئارام قىلدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى . ئۇلار ئاتا- ئانىسىن يىراق بىر يەردە ھايات كەچۈرىدۇ، بۇلار ئۈچۈن گەپ قىلدىغان ئادەم يوق، كۆپلىگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى جازالاش لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان. 

 

ئۇقۇشتىن چىكىنىش ئۈچۈن ناھايتى قىممەت بولغان ئۇقۇش پۇلىنى تۈلەش كېرەك

 

بۇ ئۇقۇتقۇچى  مۇنداق دەيدۇ، گەرچە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى شۇنچە يۇقىرى، دەرت ئەلەملىرى ئىچىگە تۇشۇپ كەتكەن  بولسىمۇ ئۇلار مەكتەپتىن ھەيدىلىشتىن  قورقىدۇ. چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ رويخېتىنى باشقۇرۇش تۈزىمىدە ، ئۇقۇشتىن چېكىنگەن ئۇقۇغۇچى ھەر يىلىقى  ئۈچۈن مەكتەپكە بىر تۈمەن 4000يۈئەن خەلىق پۇلى تاپشۇرۇش تۈزىمى بىېكىتكەن بولۇپ بۇ ھەق دۆلەتنىڭ  تەربىيلەش چىقىمى ئېدى. 

 

بۇ سان كۆپ سانلىق شىنجاڭلىق (ش ت) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنسىز بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنىڭ سەۋەبى. چۈنكى كۆپ سانلىق شىنجاڭلىق (ش ت) ئۇقۇغۇچىلار يىلىغا تاپشۇردىغان بۇ قەدەر كۆپ چىقىمنى قايتۇرۇپ بۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئۇلار ئۈنسىز بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ بۇيەردە ئۇقۇشنى تاللاش. 

 

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە مۇنداق دەيدۇ: [دۆلەت ئۇلارنى ئاسانلىقچە يۇرتىغا قايتىشىقا  يول قويمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىشتىكى ئاساسلىق مەخسدى بولسا ئۇلارنى ئاسمىلاتىسيە قىلىش ، ھۆكۈمەتنىڭ دېيىشىچە  شىنجاڭ مۇستەللىق داۋاسى قىلدىكەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ يېزىقى ۋە تىلى باركەن، ئۇلارنى  كونتىرول قىلماق قىيىن، دۆلەتنىڭ نەزىرىدە بۇلار خەتەرلىك كۈچلەر، شۇڭا ھۆكۈمەت بۇلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلۋېتىشى كېرەك.  قانچىلىك  ئىقتىساد سەرىپ بۇلىشىدن قەتئى نەزەر ئۇلارنى بالا ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىچكىرىگە  ئەكىلىپ ئۇلارغا خىتايچە  ئۈگىتىپ ئۇلارنىڭ مىللى مەدىنيىتىنى يىلتىزىدن يوق قىلۋېتىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلار ئۇلارنى ڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئۈزىۋەتكىلى بولىدۇ.

 

مەنبەسى: زىمىستان تورى

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

« شەرىئەتتىكى مىراس ئىلمى ۋە مىراس تەقسىماتىدىن 500 ئۆرنەك» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

دۈ يانۋار 6 , 2020
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشىرگە تەييارلىغان «شەرىئەتتىكى مىراس ئىلمى ۋە مىراس تەقسىماتىدىن 500 ئۆرنەك» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى. كىتاب مىراس ئىلمى جەھەتتىن ئۆز مىللىتىمىز تالىپلىرى قولىدا بىر قەدەر مۇكەممەل يىزىلغان كىتاب بولۇپ، مىراس ئىلمىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ئەھكاملار ۋە مىراسخورلارنىڭ نىسىۋىلىرىگە ئائىت ھەر تۈرلۈك جانلىق مىساللار ئاددىي ۋە چۈشۈنۈشلۈك تىلدا سۆزلەنگەن. 423 بەتلىك مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مىراس ئىلىمىدا ئۇيغۇرچە ھەجىمى چوڭراق كىتابلارنىڭ كەمچىللىك ئورنىنى تولدۇردى. ئاددىي بىر تالىپنىڭ قەلىمىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ ئىسلى خىزمەتكە ئاپىرىن!

You May Like